A turkology blog

Archive for سېنتەبىر, 2005

BlogSpot ئىنكاس رامكىسى JavaScript كودىنى قوللىمىغاچقا ياكى چاپلاشقا رۇخسەت قىلمىغاچقا سىزگە تېما شەكىلدە ئىنكاس يېزىلدى. ئەپۇ قىلىڭ.

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
BlogSpot دىكى يېشىل دالا ئۇسلۇبىنىڭ ئىككى يان تەرىپىدىكى رەڭنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. ئۇ رەڭ ئەمەس، بەلكى رەسىم. ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن شۇ رەسىمنى ئالماشتۇرۇش كېرەك. ئارقا سەھنىدىكى كود تەھرىرلەش رايونىدىن مەزكۇر رەسىم ئادرېسىنى تاپالايسىز. ئەگەر سىز HTML بىلىملىرىگە پۇختا بولمىسىڭىز ئۆزگەرتەلىشڭىز ناتايىن، شۇڭلاشقا ياندا رەسىم يوق باشقا ئۇسلۇبنى تاللاپ، ئۇنىڭ رەڭگىنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغان. پەقەت ماس رەڭگە ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىزلا بولدى. بلوگسپوت تەمىنلىگەن بارلىق ئۇسلۇبلارنىڭ دىگۈدەك رەڭلىرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. تەپسىلى ئەھۋالنى ئۇسلۇب تاللاش بېتىدىن ئۇسلۇب تاللاپ بولۇپ، «رەڭ ۋە فونتلارنى ئۆزگەرتىش » دىگەن ئىقتىدار ئارقىلىق ئۆزگەرتىسىز.
BlogSpot نى BlogBus قا ئۆزلىكىدىن ئۇلىنىدىغان قىلماقچى. ياكى ھەرقانداق بىر تور بەتنى يەنە بىر تور بەتكە ئۆزلىكىدىن ئۇلىنىدىغان قىلىش ئۈچۈن.
سىز a تور بەتنى b توربەتكە ئۆزلىكىدىن ئۇلىنىدىغان قىلماقچى.


<!– 
location.replace(”http://a.blogspot.com”);
–>

يۇقارقى كودنى a تور بەتنىڭ ھەرقانداق html قوللايدىغان يېرىگە چاپلاپ قويسىڭىزلا بولدى.
BlogSpot قا چاپلىماقچى بولسىڭىز بەت كۆزنىكى قوشۇپ، ئۇنىڭغا كودنى يېزىپ قويسىڭىزلا بولدى.
Blogbus قا چاپلىماقچى بولسىڭىز Head دىگەن ھۆججەتنىڭ ئەڭ ئۈستىگە يېزىپ قويۇڭ.
http://a.blogspot.com نىڭ ئورنىغا b تور بەتنىڭ يەنى نىشان تور بەتنىڭ ياكى ئەڭ ئاخىرىدا ئېچىلماقچى بولغان تور بەتنىڭ ئادرېسىنى يازىڭ.