A turkology blog

Archive for ئۆكتەبىر, 2007

ئاتالمىش -تۈرك تىلى چوڭ لۇغىتى

بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ سەزگۈ تور كىتابخانىسدا بىر كىتابقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئىسمى : تۈرك تىلى چوڭ لۇغىتى ئىكەن. تەپسىلاتىنى كۆرەي دەپ ئاچسام ئاپتورى: مەھمۇد قەشقەرى دەپ تۇرىدۇ! ھەيرانۇ-ھەس قالدىم ، كىم ئۇلارغا شۇنداق ھوقۇق بېرىپتۇ! مەھەللىمىزدىكى كىنوخانىدا كونىراپ كەتكەن كىنوغا يېڭى ئىسىم قويۇپ قايتا بېلەت سېتىپ پۇل تاپىدىغان ئىشلار بار ئىدى! ئەمدى بۇلار بوۋىمىز مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇ كىتابىغا يېڭى ئىسىم قويۇپ نىمە قىلماقچى
كىتابنىڭ خەنزۇچە ئىسمى突厥语大辞典
بىر قىسىم ئاغزىدىن سۈت تەمى كەتمىگەن تەرجىمانلار ئاتا بوۋىلىرى ئىچىدە مەھمۇد قەشقىرى ئىسىملىك بىرسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ ،ئېشۇ خەنزۇچە خەتتىن ئۇدۇللادەپ ئېلىپ قويۇپتۇ ! ئېست ! سەزگۈ تورىمۇ بۇنداق خاتالىققا رۇخسەت قىلغان ئىكەن، ياكى بۇ توربەتنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى مەھمۇد قەشقەرى ياكى تۈركىي تىللار دىيۋانىنى بىلمىگەن ئىكەن بۇ تور بەتكە ئانچە چوڭ ئۈمۈدۈم قالمىدى

Advertisements

كاررېب دېڭىزىدىكى مۇسۇلمانلار- قۇرئان پاپىيامېنتو تىلىغا تەرجىمە قىلىندى

مادرېد تۆنۈگۈنكى خەۋرى : كاررىب دېڭىز ئاراللىرى يەرشارىدىكى مەنزىرسى ئەڭ گۈزەل ريونلارنىڭ بىرى ( تەكلىماكان بلوگ : كارب دېڭىزى ھەققىدە بىر نەرسە ئاڭلىسام كاررېب دېڭىز قاراقچىلىرى دىگەن كىنولا يادىمغا كېلىدۇ ). بۇ ئاراللاردا ياشايدىغانلار ئىسلام دىينىغا كىرىشكە باشلىغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا كۆپەيمەكتە. بۇ قېتىم كروزاۋ ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلار قۇرئاننىڭ پاپيامېنتو ( كاررېب دېڭىز ئاراللىرىدىكى يەرلىك تىل ) تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ئوتتۇرغا چىقاردى. بۇ خەۋەر شۇ جايدىكى ئالسنوتساي گېرزىتىغا بېسىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى
گېزىتتە مۇنداق دېيلگەن : بۇ قېتىم بۇ مۇقەددەس ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن 25 تەرجىمان ۋە تىلشۇناس يەتتە يىلدىن كۆپرەك تىرىشتى ۋە روياپقا چىقاردى. قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلىدىن تولۇق تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بۇ مۇقەددەس كىتابنىڭ تەرجىمىسدە ھىچقانداق خاتالىق بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلدى
Papiamento
پاپيامېنتو – كۆپ قېتىم ئاسسىلماتسىيىگە ئۇچرىغان تىل بولۇپ، كارىب دېڭىز ئاراللىرىدا ، يامايكا، ئارۇبا، كرۇزاۋ ۋە باشقا ئاراللاردا يەرلىك تىل سۈپىتىدە سۆزلىنىدۇ. ھازىر بۇ تىلنىڭ 60 پېرسەنت سۆزلۈكىنى پورتىگال ۋە ئىسپان تىلى ئىگىلەيدۇ، 25 پېرسەنت سۆزلۈكىنى نېدېرلاندىيە ( گوللاندىيە تىلى ) ئىگىلەيدۇ، قالغان 15 پېرسەنت سۆزلۈكى غەربى ئافرېقا تىللىرىدىن كەلگەن
يەرلىكتىكى ئېل نۇۋۇ ھېرالد گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە كاررېب دېڭىز ئاراللىرىدىكى كىشىلەر يېقىنقى يىللاردا تۈركۈملەپ ئىسلامغا كىرگەن ۋە سانى ھازىر شىددەت بىلەن كۆپەيگەن
كاررېب دېڭىز ئاراللىرى شىمالى ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ شەرقىغە ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمىغا جايلاشقان. ھاۋاسى ئىنتايىن ياخشى ،مەنزىرسى گۈزەل ئاراللار ھېسابلىنىدۇ
ئاللاھ ئۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارغا بەخت سائادەت بەرگەي !
يامايكا سارىيى ۋە كارېب دېڭىز قاراقچىلىرى ( بۇ كىنونىڭ ھازىرچە ئۈچ قىسىمى چىقتى ) قاتارلىق كىنولارنى ۋە كارېب دېڭىزى ھەققىدىكى نۇرغۇن رىۋاتلەرنى كۆرۈپ بۇ جاي ھەققىدە ئانچە مۇنچە تەسىراتىم بار ئىدى ! ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈپ توساتتىن بىر خىزمەت چىقىپ قالدى. ئۇ دەل نيويوركتىن كاررېب دېڭىزىغا قاتنايدىغان پاراخوتتا قوغداش خادىمى بولۇش ئىدى. مائاشى 580 ئامېرىكا دوللىرى، يامان ئەمەس خىزمەت ! پاراخوتتا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جايلارنى ساياھەت قىلىپ خىزمەت قىلىدىغان گەپ … نىمىدىگەن ياخشى ، بولىدىكەن دەپ بېرىپ ئىمتىھان بەردىم ، ئىمتىھان ئاساسلىقى ئېنگلىز تىلى ۋە مۇلازىمەت پوزتسىيسىدىنلا ئېلىنغان ئىدى. بۇ تۈرگە تىزىملىتىپ قويغان 60 نەچچە خەنزۇ قېرىنداشنى يېڭىپ مەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتتىم ، ئەمما كېيىن مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بۇ خىزمەتتىن ۋاز كېچىشكە توغرا كەلدى

قىسقا ئۇچۇردا ئىزدەش Google

تورغا چىقمايدىغان يانفونلاردا 999333 نومۇرغا ئىزدىمەكچى بولغان ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزۈپ گۇگۇل ئىزدەشكە بولىدۇ. بۇنداق ئىزدىگەندە گۇگۇل شىركىتى ھىچقانداق ھەق ئالمايدۇ، ئەمما سىز يوللىغان قىسقا ئۇچۇرغا نورمال ھەق تۆلەيسىز. گۇگۇل شىركىتىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى ھازىرچە جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ مۇلازىمىتىنى قوللايدۇ
ياردەم ئۇچۇرلىرى

توغراق ياۋىسى

توغراق ياۋىسى دىيارىمىزدا ياشايدىغان ياۋا كەپتەرنىڭ بىر تۈرى. مەھەللىمىزگە كۈز ۋە ئەتىيازدا ھەر يىلى توپ- توپ بولۇپ نەچچە مىڭلىغان توغراق ياۋىسى كېلىپ دانلاپ كېتەتتى ! بۇ كەپتەرلەرنىڭ تەڭرى تېغى تەرەپتىن كېلىپ ،يەنە تەڭرى تېغى تەرەپكە قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم ! بىر نەچچە يىل بوپتىكەن ، مەھەللىمىزنىڭ ئايىغىدىكى ئورماندا پادا بېقىپ باقمىغىلى ،بۇ قېتىم چىقسام ھىچ كەپتەر يوق ! ئەتراپتىكىلەردىن سورىسام توغراق ياۋىلىرى بىر – ئىككى يىلدىن بۇيان كەلمەس بولۇپ قاپتۇ، ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. مەھەللىمىزدە بۇ كەپتەرلەرنى ھىچكىم تۇتىۋالمايتتى،ھەم تۇتالمايتتى ! ئاللاھنىڭ بۇ ئەركىن قۇشلىرى نەگە كەتكەندۇ ؟ مېنىڭچە يىراققا كەتمىدى ، ئۇلار رېستۇراندا ئويناۋاتىدۇ ! شورپا قازانلىرىدا قايناۋاتىدۇ

قانچە قارا چېكىت بار

تۆۋەندىكى رەسىمدە قانچە تال قارا چېكىت ۋە ئاق قانچە ئاق چېكىت بار

ئارغامچىنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيىتى


بىر باغلام ئارغامچىنى بىر ئۇچىدىن تۇتىۋېلىپ ئاستا ئاستا پەسكە قويۇپ بەرسەك ،ئۇ يەرگە چۈشۈپ ئۆزلىكىىن يۆگىلىدىكەن. لەغمەن ئەشكەندىمۇ شۇنداق بولىدىكەن. ھازىر مۇتەخەسسلەر بۇ ئىشقا قارتا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ ، ئوخشاش بولمىغان ئارغامچىنىڭ ،ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىك ۋە ئوخشاش بولمىغان سۈرئەتتە يەرگە قويۇپ بېرىلگەندە يۆگىلىش ھالىتىنى كۆزەتكەن. ۋە جەريانىنى رەسىمگە تارتقان. ئەگەر ئارغامچا قانچە ئېگىزرەك جايدىن ،ۋە تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىلسە ئارغامچىنىڭ يۆگىلىشى بىر ئاز رەتسىز بولىدىكەن ، ئۈچۈنجى رەسىمگە ئوخشاش
ئەگەر ئارغامچا پەسرەك جايدىن ئاستىراق قويۇپ بېرىلسە ئىنتايىن تەكشى يۆگىلىدىكەن. ئىككىنچى رەسىمدىكىدەك
مەزكۇر تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغۇچىلار

Habibi, M., Ribe, N. M., and Bonn, Daniel. “Coiling of Elastic Ropes.” Physical Review Letters 99, 154302 (2007).

نيويوركتىكى ئۇيغۇر سامسىخانىسى

Brighton Beach, Brooklyn
نيو يورك برۇكلىن رايونى برايتن كوچىسىنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان مەخسۇس ئۇيغۇرچە تاماق چىقىرىدىغان ئاشخانىدۇر، بۇ ئاشخانا نيويوركتا سودىسى خېلى ياخشى ئاشخانىلارنىڭ بىرى ئىكەن
تۆۋەندە قەشقەر تېز تاماقخانسىنىڭ بىر قانچە سۈرەتلىرى بېرىلدى. قەشقەر تېز تاماقخانىسى نيويورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى جۇلىيا موسكىننىڭ نيويورك ۋاقتى گېزىتىگە بەرگەن ماقالىسىدا تونۇشتۇرۇلغان
سۈرەتلەرنى تەمىنلىگۈچى : جەنىفەر ئالتمان خانقىز
مۇناسىۋەتلىك ماقالە