A turkology blog

يىغىنى ئېچىلدى Adsense

تۆنۈگۈن ( 2007.10.26) گۇگۇل ئېلانى ( جۇڭگو ) يىغىنى شېنجېندا ئېچىلدى !
يىغىننىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى گۇگۇل ئېلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ ،كىرىمنى ئاشۇرۇش بولدى ! يىغىندا تەكىتلەنگەن ئاساسلىق ئەلالاشۇتۇرۇش ئۇسۇلى :
ئېلان شەكلى : 300*250 160*600 728*90 قاتارلىق مۇشۇ ئۈچ خىل ئېلان شەكلىنىڭ كىرىمى ئالاھىدە يۇقىرى ،شۇڭلاشقا توربېكەت ۋە بلوگ باشلىقلىرى ئامال بار مۇشۇ ئۈچ خىل ئېلان شەكلىنى تاللاپ قويسا بىر قەدەر مۇۋاپىق !
ئېلان ئورنى : بلوگلار ئېلاننى ئامال بار تور بەتنىڭ سول تەرىپىگە ( ئۇيغۇرچە بلوگلار ئوڭ تەرىپىگە ) قويۇش ، مۇنبەرلەر ھەر بىر تېمىنىڭ ئاستىغا گۈلگە – گۈل قوشۇلغاندەك ماسلاشتۇرۇپ قويۇش ،ئېلاننىڭ ئارقا كۆرۈنۈش رەڭگى بىلەن تور بەتنىڭ رەڭگى بىردەك بولۇش قاتارلىقلار ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتىنى يۇقىرلىتىدۇ .
ئېلان رەڭگى : توربەت ئومۇمى رەڭگىگە ئاساسەن ئېلان رەڭگىنى ماسلاشتۇرۇپ تاللاش ،ھەم ئېلان رەڭگى ئورنى ۋە ئېلان شەكلىنى پات – پات ئالماشتۇرۇپ ،تور بەت زىيارەتچىلىرىنىڭ قىزىقىشنى قوزغاش كېرەك !
چېكىلىش مەنبەسى : ( بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىۋاتقانلار ) چېكلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈپ ،قەستەن ئېلان چېكىۋاتقانلار بارمۇ-يوق ؟ قەرەللىك تەكشۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئېلان ھېسابىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىشى كېرەك !
يىغىندا يەنە سۇئاللار سورالدى ،جاۋابلار بېرىلدى ! ئەڭ ئاساسلىقراق ئېرىشىلگەن ئۇچۇر : جۇڭگودىكى تور بېكەتلەر ئېنگلىزچە ھالقىلىق سۆزلەرنى يېزىپ ،تور بېتىدە ئېنگلىزچە ئېلان كۆرسىتىپ ئادەم جەلىپ قىلىپ چەكتۈرۈشكە بولمايدۇ !
ئەگەر تور بېتىڭىز ئېنگلىزچە بولسا ( ياكى ئېنگلىزچە گۇگۇل ئېلانى كۆرۈنسە ) تور بەتنىڭ زىيارەتچىلىرى چوقۇم ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىن بولىشى كېرەك ،ھەم ئېلان چەككۈچىلەر مۇشۇ ئىككى رايوندىن بولمىسا تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ
يىغىندىن كېيىن يىغىنغا قاتناشقانلارغا گۇگۇل ئېلانى بەلگىسى بار كۆينەكلەر تارقىتىپ بېرىلدى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: