A turkology blog

Archive for نويابىر, 2007

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتىپى

قازاقىستاندا تەخمىنەن 3 يۈزمىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر بار ،ئۇلار ئاساسەن قازاقىستاننىڭ شەرقىي جەنۇبىدا تارغار، چۇنجا، ئالما – ئاتا، چىرىك قاتارلىق شەھەرلەردە ياشايدۇ. تۆۋەندىكى رەسىم چۇنجا شەھىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى قازاقچە ۋە ئۇيغۇرچە يول بەلگىسى، ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى ئۇيغۇر ( سلاۋىيان) يېزىقىدىكى يول بەلگىسى

قازاقىستان چىرىك شەھىرىدىكى دەرۋازىسىغا ئابدۇللا روزى باقىيوۋنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن ئۇيغۇر مەكتىپى

قازاقىستان چۇنجا شەھەرلىك ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى

سۈرەتلەرنى ياپونيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىنستىتۇتىدىن ناتسۇكو ئۇكا تەمىنلىگەن
Natsuko OKA (Institute of Developing Economies)

سۈزۈك قانات كېپىنەك

دەپ ئاتىلىدىغان بۇ خىل كېپىنەكنىڭ قانىتى خۇددى ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ، ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى پاناما بىلەن مېكسىكىغىچە بولغان ئورماندا ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ

Creta Oto سۈزۈك قانات كېپىنەك

ئىت مۈشۈكلەرنىڭ نەسلى قۇرۇش سەۋەبى

تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان رەڭگا-تۈرلۈك گۆشلەرگە قاراپ ئىت – مۈشۈك ۋە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇش سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم، بۇنداق گۆشلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەخسۇس زاۋۇتلار بار ئىكەن ئەمەسمۇ ئەسلىدە، دۆلەت نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان بۇغا دىگەندەك ھايۋانلارنى قوغدايدۇ، نىمىشقا مۇشۇنداق زاۋۇتلارنى تاقىۋەتمىگەندۇ. مۇسۇلمانچە دىگەن نام بىلەن ئاتالغان گۆش مەھسۇلاتى بىلەن مۇسۇلمانچە بولمىغان گۆش مەھسۇلاتى بىر زاۋۇت ،بىر سېخ ، بىر قازاندا قايناپ چىقىپ ، بىر تاللا بازىرىدا قوشنا يايمىدا سېتىلسا قانداق بولار ؟ بۇلار ئۆزۈم تارتقان
رەسىملەر
بۇ يەردە بىرەر ماركىغا ھۇجۇم قىلغىنىم يوق، بۇلار پەقەتلا بىر مىسال سۈرەتتە توشقان گۆشى، توشقان تۇتۇش يۇرتىمىزدا چەكلەندىمۇ يوق بىلمەيمەن، ئەمما بۇرۇن جاڭگالغا چىقساق، ياكى ئۆي ئەتراپىدا ، بوغداي ئورىۋاتقاندا، قوناق سۇغىرۋاتقاندا،مال بېقىۋاتقاندا يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان توشقانلارنى ئۇچرىتىش ،توشقان بالىلىرىنى كۆرۈش ئاددى ھەم كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى، تەبئىەت ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى

تەييار ئىشەك گۆشى

بۇغىمۇ چەكلەنگەن ھايۋان، تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بۇغا گۆشى بەلكىم ئۆلتۈرۈش چەكلەنمىگەن بۇغىنىڭ گۆشىدۇ

ئىت گۆشى

ھارام توخۇ گۆشى، بېشى ،ئىچ قارنى ،ۋە پۇت قاناتلىرىنى كەسمەي تۇرۇپلا قازاندىكى قايناۋاتقان قارا مايغا چىلاپ ئۈتلەپ يۇيغان توخۇلار. تەتەيلەر يۇيۇپ تازىلاپ بېرىدۇ، رېستۇرانلاردا مۇشۇنىڭدا خورداق ( داپەنجى) قورۇيدۇ، مۇسۇلمان قىز يىگىتلىرى يەپ ئۇسۇل – ئۇسۇل تانسا ئوينايدۇ… يىمەك – ئىچمەك بۇلغىنىدۇ، ئەقىل بۇلغىنىدۇ، ھەممە بۇلغىنىدۇ
قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ توخۇملىرىنى يېيىش مودا
شۇنچىۋالا جېق ئىت مۈشۈك، ئات – ئىشەك گۆشلىرى نەدىن كەلگەن؟ بۇ كارتۇچكىغا قاراڭ چىراغا يورۇقىدا خەتلەر تازا ئوچۇق تارتىلماپتۇ، ئوقۇپ بېرەي : قېرى، مېيپ، زەخمىلەنگەن ، ئۆلگەن، ئات، كالا ،ئىشەك، خېچىر سېتىۋالىمەن – شياۋ لىزى. مەن باش خوجايىن ، سىلەر مۇشۇ كارتا ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار باشقىلارغا قارىغاندا يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمەنكارتىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنە ، ئۆلگەن ياكى مېيىپلانغان ئات – ئىشەك، ئىت – مۈشۈك تاپسىڭىز ،ياكى كىمنىڭ ئۆيىدە بارلىقىنى بىلسىڭىز 50 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ئۇچۇر ھەققى بېرىمەن دەپ خەت بار بۇنداق باش خوجايىنلار يەنە ئۆلگەن كالا – قوي، تۆگە- ئۆچكە بولسىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىكەن، ھەم ئۇلارنى مەخسۇس پىششىقلاش زاۋۇتلىرىغا ساتىدۇ، بۇلار مۇسۇلمانچە قوي – كالا تەييار گۆشلىرى بولۇپ، تەييارلىنىدۇھارام نەرسىلەرنى ساتقۇچىلار ،ساتقانلارغا ياردەملەشكەنلەرمۇ گۇناھقا لايىق. مۇھىتنى ئاسرايلى، ھايۋاناتلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى، ئۇلار تۈگەپ كەتسە بىز يالغۇز قالىمىز

كۆچمە ئالاقىدە قىسقا ئۇچۇر كودى ئورتاقلاشتۇرۇلدى


بۈگۈن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ۋە جۇڭگو تېلىگرافى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، قىسقا ئۇچۇر كودىنى ئورتاقلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى، مەزمۇنى مۇنداق مۇشۇ يىل 12- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ مەيلى كۆچمە ياكى بىرلەشمە ياكى تېلگراف ئابونتى بولسۇن قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتسە نومۇرنىڭ بېشىغا بىردەك 106 نى قوشىدۇئادەتتە تېلۋېزور ياكى باشقا ئورۇنلاردىكى بېلەت تاشلاش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىدىكى كۆچمە خەۋەلىشىش ئابونتلىرى پالانى نومۇرغا، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى پۇكۇنى نومۇرغا، تېلگراف ئابونتلىرى پۇستانى نومۇرغا ئۇچۇر يوللاڭ دىگەندەك ئەخلەت مۇلازىمەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، بىرلا نومۇر تەسىس قىلىنىدۇمۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆزىڭىز ئىشلىتۋاتقان كۆچمە ئالاقە شىركتىدىن سۈرۈشتۈرۈڭ

چولپان ئەركىن ئابدۇللا بۆرە بىلەن بىرگە

ئاتاغلىق ناخشا چولپىنى ئەركىن ئابدۇللا 1999- يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئەركىن مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان، مەن ئەڭ دەسلەپ ئاڭلىغان ئۇنىڭ ناخشىسى كارۋان يولى ئىدى، ئەمما مەن ئۇنىڭ مىڭ بىر كېچە، مەن ئۆلەي، ئوردا خېنىم قاتارلىق ناخشا ۋە سۈرەتلىك ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرىمەن، بۇ دوستىمىزغا ۋە چولپىنىمىزغا نىسبەتەن توردا ياكى كوچا – كويلاردا ھەرخىل گەپ سۆزلەر بولسىمۇ، قەتئى تەۋرەنمەستىن مۇۋاپپىقىيەت قازانغانلىقىغا قايىلمەن. ئەلسۆيەر چولپىنمىز ئەركىن ئابدۇللا ئۆزىنىڭ بلوگىدا تورداشلارنىڭ نۇرغۇنلىغان گۇمانى سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ۋە چىگىشلەرنى يەشكەن، ئەركىن ئابدۇللا ھەققىدىكى تېخىمۇ تەپسىلى بايانلار كېيىنكى يازمىلاردا بېرىلىدۇ بۇ ماقالىدىكى سۈرەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەركىن ئابدۇللا بلوگىدىن ئېلىندى، بارلىق ھوقۇق ئەركىن ئابدۇللاغا مەنسۇپ



نۇسخا ئىچكى سىناق باسقۇچىدا Windows Live Messenger 9.0

نۇسخا ئېلان قىلىندى
بۇ قېتىمقى نۇسخىدىكى يېڭىلىقلار
كۆپ ئورۇندا بىرلا م س ن غا كىرگىلى بولىدۇ
تورغا چىققاندىكى ئەسكەرتىش ئاۋازى
مەيلى سىز ھېسابىڭىزغا كىرىڭ ،ياكى م س ن دىكى دوستلار كىرسۇن ئاۋاز چىقىدۇ، ھەم بۇ ئاۋازلارنى كومپيوتېرىڭىزدىكى باشقا ئاۋازغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ
بىخەتەرلىكى يۇقىرلىدى
ئەخلەت ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارنى چەكلەپلا قالماستىن دەل ۋاقتىدا مىكروسوفتقا مەلۇم قىلىپ بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان بولدى
ھەركەتلىك باش سۈرەت
ھەركەتلىك رەسىمنى باش سۈرەت قىلىپ بەلگىلىگىلى بولىدىغان بولدى
ئۇچۇر كۆزنىكى
ئۇچۇر كۆزنىكىگە ئۆزىڭىز خالىغان تور ئادرېسىلىرىنى كىرگۈزۈپ ساقلاپ قويالايسىز ،ۋە خالىغان ۋاقتىدا ئۈستىگە باسسىڭىزلا مەزكۇر تور بېكەت ئېچىلىدۇ
بۇلاردىن باشقا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بايقىمىدىم
چۈشۈرۈش ئادرېسى

بەشىنچى باشقارما باشقارما ھەركەتتە ( ھەممە قىسىملىرى تولۇق ) رەڭلىك ،ئەڭ سۈزۈك نۇسخا


بەشنىچى باشقارما ھەركەتتە

CI5 The Professionals
ئۇزۇن بولدى، تېلۋوزۇردىمۇ بەرمەس بوپ كەتتى بۇ تېلۋىزىيە تىياتىرىنى ،مېنىڭچە ھەممىمىز بەك ئامراق ! مەن ئاۋۇ بودى دىگەن سولتەككە بەك ئامراق. ئەمدى بۇ يەردىن ئەسلى نۇسخا، رەڭلىك ( مەن كۆرگەندە تېلۋۇزۇرلار رەڭسىز ئىدى) سۈزۈكرەك چىقىدىغاننى كۆرەيلى، كىنو بەك سۈزۈك بولغاچقا سەل چوڭراق، ئەمما ساقلاپ تۇرۇپ چۈشۈرۈڭ. چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىز، بۇ يازما بىلىك كۇلۇبىدىن كۆچۈرۈلدى، ئەگەر كومپيوتېرىڭىزدا ئىشەك چۈشۈرگۈچ بولمىسا بۇ يەردىن كىرىپ قاچىلاڭ

بولىشى كېرەك eMule بۇ كىنونى چۈشۈرۈش ئۈچۈن
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×01.avi 400.28MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×02.avi 400.24MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×03.avi 400.26MB
[CI5行动]Die.Profis.-.The.Professionals.1×04.avi 400.27MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×05.avi 400.27MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×06.avi 400.28MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×07.avi 400.26MB
[CI5行动]Die.Profis.-.The.Professionals.1×08.avi 400.26MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×09.avi 400.27MB
[CI5行动]Die.Profis.-.The.Professionals.1×10.avi 400.29MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×11.avi 400.26MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×12.avi 400.24MB
[CI5行动].Die.Profis.-.The.Professionals.1×13.avi 400.28MB
[CI5行动].the_professionals_-_2x01.avi 305.64MB
[CI5行动].The_Professionals_-_2x02.avi 305.16MB
[CI5行动].The_Professionals_-_2x03.divx.avi 332.94MB
[CI5行动].The_Professionals_-_2x04.avi 296.35MB
[CI5行动].The_Professionals_-_2x05.avi 303.34MB
[CI5行动].The_Professionals_-_2x07.avi 302.99MB
[CI5行动].The.Professionals.-.2×09.avi 304.28MB
[CI5行动].The_Professionals_-_2x10.avi 305.17MB
[CI5行动].The.Professionals.2-11.avi 350.36MB
[CI5行动].The_Professionals_-_3x01.avi 350.10MB
[CI5行动].The.Professionals.-.3×02.avi 303.91MB
[CI5行动].Professionals,_The_-_3x03.avi 304.67MB
[CI5行动].Professionals,_The_-_3x04.avi 350.10MB
[CI5行动].The_Professionals_-_3x05.avi 304.54MB
[CI5行动].The_Professionals_-_3x07.avi 305.48MB
[CI5行动].The_Professionals_-_3x08.avi 303.68MB
[CI5行动].The_Professionals_-_3x05.avi 304.54MB
[CI5行动].The_Professionals_-_3x07.avi 305.48MB
[CI5行动].The_Professionals_-_3x08.avi 303.68MB
[CI5行动].The_Professionals_-_4x03.avi 350.20MB
[CI5行动].The.Professionals.-.4×08.avi 350.08MB
[CI5行动].Professionals,_The_-_4x11.avi 350.37MB
[CI5行动].The.Professionals.-.4×13.avi 350.46MB
[CI5行动].The.Professionals.-.5×02.avi 350.22MB
[CI5行动].Professionals,_The_-_5x04.avi 350.19MB
[CI5行动].The_Professionals_-_5x07.avi 350.19MB
[CI5行动].Professionals,_The_-_5x11.avi 350.32MB
Hemmisi 13.62GB

5-باشقارما ھەركەتتە