A turkology blog

گۇگۇل شىركىتى كىلەر ھەپتىدە 30 دىن ئارتۇق خەۋەرلىشىش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ يانفون ئىنقىلابى يىغىنى ئاچماقچى، ئۆتكەن ھەپتە ۋولسچرت
گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئوبزورچى گارتنېر ئەپەندى : گۇگۇلنىڭ ئۆز ئالدىغا مەشغۇلات سېستىمىسى يېزىپ يانفون ياسىيالىشى مۇمكىن ئەمەس! يانفون مەشغۇلات سېستىمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر نەرسە ،ئەلۋەتتە بىز گۇگۇلنىڭ ئۇنداق قىلالىشىدىكى ئىقتىسادى ۋە تېخنىكا كۈچىدىن گۇمانلانمايمىز ،ئەمما گۇگۇلنىڭ بۇ جەھەتتە تەجىربىسى يوق! -دىگەن ئىدى . ۋولسچرت گېزىتىغا ئوبزور بەرگەن يەنە بىر كىشى تولۇنئاي بۇ گەپكە قارتا رەدىيە بېرىپ : گۇگۇل بۇ ھەقتە ئاللىبۇرۇن تەتقىقات ئېلىپ باردى ۋە مۇۋاپپىقىيەت قازاندى، گۇگۇلنىڭ ئۆزىنىڭ يېڭى سېستىمىسى بىلەن چىقىدىغان يانفون كىلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرسىدا بازارغا كىرىدۇ
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا گۇگۇلنىڭ بۇ يانفونى يېڭى بىر مەشغۇلات سېستمىسى ئاساسىدا ئىشلەيدىكەن ،ھەم بۇ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئىسمى ئاندرويد بولۇپ، لىناكس كودى ئاساسىدا يېزىلغان. بۇ يانفون گۇگۇل ئېلخەت ۋە خەرىتە مۇلازىمىتىنى قوللىغاندىن باشقا، ھازىر بار بولغان يانفون سېستىمىلىرنىڭ پروگراممىلىرىنىمۇ قوللايدىكەن. گۇگۇل ھازىر ئاللىبۇرۇن 30 دىن ئارتۇق خەۋەرلىشىش كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ بولدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق نەكستېل، ئامېرىكا كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى، موتورولا، سامسۇڭ، گوتوۋن ۋە برادكوملارمۇ بار
خەۋەرنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋولسترىت گېزىتى، سايدى خەۋەر قانىلى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: