A turkology blog

بۈگۈن مىكروسوفت خەۋەر قانىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئەنگىليىدىكى داڭلىق مەتبۇئات كرىئاتور سىنەكتېكس دۇنيادا ھايات ياشاۋاتقان 100 مەشھۇر تالانت ئىگىسىنى باھالاپ چىققان، بۇلارنىڭ ئچىدە بېن لادىن بىلەن بېل گەيتىس 43- ئورۇنغا تىزىلغان، بۇ مەتبۇئات ئەنگىليىدىكى تۆت مىڭ كىشىگە ئېلخەت يوللاپ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى تالانت ئىگىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە بۇ كىشىلەر ئوتتۇرغا قويغان تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئىچىدىن 100 كىشىنى تاللاپ چىققان
بۇ تالانت ئىگىلىرى ئېلىم-پەن ، تېخنىكا، سودا ۋە سەنئەت جەھەتتىن مۇۋاپپىقىيەت قازانغان مەشھۇر شەخىسلەر ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرىدا تېرورچى دەپ نامى ئاتىلۋاتقان ئوساما بېن لادىن ، داڭلىق باي بېل گەيتىس، ۋە بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلى قاتارلىقلار 43- ئورۇنغا تىزىلغان. بۇ يۈز تالانت ئىگىسىنىڭ ئىچىدە ئەنگىليىلىكلەر ئەڭ كۆپ بولۇپ، ھەر ئىككى مىليون بەي يۈز مىڭ ئەنگىليىلىكتىن بىر تالانت ئىگىسى چىققان، سەنئەتكارلار ئومۇمى تالانت ئىگىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن، ئاياللار 15 پېرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ھەيران قالىمەن ،بىر كۈنى تېرورچى دېۋاتقان ،بىر كۈنى تالانت ئىگىسى دېۋاتقان، ئېشۇ ئەنگىليىلىكلەر ياخشى كۆرمىسە بېن لادىننى 43- ئورۇنغا تىزىپ تالانت ئىگىسى دېمەستى، نەدە قالدى ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇ تېرورچىغا بولغان ئۆچمەنلىكى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: