A turkology blog

بىر مىليون دوللارنى قانداق تاپتىم؟
How to make Million Dollars By Marshal Brain
ئاپتورى: مارشال برەين ( ئامېرىكا )
بۇ ماقالە مارشال برەين ئەپەندىنىڭ بلوگىدىن تەرجىمە قىلىندى
مەن ھازىرغىچە ئۈچ خىل سودا بىلەن شۇغۇللاندىم، ئەمما مەن تالانت ئېگىسى ئەمەس. بەزىلەر مېنى بۇنىڭ خۇدا بەرگەن چوڭ مېڭىسى بار دەيدۇ ( فامىلەم برەين ئېنگلىزچىدا مېڭە دىگەن مەنىدە ) بولغاچقا، بۇ ماڭا زور ئۈمىد بېغىشلىدى. مەندەك بىر ئادەم ئۈچ خىل سودا ساھەسىدە كۆزگە كۆرىنەلىگەن ئىكەن، ھەرقانداق ئادەم شۇنداق قىلالايدۇ، تۆۋەندە مەن قانات يايدۇرغان ھەر بىر سودىنى تەپسىلى سۆزلەپ ئۆتەي، سىلەرمۇ مېنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىمنى ئاسانلا بىلىۋالالايسىلەر
نەشىريات
نەشىريات – مەن يولغا قويغان بىر تۈر. ئېنىقراق ئېيتقاندا مەن ۋە ئايالىم قۇرغان نەشىرىيات شىركىتى. مەن بىر قانچە كىتاب يازدىم ۋە باتېرۋورس ھېيانامان، پرېنتايس ھول، ۋىللى قاتارلىق ئۈچ نەشىريات بىلەن ھەمكارلىشىپ، نەشىر قىلدۇردۇم. كېيىن ياشلار ئوقۇيدىغان بىر كىتاب يېزىپ قايسى نەشىرياتنىڭ تېزراق بۇ كىتابنى نەشىر قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھىچنىمە بىلمىدىم. ( گەرچە بازارلىق كىتابلارنى كۆپ يازساڭمۇ، نەشىريات ھامان سېنى سوكۇلدىتىۋېرىدىكەن، بۇ ئويۇننىڭ بىر قائىدىسى) ،ئاندىن بىز ئۆزىمىزنىڭ نەشىريات شىركىتىنى قۇرۇشنى قارار قىلدۇق
بۇ يەردە نەشىريانىڭ سودا ئۇسلۇبىنى ئازراق سۆزلەپ ئۆتەي، ھەرقانداق بىر كىتابنى مىسالغا ئالايلى، ئۇ تەخمىنەن ئۈچ- تۆت يۈز بەت ئەتراپىدا بولسۇن، ئۇنىڭ چىرايلىق، رەڭلىك مۇقاۋىلىق تېشى بار، كىتابنىڭ ئارقىسىدا تاياقچە كودى بار، مۇشۇنداق بىر پارچە كىتابنى بېسىپ چىقسا قانچە پۇل بولار ؟ ئەگەر ئادەتتىكى نەشىر سانى بويچە مىڭ تال دەپ تۇرساق، ئۇ ھالدا ھەر
بىر كىتابنى بېسىش ئۈچۈن كەتكەن ھە ئىككى دوللارغىمۇ يەتمەيدۇ. ئەمدى كىتابنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان مۇقىم باھاسىغا قاراپ باقايلى ، بۇنداق كىتابلارنى 15 دوللاردىن 20 دوللارغىچە پۇل بولمىسا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. بۇنى ئون ھەسسە پايدا ئېلىش دەپ ئاتايمىز ! ئەگەر سىز 2000 دوللار خەجلەپ ، مىڭ پارچە كىتاب باسقۇزسىڭىز سېتىۋەتكەندىن كېيىن ئىككى تۈمەن دوللار تاپالايسىز، ئەگەر ئون مىڭ دانە باستۇرۇپ سېتىۋەتسىڭىز ئىككى يۈز مىڭ دوللار تاپالايسىز، ئەگەر يۈز مىڭ پارچە ساتسىڭىز ، ئاھ خۇدا ! ئىككى مىليون ! ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ساپ كىرىم ئەمەس . سىز كىتاب ساتقاندا كىتابخانا كىرىمنىڭ بىر قىسىمىنى ئالىدۇ- ئەلۋەتتە بۇ توغرا ! سىز يەنە كىتابنى ساقلاش ، توشۇش دىگەندەك زۆرۈر بولغان باشقا ھەقلەرنى تاپشۇرشىڭىز كېرەك، ئەمما بىر مۇھىم نوقتىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر سىز كىشىلەر ئوقۇشنى خالايدىغان بىر پارچە كىتاب يېزىپ چىقسىڭىز مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تاپالايسىز. ئۆتكەن ئوننەچچە يىلدا بۇ ئىشلار بەك ئاسانلىشىپ كەتتى. بۇ يەردە ھىلبرسنى مىسال ئېلىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ
بىز ئۆزىمىزنىڭ نەشىرياتى ئارقىلىق نامىلىق كىتابنى نەشىر قىلدۇق. ھازىر ئاللىبۇرۇن 8-قېتىملىق نەشىرى چىقىپ بولدى. بۇ ئىشلار شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى، دەسلەپتە 5000 پارچە بېسىپ ساتقان، پۈتۈنلەي سېتىپ بولدۇق ، ئىككىنچى قېتىمدا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك باستۇق ،ئۇنىمۇ سېتىپ بولدۇق. يەنە تېخىمۇ كۆپەيتىپ باستۇق .. شۇنداق قىلىپ ھازىر 8- قېتىملىق نەشىر قىلىنىشى. بۇ كىتاب ھاررى پوتېرغا ئوخشاش بازارلىق كىتابمۇ ؟ ياق ، ئۇنداق ئەمەس. ئەمما بۇ نوقتا مۇھىم ئەمەس، ئىشقىلىپ بىز مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بەك نۇرغۇن پۇل تاپتۇق
مۇلازىمەت
مەن بىرىنچى كىتابىمنى يازغاندىن كېيىن، قىزىقارلىق ئىشلار يۈز بېرىشكە باشلىدى، بۇ كىتابنى ئىسمى بولۇپ، ئوننەچچە يىل ئىلگىركى بىر مەشغۇلات سېستىمىسنى تونۇشتۇراتتى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ يۇنىكس كومپيوتېرلىرىدا كۆزنەكلىك مەشغۇلات ئېلىپ بارغىلى بولاتتى. بۇ كىتاب نەشىرياتتىن چىقىپلا ۋولسترىتتىكى بارلىق شىركەتلەر دىگۈدەك مۇلازىمىتېرلىرىنى يۇنىكس ۋە موتىفقا ئالماشتۇردى. شۇڭلاشقا مەن كىتاب چىقىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا موتىفنىڭ تەربىيلەش كۇرسى ۋە مەسلىھەت سوراش ئىشلىرى ھەققىدىكى تېلفوننى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا باشلىدىم
پۇرسەت كەلگەن ئىدى، ئەمدى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەن بۇ كىتابنى يازغان چاغدا ۋوستىرىت كوچىسىدىكى شىركەتلەرنىڭ مۇلازىمىتېر سېستىمىسنى يېڭىلاش پىلانى بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. دەپمۇ-دەل چاغ ۋە جايدا مەن پەيدا بولۇپ قالدىم. شۇنداق قىلىپ بىر دوستۇم بىلەن بۇ سودىنى باشلىۋەتتۇق. بىز تەربىيلەش كۇرسى ئاچتۇق ،مەسلىھەت بېرىش ئورنى قۇردۇق، پروگرامما يازدۇق. مەن يازغان كىتاب، ئاغىنەم ۋە ئاغىنەمنىڭ كومپيوتېرى، 400 دوللار پۇل بىلەن بىز راستىنلا باشلىۋەتتۇق. تۇنجى قېتىم باشلىغان بۇ ئىشقا ھىچقانداق بىلىمىمىز يوق ئىدى، ئۆزىمىز قىلىۋاتقان بۇ سودىنىڭ قائىدىلىرىنى بىلمەيتتۇق. ئەمما تەلىيمىز ئوڭدىن كەلدى. دەسلەپتە قوڭالتاقلا باشلىغان بۇ ئىشتا كېينچە 25 دىن ئارتۇق خىزمەتكارىمىز بولدى. ھەر يىللىق سودا سوممىمىز نەچچە مىليون دوللارغا يەتتى. ھازىر بۇ تىجارەت ھېلمۇ بار، ئاغىنەم ھېلىمۇ مۇشۇ شىركەتنى ئېچىۋاتىدۇ، مەن بۇ ئىشتىن چېكىنىپ چىقىپ
تور بېتىنى قۇردۇم howstuffworks.com
تور
ئىنتېرنېت ھەققىدە سۆزلىسەك گەپ تولا. قىسقىچلا قىلىپ ئېيتسام بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئىنتېرنېتتا تاپىدىغان بەك جېق پۇل بار. گۇگۇلنى ئالايلى، ئادسېنس پروگراممىسى ۋە ئىزدەش ماتورىغا ئېلان قىستۇرۇش پروگراممىسى ئارقىلىق توردا پۇل تېپىشنى شۇنداق ئاسانلاشتۇرۋەتتى. سىز قىلىدىغانغا جېق ئىش قالمىدى. پەقەت بىر تال توربەت ( بلوگ ) ياساپ ، ئۇنى – بۇنى يېزىپ ئويناپ، خەقلەرنى تور بېكەتكە باشلاپ كىرسڭىزلا بولىدۇ. مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا پۇل ساناشقا باشلايسىز
مەن 1998 -يىلى ئىشتىن سىرىتقى قىزىققۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ دىگەن تور بېكەتنى قۇردۇم. 2000-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ھەقىقەتەن تورداشلار تەرىپىدىن بەكمۇ قارشى ئېلىنىدىغان تور بېكەتكە ئايلىنىپ قالدى، ۋە ھەقىقى سودا ئۇسلۇبىدا باشقۇرۇشقا توغرا كەلدى. ھازىر ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 1000تور بېكەتنىڭ ئىچىدە. ھەر ئايلىق زىيارەت سانى ئالتە مىليونغا يېتىدۇ. ھەم ھەر ئايدا تور بېكەتتىكى ئالتە يۈز مىليوندىن كۆپرەك بەت ئوقۇلىدۇ. ئىنتېرنېت ھەققىدە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ئۇ تولىمۇ ئەركىن ئوينايدىغان سورۇن. ئەگەر سەن بىر تورداش ياقتۇرىدىغان تور بەت ياسىيالىساڭ، ئۇ تورداش بېرىپ ئۆزىنىڭ دوستلىرىغا پالانى تور بەت ياخشىكەن دەيدۇ. دوستلىرى قوپۇپ يەنە دوستلىرىغا دەيدۇ، شۇنداق قىلىپ، رەڭگا تۈرلۈك تور بېكەتلەر مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تەرەققىي قىلىپ كېتىدۇ. مات دراگ، جراج خەۋەرلىرى، جرۇ كېرتس، فارك ياكى روب مالدا، سلاش دوت تور بېكەتلىرىگە قاراپ بېقىڭ ، بۇ بېكەتلەرنىڭ قانچىلىك زىيارەتچىسى بارلىقىنى ئالېكسادىن كۆرۈپ بېقىڭ. بۇ تور بېكەتلەر ئانچە مۇرەككەپ بېكەتلەرمۇ ئەمەس، ئەمما ئۇلار تورداشلارنى تۇتۇپ تۇرالايدۇ
دەل شۇنىڭدەك ، بۇ نىمە ئۈچۈن ( مېنىڭ تور بېتىم ) ئادەم تۇتۇپ تۇرالايدىغان تور بېكەتتۇر. تور بېكىتمىنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنالىشىدا بەك كۆپ سەۋەبلەر بار. بىر قىسىم سەۋەبلەر تەلىيىمنىڭ ئوڭ بولغانلىقىدىن. بىر قىسىم سەۋەبلەر مەن كىشلەر ياقتۇرغان يازغۇچى بولغانلىقىمدىن. بىر قىسىم سەۋەبلەر قىيىن كۈنلەردە تور بېكەت تاقىۋىتىلمەي بەرداشلىق بەرگەنلىكتىن، بىر قىسىم سەۋەبلەر تالانتلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە باشقۇرۇپ ، بۇ تور بېكەتنى تېىخمۇ ياخشى تەرەققى قىلدۇرۇش ھەققىدە ئىزدەنگەنلىكتىن، مانا مۇشۇلار . ئەگەر مەن ئاشخانامدىكى پەشخۇننىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويغان كومپيوتېردا جېدەللىشىپ يۈرۈپ، بۇ تور بېكەتنى ياساشنى باشلىمىغان بولسام ، بۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى يۈز بەرمەيتتى. مەن ھەممىنى باشتىن باشلاپ ئۆگەنگەن
( تەكلىماكان- بۇ يەردە تىلغان ئېلنغان ماقالە تەرجىمە قىلىنۋاتىدۇ) ۋاقتىدا يەتكۈزۈلدۇ
سىزنىڭ نىشانىڭىز
سىزنىڭ نىشانىڭىز ئوخشاش ئىشنى قىلىش. سىز قىلىدىغانغا يەنىلا جېق ئىش قالمىدى، ھازىر سىزنىڭ بىردىن بىر نىشانىڭىز كىشىلەر قىممىتى بار دەپ ئويلىغان نەرسىلەرنى تېىش. ( بۇ سۆز يېتەرلىك بولغاندۇ ) – تامام
تەرجىمە قىلغۇچى – تەكلىماكان

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: