A turkology blog

ھەققىدە OpenSocial

گۇگۇل شىركىتى فەيسبۇكنى سېتىۋېلىشتا مىكروسوفت شىركىتىگە يېڭىلىپ قالغانلىقتىن، فەيسبۇكقا ئوخشايدىغان پروگرامما ئوپېن سوۋشال ( ئىجتىمائىلىشىش ) نى ئوتتۇرغا چىقارغان
The web is better when it’s social OpenSocial
گۇگۇل شىركىتى بۇ قېتىم بۇ پروگراممىنى چىقىرىپ
Friendster, Linkedin, Salesforce.com, Oracle, Hi5, Plaxo
قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلاشقان . بۇ پروگرامما ھەققىدىكى مېنىڭ دەسلەپكى چۈشەنچەم : سۈرەت ۋە ئۆزىنىڭ ئارخىپلىرىنى باشقىلارغا ئېلان قىلىپ دوستلىشىدىغان، بلوگ يازىدىغان، پاراڭلىشىدىغان ،ياكى خىزمەتداشلار، دوستلار، تورداشلار ئوتتۇرسىدا ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بۇنداق تور بېكەتلەرگە تىزىملاتقۇچىلار گاڭگراپ قالماقتا، ھەم بۇنداق توربېكەتلەرنى قۇرغۇچى شىركەتلەرمۇ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىشماقتا، گۇگۇل شۇڭلاشقا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش داڭلىق تور بېكەتلەردىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئابونت نامى ،مەخپى نومۇرى ،رەسىملىرى ۋە يوللىغان يازمىلىرى ، بارلىق سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئورتاقلاشتۇرىدىغان ئىجتىمائىلىشىش پروگراممىسىنى يولغا قويدى
بۇ پروگرامما ئارقىلىق تورداشلار گاڭگراپ قالمايدۇ، بىر داڭلىق توربېكەتتە يوللىغان رەسىم ۋە يازمىلارنى يەنە بىر توربېكەتكە يۆتكەش ھاجەتسىز، بىر پاسپورت ئارقىلىق ھەممە تور بېكەتتە ئەزا قاتارىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ. بۇ تورداشلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زور ئاۋارچىلىقلارنى ئازايتىدۇ
بۇ پروگرامما ئارقىلىق تور بېكەت قۇرغۇچى شىركەتلەر تېخىمۇ كۆپ زىيارەتچى ۋە ئەزاغا ئىگە بولالايدۇ، ئەلۋەتتە بۇ ئۇلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل دىگەن گەپ !
مۇنداقچە ئېيتقاندا يۇقىرقى پروگراممىغا ھەمكارلاشقان تور بېكەتلەردىكى ئەزالارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بىردەك گۇگۇل ئىجتىمائىلاشتۇرۇش مۇلازىمتېرىدا ساقلىنىدۇ ۋە يۇقارقى تور بېكەتلەرنىڭ ھەممىسدە بىردەك كۆرسىتىلىدۇ
تۆۋەندىكى مەخسۇس بۇ پروگراممىنى چۈشەندۈرىدىغان سىننى كۆرۈپ بېقىڭ

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: