A turkology blog

مىليادېرلار 2007

ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ژۇرنال فوربوس 2007-يىللىق مىليادېرلارنىڭ
تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر ژورنالدا ئېيتىلىشچە بۇ يىل پۈتۈن يەرشارىدىن 946 مىليادېر چىققان ( ئەسكەرتىش : بۇ مىليادېرلارنىڭ پۇلى پەقەت ئامېرىكا دوللىرى بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ) بولۇپ، بۇلتۇرقىغا قارىغاندا 178 مىليادېر كۆپەيگەن، 17 باي بىر – ئىككى يىل بۇ تىزىملىكتىن چۈشۈپ قېلىپ ،بۇ يىل يەنە قايتىپ كەلگەن. ئۆتكەن يىلقى مىليادېرلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى بۇ يىل تېخىمۇ بېيىپ كەتكەن، ئارانلا 17 پېرسەنتى بۇرۇنقىغا قارىغاندا نامراتلاشقان
ۋىليام ھېنرى گەيتىس ( مىكروسوفت شىركىتنىڭ خوجايىنى ، بېل گەيتىس ) بۇ يىلمۇ 56 مىليارد پۇلى بىلەن يەرشارى مىليادېرلىرى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى. پۇلى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا كۆپەيگەن
ئالبېرت ۋان يەرشارىدىكى ئەڭ ياش مىليادېر بولۇپ ،بۇ يىل ئارانلا 23 ياشتا ، ئۇ گېرمانىيدە تۇغۇلغان، ھازىر ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەت ۋە روسىيەنىڭ پۇقراسى، كۆپ سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، تېخى توي قىلمىغان ( ما كاساپەتنىڭ يېشى مېنىڭكى بىلەن تەڭكىنا دېسە ) بۇ يىل ئۇنىڭ ئىككى مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پۇلى بار
تۈركىيەدىكى مىليادېرلارنىڭ كۆپىيىشى ئىنتايىن تېز بولغان، تۈركىيەدىن بۇ يىل 25 مىليادېر چىقىپ ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا ھەسسىلەپ ئاشقان، بۇلارنىڭ ئىچىدە تۈركىيە ئۈلكەر گورۇھىدىن چىققانمۇ بىر قانچەيلەن بار
جۇڭگودا تۇغۇلۇپ، جۇڭگودا تىجارەت قىلىپ باي بولغانلاردىن بۇ يىل 17 مىليادېر چىققان ( مەن 2005- يىلى چىققان فوربوس ژۇرنىلىدىكى مىليادېرلارنى ئەسلەپ ئۆتسەم ،ئۇنىڭدا ۋاڭكۇاڭيۈ ئىسىملىك بىرلا جۇڭگولۇق مىليادېر بار ئىدى، بۇ يىل 17 ئادەم بوپتۇ ،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاۋمېن ، خوڭكوڭ، ۋە تەيۋەندە تىجارەت قىلىدىغانلارنى قوشسا تېخىمۇ كۆپ….. 2005-يىلى چىققان مىليادېرلارنىڭ ئىچىدە ئەلىجان ئىبراھىم دەپ بىر قازاقىستانلىق ئاداشمۇ بار ئىدى، ئەلىجان ئىبراھىم ئەينى يىلى دۇنيادىكى 500 مىليادېر ئىچىدە 1.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پۇلى بىلەن 500- ئورۇندا تۇرغان ) دۇنيادىكى مىليادېرلارنىڭ ماتېرىيالى داۋاملىق يوللىندۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: