A turkology blog

گۇگۇل ئېلانى ئارقىلىق كىرىم قىلىۋاتقانلار ئويلايدۇ، گۇگۇل شىركىتى بىر قاتار ئالدامچىلىقنى تەكشۈرىدىغان ماشىنا ۋە پروگراممىلار ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىپ، گۇگۇل ئېلانى ئارقىلىق پۇل تاپقانلارنى تەكشۈرىدۇ. ئۇنداقتا گۇگۇل زادى قانداق ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ئېلانىنى ئۆزى چەككەنلەرنى تاپالايدۇ؟ تۆۋەندە گۇگۇلنىڭ بۇ جەھەتتىكى تېخنىكىلىق ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرىمەن
ئادرېس ئارقىلىق تەكشۈرۈش IP
ھەرقانداق ئادەم بۇ ئۇسۇلنى چۈشىنىدۇ، ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىكى گۇگۇل ئېلانىنى چەككەن ئادەمنىڭ ئادرېسى ، سىزنىڭ ئادرېسىڭىز بىلەن ئوخشاش بولسا گۇگۇل سىزدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ
ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتى
ئادەتتە بىر تور بېكەتتىكى گۇگۇل ئېلانىنىڭ چېكىلىش نىسبىتى 10 پېرسەنتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى ئەگەر تور بەتكە 100 ئادەم كىرسە ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 قېتىم چېكلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا گۇگۇل سىزنىڭ ھېساۋاتىڭىزنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ. ئەڭ مۇۋاپىق بولغان چېكىلىش نىسبىتى 0.5 پېرسەنت بىلەن 10 پېرسەنتنىڭ ئارلىقىدا بولسا بولىدۇ
جۇغراپىيىلىك ئورۇن
گۇگۇلنىڭ خەلقئارادا ئەڭ ئىلغار ئىز قوغلاش تېخنىكىسى بار ، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئورگانلىرىمۇ گۇگۇلدىن بۇ جەھەتتە پايدىلىنىدۇ، گۇگۇل كۆزگە چېلىقمايدىغان كىچىك يېزا-بازارلارغىچە ئىز قوغلىيالايدۇ. ئوخشىمىغان ئىككى ئايپىي ئادرېسى بار كومپيوتېردىن ئېلان چېكىپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنالمايسىز. شۇڭلاشقا ئۇ – بۇ تورخانا ئالمىشىپ ئېلان چېكىمەن دەپ ئويلىماڭ
Cookies
كۆپلىگەن ئائىلىدە تور ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئادرېسى مۇقىم ئادرېس ئەمەس، ئەگەر تورنى ئۈزۈپ قايتا ئۇلىسىلا ئادرېس ئۆزگىرىدۇ، ئەمما ئۇنتۇپ قالماڭ ، گۇگۇل سىزنىڭ كومپيوتېرىڭىزغا ئۆزىنىڭ مىكرو پروگراممېلىرىنى ئورناتقان. بۇ پروگرامما ئارقىلىق ئايپى ئادرېسى ئۆزگەرسىمۇ گۇگۇل ئېلاننىڭ بىرلا كومپيوتېردىن چېكىلۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ
گۇگۇلنىڭ باشقا مەھسۇلاتلىرى
گۇگۇل ئېلاندىن باشقا يەنە بىر قاتار ئېسىل مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلىگەن ، مەسلەن : تور بەت زىيارەت ئانالىزى ،ئېلخەت، خەرىتە، ئىزدەش تارىخى، ئالىي مەكتەپ ئىزدەش، كود ئىزدەش، بلوگ ۋە باشقىلار. گۇگۇل ئېلان ھېساۋاتىمغا كىرمىسەملا گۇگۇل مەن ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ
ئىزدەش ماتورى
ئەگەر سىزنىڭ تور بېتڭىز ھىچقانداق ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن يىغىلمىغان بولسا، ۋە ھىچقانداق داڭلىق تور بېكەتتە ئۇلىنىشى بولمىسا، تور بېتىڭىزگە نەدىن كەلگەن يۇقىرى زىيارەت قېتىمى بۇ
ئىلھاملاندۇرۇپ ئېلان چەكتۈرۈش
بۇ ئېلاننى چېكىپ قويۇڭ ، تور بېتىمىزنى قوللاڭ دىگەندەك سۆزلەرنى ئېلان ئەتراپىغا ئاسماڭ ، سىزچە گۇگۇل شىركىتىدىكىلەر سىزنىڭ تور بېتىڭىزنى كىرىپ كۆرۈپ باقماسما، ھەتتا ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولمايدۇ، ئۇنتۇپ قالماڭ ، گۇگۇل شىركىتى ئۇيغۇرچە تور بېتىنىمۇ چىقاردى. ئۇلارنىڭ تەكشۈرىدىغان ئادەملىرى بار
ئېلان ئۈنۈمى
ئېلان ئۈنىمى دىگىنىمىز سىزنىڭ تور بېكىتڭىزدە ئېلاننى چېكىپ، ئېلان چەككۈچىلەرنىڭ ئېچىلغان تور بەتتىكى مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ( ياكى شۇ ئېلان مەزمۇنى بويچە مەزكۇر تور بەتكە ئەزا بولۇش دىگەندە ) نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تور بېتىڭىزدىكى ئېلاننىڭ ئۈنۈمى بەك تۆۋەن بولسا، سىزنىڭ تور بېتىڭىزگە تۆۋەن باھالىق ئېلانلار قويۇلۇپ قالىدۇ، ئەگەر تور بېتڭىزدىكى ئېلانلارنىڭ ھىچقانداق ئۈنىمى بولمىسا ھېساۋاتىڭىز پېچەتلىنىدۇ ( ئەسكەرتىش : گۇگۇل ئېلان ئۈنىمى سەۋەبىدىن ئاسانلىقچە ھېساۋاتىڭىزنى توختاتمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى گۇگۇل ئېلان كىلىشىمىدىن كۆرۈڭ)، شۇڭلاشقا يالغۇز ئېلان چېكىشلا بولۇپ، ئېلان كۆرۈش يوق بوپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: