A turkology blog

ئۆلگۈر ماشىنا
ئامېرىكىلىق كىنو چولپىنى جامىس ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىق مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن. كېيىن بۇ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى رېمونت قىلىنىۋاتقاندا، بىر رېمونتچىنىڭ پۇتىنى بېسىۋېلىپ ئۈزۈۋەتكەن. كېيىن، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ ماتورىنى سېتىۋېلىپ ئۆز ئاپتوموبىلىغا سەپلىگەن بىر دوختۇر ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا، قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ ئاپتوموبىلنى سېتىۋالغان كېرەكسىز ئاپتوموبىللارنى يىغىۋالغۇچىمۇ قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن. كېيىن بىرەيلەن بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قېپىنى كۆرگەزمىگە قويغان، كۈتۈلمىگەندە، كۆرگەزمە زالىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. يەنە بىر قېتىم ئاپتوموبىلنىڭ قېپى كۆرگەزمە سۇپىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ، بىر ساياھەتچىنىڭ ساغرا سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋەتكەن
ئۆزى ئۆلۈۋالىمەن دەپ، ئېرىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇش
چېخ پايتەختى پراگا شەھىرىدىكى ۋىيلا ئىسىملىك بىر ئايال ئېرىنىڭ ئۆزىگە ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئۆلۈۋالماقچى بولۇپ بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىن سەكرىگەن، لېكىن كۈتۈلمىگەندە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئادەمنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغان، ئۆزى بولسا يېنىك يارىلانغان. ئۇ ئۆلتۈرۈپ قويغان كىشى دەل ئۇنىڭ ئۈجمە كۆڭۈل ئېرى ئىكەن
ئەزرائىلنىڭ دەم ئېلىشى
 ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى <>نىڭ مۇسىبەت خەۋەرلىرى مۇھەررىرى ۋېست 1946-يىلى بىر ھەپتە دەم ئالغان، قىزىق يېرى، ئادەتتە ھەپتىدە ئون نەچچە پارچە مۇسىبەت خەۋىرى تاپشۇرۇۋالىدىغان بۇ گېزىتخانا ۋېست دەم ئالغان بىر ھەپتە جەريانىدا تۇنجى قېتىم بىرمۇ مۇسىبەت خەۋىرى تاپشۇرۇۋالمىغان
ئۆلۈم كۆۋرۈكى
بېرس ئىسىملىك بىر كىشى 1957-يىلى ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شتاتىدىكى ئۆيى ئەتراپىدىكى بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇنى بىر ئاپتوموبىل بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى شىرام دەل مۇشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا، يەنە بىر ئاپتوموبىل شرامنى بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن؛ ئالتە يىلدىن كېيىن، بېرسېنكىنىڭ 14 ياشلىق نەۋرىسى داۋىي كۆۋرۈكتە ئويناۋاتقاندا، ئۇنى ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان بىر ئاپتوموبىل بېسىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن
سەزگۈ تورىدىن ئېلىندى، تەييارلىغۇچى مەرھابا

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: