A turkology blog

ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﺠﻪﺭ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻳﺎﻥ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺭﯨﺸﺎﺗﻜﺎ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ . ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﻫﻰ ﭼﯩﺌﻪﻧﻠﯘﯕﻨﯩﯔ 30- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ( ﻣﯩﻼﺩﻯ 1765 – ﻳﯩﻠﻰ ) ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯘﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ – ﺋﯘﻛﺎ ( ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺋﺎﺗﺎ – ﺑﺎﻻ ﺩﯨﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ) ﺭﻩﺧﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﺨﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ( ﺟﯩﮕﺪﻩ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﻐﻰ ) ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﺎﻟﯟﺍﻥ ﻣﺎﻳﺴﯩﺨﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰ ﻧﻪﯞﻛﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﻩﺳﯩﺪﯗﺭ . ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺩﯨﺨﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺭﻩﺧﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﻫﺒﻪﺭﻟﯩﮕﯩﺪﻩ ﻳﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﻠﯘﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯧﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﺘﻪﻥ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، 10 ﻣﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺳﯘﺭﮔﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ .ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺳﯘﭼﯩﯔ ﯞﻩ ﻫﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮒ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﯞﻩﻛﯩﻠﻠﯩﮕﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﻫﻮﻛﯘﻣﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﻫﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﯘﺭﮔﯘﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺭﻛﯘﻡ ﺋﻪﺭ – ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺭﻩﺧﻤﯩﺘﯘﻟﻼ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺳﯩﯖﻠﯩﺴﻰ ﻣﺎﻳﺴﯩﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻍ ، ﺟﯩﻠﻐﺎ ، ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻳﻮﺷﯘﺭﻧﯘﭖ ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ <> ،ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺟﻪﯓ 3 ﺋﺎﻱ ﺩﺍﯞﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﻣﺎﻳﺴﯩﺨﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻧﭽﻰ ﻗﯩﺰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺷﺎﯞﯨﺪﺍ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﻣﻪﺭﺗﻠﻪﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﻪﺧﯩﺮﻣﺎﻥ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﻣﻮﻟﺠﻪﺭ ﺗﯩﻐﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ <> ﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ .1942 – ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻫﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻟﯩﻨﺠﯩﻠﻮ ( ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﯞﻯ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﻛﺘﻪ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻥ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﻩ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ) ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ <> ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﺍ :<> ﺩﻩﭖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ .ﺩﯨﻤﻪﻙ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ ﻣﻪﻗﺒﻪﺭﯨﺴﻰ 2 ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺗﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭ ﯞﻩ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺗﮕﺎﻫ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ، ﺑﯘﺗﺎﯞﺍﭘﻜﺎﺭ ﻧﺎﻫﯩﻴﻪ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ
دىمەك يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى 20 – ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل تاۋاپكار ۋە زىيارەتگاھ بۇلۇپ كەلمەكتە ، بۇ تاۋاپكار ناھىيە دەرىجىلىك مۇھىم قۇغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكار ئۇرنى قىلىپ بىكىتىلگەن .يەتتە قىزنىڭ ئىسمى : مايسىخان ، غۇنچە قىز ، دىلبەر قىز ، زۇھرە گۇل ، قەمبەرنىسا ، گۇلئايىم ، ئەختەرنىسا
يەتتە قىزنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن نۇچىسى يەنە مايسىخان . قەلەمىي ۋە ئەلەمىي ئىشلارغا ماھىرلىقتا ئۇنىڭ ئالدىغا ھىچكىم يەتمەيدۇ . قايماقتەك سۇزلەپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچ – باغرىنى مۇمىيادەك يۇمشىتىۋىتىدىغان غۇنچە قىز ئۇلار ئىچىدىكى ئەڭ زۇۋاندازلىرىدىن ، چىچەنلىك ۋە ھازىر جاۋاپلىقتا ئۇ ھەممىنى بىسىپ چۇشىدۇ
كۇپ ۋاقتىنى گۇزەل خىياللارنى سۇرۇش بىلەن ئۇتكۇزىدىغان ئۇيچان قىز دىلبەرنىڭ شائىرلىق ماھارىتىگە ھەممەيلەن تاڭ قالىدۇ . ئۇ ئۇيغا پاتقان چاغلىرىدا يىگىتلەرنىڭ كۇزىگە باشقىچە ئۇماق كۇرىنىپ كىتىدۇ . چىرايىدىن تاڭدىكى چۇلپاندەك نۇر تۇكۇلۇپ تۇردىغان زۇھرە گۇل تەققى – تۇرقى تۇپتۇز ئۇسكەن شەمشاتنى ئەسلىتىدىغان زىلۋا بۇيلۇق قەمبەرنىسا . بۇلاقتەك كۇزلىرى يىگىتلەرنى چۇكتۇرۇۋېتىشكە ئاران تۇرىدىغان شەھلا كۇزلۇك گۇل ئايىم ، دىللارنى چاڭ كەلتۇرۇپ ناخشا تۇۋلاپ تايچاقتەك قىيغىتىپ ئۇيناشقا ئادەتلەنگەن بۇيى ئۇسسىمۇ بالىلىق مىجەزى ئۇسمىگەن ئەركە قىز ئەختەرنىسالارنىڭمۇ ھەر بىرىنىڭ ئۇز ئارتۇقچىلىقلىرى بار



بۇ ماقالە بىلىك كۇلۇبىدىكى نىھان ئىسىملىك تورداشنىڭ يازمىسىدىن ئېلىندى، سۈرەتلەرنى تەمىنلىگۈچى نىھان

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: