A turkology blog

موزىللا تور كۆرگۈچى موزىللا گورۇھى ( گۇگۇل شىركىتى باشقۇرۇشىدا ) يېزىپ چىقىلغان تور كۆرگۈ ( ياكى توركۆرگۈچ ) بولۇپ، مەن تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلارنى بايقىدىم
سۈرئىتى مىكروسوفت تور كۆرگۈچىدىن تېز
مىكروسوفت تور كۆرگۈچىنىڭ مەيلى قايسى نۇسخىسى بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، سۈرئەت جەھەتتە موزىللاغا پەقەتلا يەتمەيدۇ، بۇ ھەقتە مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغانلارمۇ بار ، قاچىلىغاندىن كېيىن كومپيوتېردا كۆپ بوشلۇقنى ئىگىلىمەيدۇ، ئەگەر مىكروسوفت تور كۆرگۈچنى قەتئى ئاچماي پەقەت موزىللانىلا ئىشلەتسە كومپيوتېر تورغا چىقىش سەۋەبى بىلەن ئاساسەن قېتىۋالمايدىكەن
ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى بەك ياخشى
بىز ئادەتتە نۇرغۇن مۇنبەر، نۇرغۇن بلوگ ۋە نۇرغۇن تور بەتلەرگە ئەزا بولغان ۋە كىرگەن بولىشىمىز مۇمكىن، موزىللادا دەسلەپتە ئىسىم ۋە مەخپى نومۇر كىرگۈزۈپ بىرەر تور بەتكە كىرگەندە ئەستە ساقلامسىز دەپ سورايدۇ، ئەگەر ماقۇل دېۋەتسەكلا ئىككىنچى قېتىم بۇ ئۇچۇرلارنى تولدۇرمايمۇ كىرىپ كېتىمىز ،نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلار ئازىيىدىكەن، ئەلۋەتتە مىكروسوفت تور كۆرگۈچىنىڭمۇ بۇنداق ئىقتىدارى بار، لېكىن نۇرغۇن تور بەتلەر ھەرخىل ھۈنەر ئارقىلىق مىكروسوفت تور كۆرگۈچىنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارىنى چەكلەپ قويالايدىكەن، بىز مەشغۇلات قىلىۋاتقاندا تەسسادىبى توك ئۆچۈپ ،ياكى ئۇقۇشماستىن كومپيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ مەيلى قانداق سەۋەب بىلەن تور كۆرگۈچ ئېتىلىپ كېتىپ قالسا، موزىللانى قايتا ئاچقاندا دەپ سورايدۇ. ئەگەر داۋاملاشتۇرماقچى بولسڭىز قايەردە توك ئۆچكەن بولسا ئالدىنقى قېتىملىق مەشغۇلات توك كەتمىگەن ھالەتتىكى ۋاقت بىلەن ئوخشاش چىقىپ داۋاملىشىدۇ. مەن كۆپ ھاللاردا مۇنبەردە تېما يېزىۋېتىپ ،ياكى بلوگ يېزىۋېتىپ ئېكسپلورەدە مۇشۇ ئەھۋالغا يولۇقۇپ يېزىپ بولاي دىگەندە نۇرغۇن ئۇچۇرلار يوقاپ كەتكەن
خەتلەر بەك سىلىق ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ
بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر بەكمۇ سىلىق ۋە چىرايلىق كۆرۈنىدۇ. مىكروسوفت تور كۆرگۈچىنىڭ 7.0 نۇسخىسىدا خەتلەر چاپاق چىقىۋالىدۇ، شۇڭلاشقا نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا 6.0 نۇسخىنى ئىشلەتتى، ئەمما موزىللادا بۇ مەسلە پۈتۈنلەي يوق
بىر كۆزنەكتە كۆپ تور بەت ئېچىشقا بولىدۇ
ھازىر مىكروسوفت 7.0 تور كۆرگۈچىدىمۇ بۇ ئىقتىدار بار ، مۇشۇ ئىقتىدار بولغانلىقتىنمىكىن موزىللانىڭ سۈرئىتى بەكلا تېز، ۋەزىپە ستونىدا كۆپ ئورۇن ئىگىلەپ كەتمەيدۇ. ئېلان چېكىپ پۇل تاپىدىغانلار ۋە تور ئارلايدىغانلار بۇ ئىقتىدارغا بەكمۇ مۇھتاج
تازلاش بەك ئاسان
ئەگەر بىز ساقلىغان ئۇچۇرلار ۋە كۆرگەن تور خاتېرىلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى بولساق بۇ بىر سىكونتىلا تامام بولىدۇ، قورال دىگەن تۈر ئىچىدىن سانداننى تازىلاشنى تاللاپ ، تازلىماقچى بولغان تۈرلەرنى كۆرسىتىپ بەرسەك بىر سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ
ئوڭ تەرەپتىكى موزىللا بەلگىسىنى چېكىپ موزىللانى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ
موزىللانىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ھازىر تەرجىمە ئۈستىدە بولىشى مۇمكىن، گۇگۇلنىڭ كۆپ قىسىم مۇلازىمەتلىرى بەك كۆپ تىلنى قوللايدۇ، ھەم بەزى مۇلازىمەتلىرى ئۇيغۇرچىغا ئاللىبۇرۇن تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىلۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە كۆپرەك كىشىلەر ئىشلەتسە موزىللامۇ گۇگۇل شىركىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نۇسخا ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: