A turkology blog

تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان رەڭگا-تۈرلۈك گۆشلەرگە قاراپ ئىت – مۈشۈك ۋە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇش سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم، بۇنداق گۆشلەرنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان مەخسۇس زاۋۇتلار بار ئىكەن ئەمەسمۇ ئەسلىدە، دۆلەت نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان بۇغا دىگەندەك ھايۋانلارنى قوغدايدۇ، نىمىشقا مۇشۇنداق زاۋۇتلارنى تاقىۋەتمىگەندۇ. مۇسۇلمانچە دىگەن نام بىلەن ئاتالغان گۆش مەھسۇلاتى بىلەن مۇسۇلمانچە بولمىغان گۆش مەھسۇلاتى بىر زاۋۇت ،بىر سېخ ، بىر قازاندا قايناپ چىقىپ ، بىر تاللا بازىرىدا قوشنا يايمىدا سېتىلسا قانداق بولار ؟ بۇلار ئۆزۈم تارتقان
رەسىملەر
بۇ يەردە بىرەر ماركىغا ھۇجۇم قىلغىنىم يوق، بۇلار پەقەتلا بىر مىسال سۈرەتتە توشقان گۆشى، توشقان تۇتۇش يۇرتىمىزدا چەكلەندىمۇ يوق بىلمەيمەن، ئەمما بۇرۇن جاڭگالغا چىقساق، ياكى ئۆي ئەتراپىدا ، بوغداي ئورىۋاتقاندا، قوناق سۇغىرۋاتقاندا،مال بېقىۋاتقاندا يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان توشقانلارنى ئۇچرىتىش ،توشقان بالىلىرىنى كۆرۈش ئاددى ھەم كۆڭۈللۈك ئىش ئىدى، تەبئىەت ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى

تەييار ئىشەك گۆشى

بۇغىمۇ چەكلەنگەن ھايۋان، تاللا بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان بۇغا گۆشى بەلكىم ئۆلتۈرۈش چەكلەنمىگەن بۇغىنىڭ گۆشىدۇ

ئىت گۆشى

ھارام توخۇ گۆشى، بېشى ،ئىچ قارنى ،ۋە پۇت قاناتلىرىنى كەسمەي تۇرۇپلا قازاندىكى قايناۋاتقان قارا مايغا چىلاپ ئۈتلەپ يۇيغان توخۇلار. تەتەيلەر يۇيۇپ تازىلاپ بېرىدۇ، رېستۇرانلاردا مۇشۇنىڭدا خورداق ( داپەنجى) قورۇيدۇ، مۇسۇلمان قىز يىگىتلىرى يەپ ئۇسۇل – ئۇسۇل تانسا ئوينايدۇ… يىمەك – ئىچمەك بۇلغىنىدۇ، ئەقىل بۇلغىنىدۇ، ھەممە بۇلغىنىدۇ
قىممەتلىك ھايۋانلارنىڭ توخۇملىرىنى يېيىش مودا
شۇنچىۋالا جېق ئىت مۈشۈك، ئات – ئىشەك گۆشلىرى نەدىن كەلگەن؟ بۇ كارتۇچكىغا قاراڭ چىراغا يورۇقىدا خەتلەر تازا ئوچۇق تارتىلماپتۇ، ئوقۇپ بېرەي : قېرى، مېيپ، زەخمىلەنگەن ، ئۆلگەن، ئات، كالا ،ئىشەك، خېچىر سېتىۋالىمەن – شياۋ لىزى. مەن باش خوجايىن ، سىلەر مۇشۇ كارتا ئارقىلىق مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار باشقىلارغا قارىغاندا يۇقىرى باھادا سېتىۋالىمەنكارتىنىڭ ئارقا تەرىپىدە يەنە ، ئۆلگەن ياكى مېيىپلانغان ئات – ئىشەك، ئىت – مۈشۈك تاپسىڭىز ،ياكى كىمنىڭ ئۆيىدە بارلىقىنى بىلسىڭىز 50 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە ئۇچۇر ھەققى بېرىمەن دەپ خەت بار بۇنداق باش خوجايىنلار يەنە ئۆلگەن كالا – قوي، تۆگە- ئۆچكە بولسىمۇ يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىكەن، ھەم ئۇلارنى مەخسۇس پىششىقلاش زاۋۇتلىرىغا ساتىدۇ، بۇلار مۇسۇلمانچە قوي – كالا تەييار گۆشلىرى بولۇپ، تەييارلىنىدۇھارام نەرسىلەرنى ساتقۇچىلار ،ساتقانلارغا ياردەملەشكەنلەرمۇ گۇناھقا لايىق. مۇھىتنى ئاسرايلى، ھايۋاناتلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى، ئۇلار تۈگەپ كەتسە بىز يالغۇز قالىمىز

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: