A turkology blog

Archive for دېكابىر, 2007

ئەڭ ئاخىرقى يازما 2007

بۈگۈن مىلادىيە كالىندارى بويىچە 2007- ئاياغلىشىدىغان كۈن ، يەنە ئىككى سائەتلا قالدى. تەكلىماكان بلوگمۇ مانابىر ياشقا كىرىپ قالدى بۈگۈن. بلوگقا ھېسابلىغۇچ ئورناتقاندىن بۇيان زىيارەت قىلغانلار 2500 دىن ئېشىپتۇ. ئېلىمىزدە 1949-يىلى ۋاقىتنى مىلادىيە كالىندارى بويىچە خاتېرلەشنى قانۇنلاشتۇرغان. ئۇنداق بولمىغاندا بەلكىم بۈگۈن، ياق ئەتە 2008-يىل كىرمەس ئىدى. ئەتە يەنە بىر يىل ئاتلايدۇ دىگەن گەپ! بۇ پارلاق يىلدا بېيجىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزىلىدۇ. يەنە بىر مۇھىم ئىش شۇكى 2008-يىلى مەھمۇد قەشقەرى يىلىدۇر. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلىم – مەدەنيەت بىرلىكى 2008-يىلنى مەھمۇد قەشقەرى يىلى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى
يامغۇر ياغدى قار ياغدى
شارقىراپ كەتتى
ئۆتۈكۈمنى مايلىسام
پارقىراپ كەتتى

ئېلىم – پەنگە قىزىقامسىز ؟

يەر شارىدا ھەر كۈنى يېڭى بايقاش ۋە كەشپىياتلار چىقىپ تۇرىدۇ، ئەلۋەتتە نۇرغۇنلىغان كەشپ قىلغۇچىلار ۋە ئېلىم-پەن خادىملىرى ئۆزىنىڭ بايقاش ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى بلوگ ئارقىلىق دۇنياغا يەتكۈزىۋاتىدۇ. ئەگەر ئېلىم – پەن بىلىملىرىگە قىززىقسىڭىز ئېلىم پەن بلوگىغا كىرىپ كۆرۈڭ، ئەگەر ئېلىم – پەن ماقالىلىرىنى ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بۇ جايدىن بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىڭ

قۇرغۇچىلاردىن كەلگەن خەت – ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى

گۇگول ھەققىدە ھەممە كىشى بىلىپ كەتمەيدىغان بىر ھېكايە بار، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچلۈك كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىمىز ۋە ئارزۇيىمىز بار. گۇگۇل ھەمكارلىق مۇناسىۋىتېگە بەكمۇ ئېتىبار بېرىدۇ. گۇگۇل تېخىمۇ كۆپ ۋەدىسىدە قەتئى تۇرىدىغان، قوللاشنى بىلىدىغان كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىغا مۇھتاج. بىز نېت سكەيپ شىركىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر مەزگىل ئىزدەش ماتورىنى تاقىۋەتتۇق. بىزنىڭ بۇ يېڭى ھەمكارلاشقۇچىمىز بىزنىڭ ئىزدەش ماتورىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلەپقالغان ئىدى گۇگۇل ئامېرىكا تور مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن كىلىشىم ھاسىل قىلدى
Aol.com ئامېرىكا تور مۇلازىمەت شىركىتى
بۇ كېلىشىم : ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ساقلاش، كېلىشىمگە ئاساسەن گۇگۇل ئامېرىكا تور مۇلازىمەت شىركىتىگە ئىزدەش ماتورى ۋە ئېلان ھەل قىلىش چارىسى تەمىنلەيدۇ ھەمدە 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكا تور مۇلازىمەت شىركىتىنىڭ بەش پېرسەنت پاي ھوقۇقىنى سېتىۋالىدۇ. بۇ كېلىشىم تېخىمۇ كۆپ قىممىتى بار ئامىللارغا چېتىلىدۇ. مەسلەن: گۇگۇل ۋە ئاول شىركىتىنىڭ مۇڭداشقۇسىدا ئۆز ئارا پاراڭلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بىز مۇشۇنداق بىر ھەمكارچىمىز بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇشال ھەم كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
مۇ بىزنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىمىز Ask.com
ھەمكارلىق شەكلى گۇگۇل ئۇلارغا ئېلان ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بىز سان شىركىتى بىلەن تولىمۇ مۇھىم بىر ھەمكارلىق كىلىشىمى ئىمزالىدۇق. مەھسۇلاتلىرىمىز ئۈچۈن جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بولغان ئايرىم سېتىش لىنىيىسى ئورناتتۇق. ئالما شىكىتى ۋە موزىللا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر قىسىم تور كۆرگۈچلەرگە گۇگۇل ئىزدىگۈچىسىنى ئورناتتۇق. بىز يەنە ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى ناسا ( ئەركىن سىدىق ئىشلەيدىغان ئورگان – ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىدىن ) بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، بىرلىكتە ئېلىم – پەن تەتقىقاتى ۋە بوشلۇق تەكشۈرۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىمىز. ئەپسۇس بۇ يەردىكى بوشلۇق پەقەت يەر يۈزى بوشلۇقى، ئوخشاشلا بىزنىڭ باش شىتابىمىزنىڭ كەلگۈسى كېڭيىش پىلانىغا چېتىلىدۇ
گۇگۇل يەنە كۆپلىگەن كىتاب ، ئۈن-سىن ۋە نەشىريات قاتارلىق ئورۇن ۋە تور پونكىتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئېلان ، كىرىم تەمىنلەش ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ خېرىدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى تېخىمۇ ياخشى ساقلاش ئۈچۈن بىز زەيتگەيست 2005 يىغىنىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئاچتۇق. ھەممە ھەمكارلاشقۇچىنى شىركەت باش شىتابىغا ئېلىپ باردۇق. ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مەيلى ستراتېگىيە ، تاكتېكا، مەيلى تېخىنىكا، مەيلى بازار قاتلىمى جەھەتتىن بولسۇن ئۇ يەنىلا بىزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز. گۇگۇل مۇشۇنداق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە پىشىپ يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ

مىكروسوفت 2008-يىلى ئېلان قىلىدىغان مەھسۇلاتلار

ئېيتىشلارغا قارىغاندا 2008-يىلى مىكروسوفت ئۈچۈن مول ھوسۇللۇق يىل
بولىدىكەن، بۇ يىلدا مىكروسوفت ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېلان قىلىدىكەن. ئۇيغۇر
كومپيوتېر ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە مىكروسوفت 2008-يىلى
ۋىستانىڭ كېيىنكى نەشىرلىرى ۋە مۇلازىمىتېر نەشىرى ھەمدە مىكروسوفت
يانفون سېستىمىسىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن
يۇمشاق دېتاللارنى بازارغا چىقىرىدىكەن. تەپسىلاتى

جەدۋەلدىن پايدىلىنىش – ئۈنۈم ئاشۇرۇش

بۇ ماقالە گۇگۇل( جۇڭگو) ئېلان بۆلۈمى باش بلوگدىن ئېلىندى
گۇگۇل ئوخشىمىغان ئوننەچچە خىل چوڭلۇقتىكى ئېلان شەكلى بىلەن تەمىنلىدى، ئەمما يەنىلا بىر قىسىم توربېكەت ئىگىلىرى ئېلان چوڭلۇقىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان ئىقتىدار بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە تەكلىپ پىكىرلەر بەردى. ئەلۋەتتە بىز بۇلارنىڭ ھەر بىر پىكرىگە ھۆرمەت قىلىمىز، ئەمما بىز ئۇلارنىڭ پىكرى بويىچە ئىش قىلىشتىن بۇرۇن ئۇلارنىڭ تور بېكىتىدە كۆرۈلگەن ئېلان چوڭلۇقى ماس كەلمەسلىك مەسلىسىنى ئاددى ئۇسۇللار ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدۇق

بۇ بىر مەزمۇنى مۇرەككەپرەك تور بەتكەن، ئېلان قويغۇدەك ئورۇنمۇ يوق. ھەر قايسى سەھىپىلەرنىڭ ئورنىغا ياكى ئاستى ئۈستىگە ئېلان قىستۇرۇشقا توغرا كەلسە ئېلان چوڭلۇقى بىلەن تور بەتتىكى بوشلۇقنىڭ چوڭلۇقى ماس كەلمەيدۇ، شۇنداق قىلىپ بىز ئاددى ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ مەسلىنى ھەل قىلدۇق
تور بېكەتتىكى سەھىپە كەڭلىكى 250 ئىكەن، بىز ئاۋال 250 چوڭلۇقتىكى بىر جەدۋەل ياسىدۇق ۋە بىر تەرىپىگە 234*60 چوڭلۇقتىكى ئېلاننى جەدۋەلنىڭ يەنە بىر كاتەكچىسىگە يەنە بىر سەھىپىنى قويدۇق، شۇنداق قىلىپ ئېلان چوڭلۇقى ماس كەلمەسلىك مەسلىسى ھەل بولدى

يۇقارقى مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ئېلان ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش يالغۇز ئېلاننىڭ ئۆزىنىلا ئۆزگەرتىش بولماستىن، توربېكەتنىمۇ ئېلانغا ماسلاشتۇرۇپ ئانچە – مۇنچە ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەدۋەل ئارقىلىق تور بېكەت مەزمۇنى بىلەن ئېلانلارنى تېخىمۇ دەل جىپىسلاشتۇرۇپ ئېلان ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا، تور بېكەتنىڭ ئېلان سەۋەبى بىلەن چېۋىلاڭغۇ بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بولىدۇ
جەدۋەل كودىنى قانداق يېزىشنى بىلمەيدىغانلار يۇلغۇن تور ئۈستى تەھرىرلىگۈچى ئارقىلىق ئۆزى خالىغان ھالەتتىكى جەدۋەل سىزىپ كودىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئادرېسى
www.yulghun.com/rte

توردا خىزمەت تېپىش

مەن ئىلگىرى قىلغان ئىككى خىزمەتنى تور ئارقىلىق تاپقان ئىدىم، ئۇ ۋاقىتتا ۋىلايەتنىڭ
تۇرمۇش تورىدىن پايدىلانغان ئىدىم. مېنىڭچە توردا خىزمەت ئىزدەش بىر سومكا دىپلومنى كۆتۈرۈپ ئىشىكمۇ – ئىشىك قاتراپ يۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگەندىن كۆپ قولايلىق، ھىچ بولمىغاندا سىزنى ئىشقا ئالىدىغان تەرەپ سىزنىڭ كومپيوتېر ۋە ئۇچۇر بىلىملىرىدىن ئانچە – مۇنچە خەۋرىڭىز بارلىقىنى بىلەلەيدۇ، بۇمۇ سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز ئەلۋەتتە
ھازىر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇرىنى ھەقسىز ئېلان قىلىدىغان تور بېكەتلەر ئىنتايىن كۆپ، مۇرەككەپ ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە ئىش تېپىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇچۇر ھەققى بېرىپمۇ ئولتۇرمايمىز. ھازىر خىزمەت تاپماق ئانچە ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ سىزنىڭ قىزىقىشڭىزغا ماس كەلگەن خىزمەتنىڭ سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىمۇ تەسكە توختايدۇ، ئۆزىڭىز قىزىققان خىزمەتنى كۆپ ئىنىرگىيە سەرپ قىلمايلا توردىن تاپالىشڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئىككى ئىشنى قىلىسىز : بىرى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالىڭىز تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيالنى خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇرى سۈپىتىدە تورغا يوللايسىز، يەنە بىر توردىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى توختىماي كۆرۈپ تۇرىسىز ،تاكىسى سىزگە ماس كەلگۈدەك خىزمەت تېپىلغۇچە. بۇ جەرياندا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىمۇ توختاتماي قىلىۋېرىسىز، كۆپ ۋاقىت ۋە زېھن ، ئىقتىساد سەرپ بولمايدۇ، بۇ بەلكىم ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك
ئەگەر چەتئەل تىللىرىنى بىلسڭىز چەتئەلنىڭ خىزمەت تەمىنلەش تور بېكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، چەتئەلدىن خىزمەت چىقىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس، ئەگەر چەتئەل تىللىرىدىن خەۋرىڭىز بولمىسا ئاپتونۇم رايون ئىچىدە مەخسۇس خىزمەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلەرگە كىرىڭ، فوكس ئىختىساسلىقلار ئۇچۇر پونكىتى مەن دائىم كىرىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ بىرى، ئۆزىڭىزنىڭ ماتېرىيالىنى يوللاڭ. ۋە باشقىلار يوللىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئارلاڭ ئادرېسى
http://www.foxrc.cn/

ئېلاننى قەرەللىك ئۆزگەرتىش – ئۈنۈم ئاشۇرۇش

بۇ ماقالە گۇگۇل ئېلانى باش بلوگدىن ئېلىندى
بىر يىللىق ئېلان ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەريانىدا مۇنداق بىر ئىشقا يولۇقتۇق. توربېكەت ئىگىلىرىنىڭ تور بېتىدىكى ئېلان ئۆزگەرمىدى، ئېلان ئورنى ئۆزگەرمىدى. ئېلاننىڭ كۆرۈلۈش قېتىمى ياكى تور بەتنىڭ زىيارەت سانى ئۆزگەرمىدى، ئەمما ئېلان كىرىمى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ كەتتى، ھەم ئېلان چېكىلىش نىسبىتىمۇ تۆۋەنلەپ كەتتى
بىزنىڭ پىكىر بېرىشىمىز نەتىجىسىدە نۇرغۇن تور بېكەت ئىگىلىرى تور بەت ئانالىز قىلىش قوراللىرىنى ئىشلەتتى. ئۇلار تور بېكەتكە كىرگۈچىلەرنىڭ كىم ئىكەنلىكى، قەيەردىن كىرگەنلىكى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلدى ۋە شۇلارنى بايقىدۇقكى بۇ تور بېكەتلەرنىڭ كۆپ قىسىم زىيارەتچىلىرى كونا زىيارەتچىلەر، ئۇلار مۇشۇ تور بېكەتلەرگە دائىم كىرگەن، زادى ئايرىلمىغان
دائىملىق زىيارەتچىلىرى كۆپ تور بېكەتلەردە قانداق قىلىپ شۇ تور بېكەتتىكى گۇگۇل ئېلانىغا بولغان يېڭىلىق تۇيغۇسى ،قىززىقتۇرۇش تۇيغۇسىنى ساقلاش كېرەك؟ بۇ تور بېكەت ئىگىلىرىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم مەسلە. بىز بۇنداق تور بېكەتلەرگە ئىككى-ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم ئېلان ئورنى، ئېلان شەكلى، ئېلان رەڭگىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ھەققىدە تەكلىپ بەردۇق
تۆۋەندە بىر مىسال كەلتۈرەيلى ، تۆۋەندىكى تور بېكەت ئىگىسى ئېلان ئورنى ۋە ئېلان شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، تور بېكەت زىيارەتچىلىرىنىڭ گۇگۇل ئېلانىغا بولغان يېڭىلىق ، قىززىقتۇرۇش تۇيغۇسىنى ساقلىدى

بۇ تور بېكەت ئىگىسى بىر مەزگىلدىن كېيىن تور بەتنىڭ يۇقىرى قىسىمىدىكى چوڭ ھەجىملىك ئېلاننى ئېلىۋېتىپ، سول ئۈستى تەرەپتىكى رەسىمنىڭ ئورنىغا مۇناسىپ گۇگۇل ئېلانى قويدى

بۇنداق ئېلان ئورنى، رەڭگى ۋە شەكلىنى قەرەللىك ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ دائىملىق زىيارەتچىلىرىگە يېڭىلىق تۇيغۇسى ئېلىپ كەلگىلى، كۆرۈش ھارغىنلىقى ئېلىپ كېلىشتىن ساقلانغىلى، تور بېكەتتىكى ئېلاننىڭ چېكىلىش نىسبىتىنى مۇقىم ھالەتتە ساقلاشقا ۋە كىرىم سوممىسىنى مۇقىم ساقلاشقا بولىدۇ
قېنى سۆيۈملۈك تور بېكەت ( بلوگ ) ئىگىلىرى، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنىڭ تور بېتىدە بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭلار