A turkology blog

بۈگۈن يۇلغۇن ئەترىتى ئىشلىگەن تۇنجى ئۇيغۇرلار ئۆزى يېزىپ چىققان تور كۆرگۈچ ھەسەل ھەرىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ كۆردۈم، ھەقىقەتەن پەيزىكەن، مېنىڭچە مىكروسوفت تور كۆرگۈچىگە قارىغاندا سۈرئەت خېلىلا تېز. خېلىلا تېز دىسەم بولمىغۇدەك، سۈرئىتى بەكلا تېزكەن. مەن بايقىغان ئالاھىدىلىكلەر شۇ بولدىكى پۈتۈن بەت يۈزى ئۇيغۇرچە ئادەمگە باشقىچە ھوزۇر بېغىشلايدىكەن. ئەمما بۇنىڭ ئىقتىدارلىرى موزىللا ياكى باشقا داڭلىق تور كۆرگۈچلەردەك ئانچە كۆپ بولمىسا كېرەك، كونۇپكىلارمۇ ئانچە كۆپ ئەمەسكەن. بىر خىل سۈزۈك تۇيغۇ بېغىشلايدىكەن. ئىشلەتكەن ئايكون ۋە تور كۆرگۈچنىڭ ماركىسى ئانچە چۈشنىشلىك ياكى كۆركەم بولماپتۇ! بىراق ھىچ گەپ ئەمەس. بۇنى قاچىلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن مىكروسوفت نېتفرايم دىگەن دېتالنى قاچىلاشقا توغرا كېلىدىكەن، نىمىشقا نۇرغۇن ئۇيغۇرچە دېتاللارنى بولۇپمۇ يۇلغۇن ئەترىتى ئىشلىگەن دېتاللارنى قاچىلاش ئۈچۈن ئاۋال مىكروسوفتنىڭ بۇ نەرسىسىنى قاچىلايدىغان قىلىپ يازىدىغاندۇ؟ يەنىلا يۇلغۇن ئەترىتىگە ئاپرېن ! ئاپرېن ! ئىلگىرى بىلىك – ئىنتىل تەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان ئۇيغۇرچە ئەكسپىينى قاچىلاپ ئۇنىڭدىكى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تور كۆرگۈچتىن شۇنداق ھوزۇرلانغان ئىدىم. مېنىڭچە يۇلغۇن ھەسەل ھەرىسى تور كۆرگۈچىنىڭ ئادرېس ستونىنى يەنىلا سولدىن باشلىنىدىغان قىلغىنى بەك توغرا تاللاش بوپتۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: