A turkology blog

نوبېل مۇكاپاتى

نوبېل مۇكاپاتى شۋېتسىيىلىك داڭلىق سانائەتچى، خېمىيە ئالىمى، بومبا كەشپىياتچىسى ئالفرېد نوبېل ئەپەندىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇنىڭ قالدۇرغان مىراسىنى مەبلەغ قىلىپ قۇرۇلغان مۇكاپاتتۇر. نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپات مېدالى، پۇل ۋە مۇكاپات ئالغانلىق گۇۋاھنامىسىدىن ئىبارەت ئۈچ نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
ئالفرېد نوبېل بىر ئۆمۈر بومبا ياساش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ نەزىرىيە جەھەتتىن تەتقىق قىلىپلا قالماي، يەنە ئەمەلىيەت جەھەتلەردە چوڭ نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن، ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يۈزدىن ئارتۇق بومبا ياساش زاۋۇت ۋە شىركەتلىرىنى قۇرغان. بۇنىڭ بەدىلىگە نۇرغۇن پۇل تېپىپ ئەينى چاغدىكى ئەڭ پۇلدار ئادەم بولغان
ئالفرېد نوبېل 1896-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيىدە ۋاپات بولغان، ئۇ ئۆلۈشتىن بىر يىل بۇرۇن ۋەسىيەت قالدۇرغان، ۋەسىيەتنامىسدە 31 مىليون دوللار پۇلنى فۇند جەمئىيىتى قۇرۇشقا ئىشلىتىپ ، بۇ پۇلنى خەتىرى ئاز بولغان ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىپ پايدا يارىتىش ۋە يارىتىلغان پايدىنى ھەر يىلى فىزىكا، خېمىيە، ئەدەبىيات، تىنىچلىق، بىئولوگىيە ياكى تىبابەت ساھەسىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن چوڭ تۆھپە قوشقۇچىلارغا مۇكاپات سۈپىتىدە تەقسىملەپ بېرىشنى ئېيتقان
شۇنداق قىلىپ 1900 – يىلى شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى نوبېل فوندى جەمئىيتىنى قۇردى ۋە 1901-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇنجى قېتىم نوبېل مۇكاپاتى تارقاتتى. كېيىن ئۇرۇش سەۋەبىدىن مۇكاپات بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالدى، ئۇرۇشتىن كېيىن ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە مۇكاپات ئۈزۈلمەي تارقىتلىپ كەلدى. ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە نورۋېگىيە ۋە شىۋېتسىيىدە نوبېل مۇكاپاتى تارقىتلىدۇ
نوبېل تىنىچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ھەر يىلى ئەڭ ئاۋال ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ مۇكاپات باشقا مۇكاپاتلارغا قارىغاندا ئالىي ۋە مۇھىم بولۇپ، ئالفرېد نوبېل پۈتۈن ئۆمرىدە بومبا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ھەم بۇ تەتقىقاتنى سانائەتكە پايدىلىق دەپلا ئويلىغان مەسلەن: كانچلىق، قۇرۇلۇش ساھەسى.. ئەمما ئۇنىڭ بۇ تەتقىقاتى ئۇرۇشتا كۆپرەك ئىشلىتىلدى، شۇڭلاشقا ئۇ پۇشايمان يېگەن
كېيىن 1968 -يىلى شىۋېتسىيە مەركىزى بانكىسى بانكا قۇرۇلغانلىقىنىڭ 300 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نوبېل مۇكاپاتىغا مەبلەغ قوشۇپ، نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى تارقىتىشنى تەلەپ قىلدى ۋە 1969-يىلى تۇنجى بولۇپ نوبېل ئىقتىساد مۇكاپاتى باشقا بەش تۈرلۈك نوبېل مۇكاپاتى بىلەن بىرلىكتە تارقىتىلدى. كېيىن 1990 – يىلى ئالفرېد نوبېلنىڭ تۇغقىنى كرۋۇس نوبېل نوبېل يەرشارى مۇكاپاتى تەسىس قىلىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ مۇكاپات 1991-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنىدە تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى، نوبېل يەرشارى مۇكاپاتى يەرشارىنى قوغداشتا زور تۆھپە قوشقان شەخىسكە بېرىلىدۇ
نوبېل مۇكاپاتىنىڭ پۇل سوممىسىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى مۇنداق : نوبېل قالدۇرۇپ كەتكەن پۇلنى نوبېل فوندى جەمئىيتى ئىستىقبالى بار كەسپلەرگە مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىدۇ ۋە ئالغان پايدىنى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە بۆلۈپ بېرىدۇ. دەسلەپكى چاغلاردا بۇ ھەر بىر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىگە بېرلىدىغان پۇل 310000 ئامېرىكا دوللىرىدىن 720000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولغان ھەمدە نوبېل فوندى جەمئىيتى بۇ پۇلنى ئۆزلۈكسىز تىجارەت قىلىپ كۆپەيتىپ 2006 -يىلىغا كەلگەندە ھەر بىر مۇكاپات ئالغۇچىغا تارقىتىلغان پۇل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن بىر مىليۇن تۆتيۈز ئەللىك مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدە بولغان
ئالفرېد نوبېل ئەپەندىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ سالاھىتى ھىچقانداق مىللەت، دۆلەت، دىن ۋە جىنىس، ئىرىق چەكلىمىسگە ئۇچرىمايدۇ، بىردىنبىر چەكلىمە شۇكى نەتىجىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى
ئالفرېد نوبېل ئەپەندىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن نوبېل فىزىكا ۋە خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئىنستىتۇتى بېكىتىدۇ. بئولوگىيە ۋە تىببى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىنى شۋېتسىيە خان جەمەتى كارولىن تىببى ئىنستىتۇتى بېكىتىدۇ. ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى شىۋېتسىيە ئەدەبى پەنلەر ئىنستىتۇتى بېكتىدۇ. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى نورۋېگىيە نوبېل كومىتىتى تاللاپ چىقىدۇ. ھەر بىر نوبېل كومتىتى بەش نەپەر باھالىغۇچىدىن تەركىپ تاپقان. نوبېل مۇكاپاتى تارقتىشتىن بۇرۇن ئورۇن باسار ( كاندىدات ) نامزاتلار كۆرسىتلىدۇ، كاندىدات نامزاتلارنى كۆرسەتكۈچىلەر: ئىلگىرى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باققانلار، نوبېل كومىتىت ئەزالىرى، ئالاھىدە بېكىتلگەن ئالىي مەكتەپ پروففېسسورلىرى، نوبېل كومتىتى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان پروففېسسورلار قاتارلىقلار، نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نامزاتىنى يەرشارىدىكى يازغۇچىلار جەمئىيتى رەئىسى ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتىنى خەلقئارا تىنچلىق تەشكىلاتلىرى كۆرسىتىدۇ
Nobel mukapati heqqide

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: