A turkology blog

مەن بىر نەچچە ئايدىن بۇيان گۇگۇل ئانالىزىنى ئىشلىتىۋاتىمەن، مەزكۇر تور يۇمشاق دېتالى 2007-يىلى ئالدىنقى يېرىم يىللىق يەرشارى تور پروگراممىلىرنى
باھالاشتا 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. گۇگۇل ئانالىزى مەن ھازىرغىچە ئۇچراتقان ئەڭ توغرا ھېسابلايدىغان سانىغۇچ. ئۇ ئارقىلىق تور بەتكە كىرگەن ئادەملەرنىڭ سانى، قايسى بەتنى كۆرگەنلىكى، قايسى ئۇلانمىنى چەككەنلىكى ، قايسى تور بەت ياكى ئىزدەش ماتورى ئارقىلىق كىرگەنلىكى، قايسى دۆلەت ياكى رايوندىن كىرگەنلىكى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزىڭىزنىڭ ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تەڭشىگىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا تور بەتتىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆرۈلىشىگە ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ خېرىدار ياكى ئوقۇرمەننى كۆپرەك جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ھەر بىر كارخانىچى ياكى تور بېكەت قۇرغۇچى زۆرۈر ئىشلەتمىسە بولمايدىغان تور پروگراممىسى دېيىشكە بولىدۇ
گۇگۇل ئانالىزىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ( ھازىرچە ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بولمىغاچقا ) خەنزۇچە ياكى ئېنگلىزچىدىن ئاز تولا خەۋرىڭىز بولسا
http://www.google.com/analytics
قا كىرىپ، ئېلخەت ئارقىلىق تىزىملىتىپ، ئىز قوغلىماقچى بولغان تور بەت ئادرېسىنى كىرگۈزۈپ، چىقىرىپ بەرگەن كودنى تور بېكەتنىڭ ئىز قوغلىماقچى بولغان بارلىق بەتلىرىگە چاپلاپ، يىگىرمە تۆت سائەتتىن كېيىن نەتىجىگە ئېرىشەلەيمىز
بۈگۈن تەكلىماكان بلوگقا 512 ئادەم كىرىپتۇ. ئەلۋەتتە بۇ سان مەن ئۈچۈن ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، بۇ ھازىرغىچە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن سان. بۇ ساننى بىردىنبىر توغرا ستاتېستىكا دېيىشكە بولىدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: