A turkology blog

شىركەت سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك
كارخانا تارىخى– بۇ يەرگە شىركەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشلەرنى، خەۋەر قىممىتى بار ئىشلارنى، ئىچكى -تاشقى زىيارەتلەرنى، ئۇچرىغان قىيىنچىلىق ۋە ئۇنى قانداق يېڭگەنلىق ھەققىدىكى مەزمۇنلارنى تىزىش كېرەك
كارخانا كۆلىمى – بۇ جايغا تىجارەت كۆلىمى، تىجارەت نۇقتىلىرى، كەسىپلەر، خادىملارنىڭ كۆلىمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تەپسىلى يېزىش كېرەك
مەھسۇلاتلار– مەھسۇلاتلار قانچە كۆپ بولىشىدىن قەتئىنەزەر قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ھەر بىر مەھسۇلاتنىڭ كۆرىنەرلىك ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تىزىش كېرەك
رويخەت، كارخانا ئىناۋىتى ۋە بازاردىكى ئورنى – كارخانا تىزىملاتقان ماركا ۋە رويخەتلەر، ھەرخىل دەرىجە ۋە ئېرىشكەن ئىناۋەتلەرنى بۇ يەرگە تەپسىلى يېزىش كېرەك. بازاردىكى ئورنى ۋە بازار ئەھۋالىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ، قەرەللىك يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك
كارخانا پىلانى – بۇ ئورۇندا شىركەتنىڭ مەلۇم مەزگىللىك نىشانى ۋە تەرەققىيات يۆلىنىشىنى يېزىش كېرەك
كارخانا شەكلى – بۇ جايغا كارخانىنىڭ تىجارەت شەكلى، تەرەققىيات يۆلىنىشى، باشقۇرۇش شەكلى ۋە باشقا قۇرۇلما سېستىمىلىرىنى چۈشىنىشلىك تونۇشتۇرۇش كېرەك. ھەر قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىنىڭ مۇكەممەل بولغان باشقۇرۇش سېستىمىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلار مەخپىيەتلىك بولىشىمۇ مۇمكىن
مۇھىم خادىملار – شىركەتنىڭ لىدىرى، قۇرغۇچىسى، مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە شىركەت ئۈچۈن بەلگىلىك تۆھپە قوشقان خادىملارنى تونۇشتۇرۇش كېرەك. ئۇلارنىڭ كېلىپ – چىقىشى، كەچۈرمىشلىرى ۋە خىزمەت جەريانىنى تەپسىلى تونۇشتۇرغاندا خېرىدار ۋە خىزمەتچىلەرنى شىركەت بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلىغىلى بولىدۇ
رەسىم ۋە ئۈن – سىنلار – بۇ جايغا شىركەتنىڭ ماركا، مەھسۇلاتلارنىڭ بولىقى، شىركەتنىڭ گەۋدىلىك قۇرلۇشلىرى، خىزمەت ئۈستىدىكى كۆرىنەرلىك مەنزىرلەر ۋە خېرىدار ، خىزمەتچىلەرنى جەلپ قىلىدىغان رەسىم، ئۈن -سىن بويۇملىرىنى قويۇش كېرەك. بۇلار تولىمۇ مۇھىم بولۇپ ئۇتۇق قازانغان نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ تور پونكىتلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تاپالايمىز. ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت ۋە پائالىيەتلەرنى بۇ جايغا قەرەللىك يېڭىلاپ چىقىرىپ تۇرۇش خىزمەتچى ۋە خېرىدارنىڭ قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش كېرەك
بىر شىركەتنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى يۇقارقى شەكىل بويىچە قۇرۇلسا مۇۋاپىق بولىدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: