A turkology blog

مىكروسوفت يېقىندا خەنزۇچە خەرىتە مۇلازىمىتى چىقارغان، مىكروسوفتنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى لىۋ( ھايات ) نىڭ مۇلازىمەتلىرى ئېشىۋاتىدۇ. ئۆتكەن قېتىمدا بېتا ( سىناق ) نۇسخىدىكى ھايات مۇلازىمەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرپ، بۇنىڭ ئورنىغا رەسمىي نۇسخىدىكى لىۋ ( ھايات ) مۇلازىمەتلىرىنى يولغا قويغان ئىدى. مىكروسوفتنىڭ خەت ساندۇقى ھازىر بەش گېگابايت بولۇپ، ھازىرغىچە ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە چوڭ سىىغىمدىكى خەت ساندۇقى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر خەت ساندۇقى ئەرەبچە ۋە تۈركچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىگىرمە نەچچە خىل تىلدا مەشغۇلات قىلىشنى قوللايدۇ، خەت يېزىشتىن بۇرۇن ( ياكى خەتنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن ) خەت نۇسخىسىنى توھوماغا توغىرلىغاندا ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدۇ. ھازىرغىچە ئىشەنچلىكرەك ئۇيغۇرچە قوللايدىغان ئېلخەت مۇلازىمىتىدىن يۇلغۇن، گۇگۇل، مىكروسوفت ۋە ياھۇ قاتارلىقلار بار. مەن مىكروسوفت خەت ساندۇقى ئايمەپ ياكى باشقا خەت ساندۇقلىرى ئارقىلىق ھوتمەيل خەتلىرىنى تاپشۇرۋېلىش ئىقتىدارىنى قوللىمىغاچقا ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمەن. ئەمما پاراڭلىشىش قورالى م س ن ھەقىقەتەن يارايدۇ. ھازىر ياھۇنىڭ پاراڭلىشىش قورالى بىلەن مىكروسوفتنىڭ تولۇق بىرلەشتى، ھىچقانداق قوشۇمچە مەشغۇلات قىلماي تۇرۇپ ياھۇ مۇڭداشقۇ ۋە م س ن دا بىمالال پاراڭلىشىشقا بولىدۇ

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: