A turkology blog

گۇگۇل باش بلوگنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئىزدەش مۇلازىمىتى شىركىتى گۇگۇل نول نامىدىكى تور ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيىسى ياسىغان ۋە ھازىر گۇگۇلدىكى پروگراممېرلارنىڭ سىنىقىدىن تولۇق ئۆتكەن
Knol گۇگۇلنىڭ مەزكۇر ئېنسكلوپېدىيسىنڭ ئېنگلىزچە ئىسمى
نول قارىماققا ۋىكىپېدىيەگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيە بولۇپ، تورداشلار ئۆزلىرى خالىغانچە بىلىم قوشالايدۇ ۋە تەھرىرلىيەلەيدۇ. گۇگۇل شىركىتى تېخنىكا دىرېكتورى ۋۇد. مانبيەر ئەپەندى مۇنداق دېدى : گۇگۇل نول باشقا ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيەلەرگە قارىغاندا يازغۇچىغا ئەھمىيەت بەردى ( ھەر بىر ئوچۇق ئېنسكلوپېدىيە يازغۇچى تاماسىز قان – تەر ئاققۇزغۇچىدۇر – تەكلىماكان ) . ھەر بىر پارچە يازمىنىڭ ئۈستىدە يازغۇچىنىڭ سۈرىتى ۋە ئىمزاسى قاتارلىقلار بار، خەۋەرلەردىمۇ مۇخبىرنىڭ سۈرەت ۋە ئىمزاسى بار. ئېلىم-پەن ماقالىلىرىدىمۇ يازغان ئالىمنىڭ سۈرەت ۋە ئالاقە ئۇچۇرلىرى بار. مېنىڭچە ئېنسكلوپېدىيەنى ئوقۇغۇچىلار شۇنى يازغان كىشىنى چۈشىنىشىنى خالايدۇ
گۇگۇل شىركىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۇ ئېنسكلوپېدىيەدىكى مەزمۇنلار توردىكى كىشىلەر ئېھتىياجلىق ئاساسلىق بىلىملەر بولىدىكەن. ئۇ تىبابەت، جۇغراپىيە، تارىخ ۋە تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلار ئۈستىدە بولىدىكەن. ھازىر نولنىڭ دۇچ كېلىۋاتقىنى ۋىكىپېدىيەگە ئوخشاش سۆزلۈك ۋە مەزمۇننىڭ توغرا بولۇش مەسلىسى. ئېنسكلوپېدىيەدىكى مەزمۇنلار گۇگۇل ئىزدەش نەتىجىسىدە پەرقلىق ئورۇنغا قويىلدىكەنبۇ ئېنسكلوپېدىيەنىڭ قاچان تولۇق ئېچىۋېتىلدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس، ھازىر پەقەت گۇگۇلدىكى پروگراممېرلار ۋە بىر قىسىم ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئىشلەتكۈچىلەرلا بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلىتەلەيدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: