A turkology blog

ھازىر گۇگۇلدىن ئىزدەيدىغان بولسان ھەقسىز تور دىسكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغان توربېكەتلەر بەكمۇ كۆپ، ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا تور دىسكىسى مۇقىم بولسا، بىز ساقلاپ قويغان ھۆججەت يىگىرمە يىلدىن كېيىنمۇ يوقاپ كەتمىسە، بۇ ياخشى تور دىسكىسى ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە چىقىرىش ۋە چۈشۈرۈش سۈرئىتىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك. ئاران تەستە چىقارغان ھۆججەتلەر مەلۇم كۈنگە بارغاندا ھەرقانداق سەۋەب بىلەن يوقاپ كەتسە بۇنداق تور دىسكىلىرى ھەقسىز بولسىمۇ ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.تۆۋەندە مەن ئىشلەتكەن بىر قەدەر مۇقىم بىر نەچچە تور دىسكىسىنى تەۋسىيە قىلاي
Windows Live SkyDrive مىكروسوفت تور دىسكىسى
بۇ تور دىسكا ھازىر گەرچە سىناق نۇسخا ھالىتىدە تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ھىچقانداق مەسلە كۆرۈلمىدى. لايھەلىنىشى ۋىندوۋسنىڭ باشقا مەھسۇلاتلار ئۆلچىمىگە لايىقلاشقان. ھۆججەت قىسقۇچ كۆرۈنۈشلىرى ۋىستا بىلەن ئوخشاش. ۋىندوۋس لىۋ مۇلازىمەتلىرى ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن. سۈرئىتى يامان ئەمەس. بىر گېگابايت بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، يەككە ھۆججەتكە قويۇلىدىغان چەك 50 مېگابايت، ھەقسىز تور دىسكىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ كىچىك ئەمەس. تىزىملىتىش ۋە ئىشلىتىش ئادرېسى
Divshare
بۇ خېلى ياخشى تور دىسكىسى، ھۆججەت چوڭلۇقىغا ۋە سىزگە بېرىدىغان بوشلۇققا چەك قويمايدۇ. ھەر خىل ھۆججەتلەرنى چىقارغىلى ۋە چۈشۈرگىلى بولىدۇ
Box.net باكس تور دىسكىسى
بەزىلەر باكس تور دىسكىسىنى ئەڭ ياخشى تور دىسكىسى دېيشىدۇ، بىر يىلدىن بۇيان مەنمۇ مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتىمەن، كۆرۈنۈش يۈزى ئېنگلىزچە . سىزگە بىر گېگابايت بوشلۇق بېرىدۇ. ئەمما ھەقسىز ئىشلەتكۈچىلەر چىقىرالايدىغان يەككە ھۆججەت چوڭلۇقى 10 مېگابايت، ئەمما بۇ بوشلۇق بەك مۇقىم ،چۈشۈرۈش ۋە چىقىرىش سۈرئىتى يامان ئەمەس. چەتئەلنىڭ مۇلازىمىتېرىدىن چۈشۈرگەندىكىن ئانچە ئاستا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ
Ishenchilik heqsiz tor diskisi

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: