مەن ئىلگىرى قىلغان ئىككى خىزمەتنى تور ئارقىلىق تاپقان ئىدىم، ئۇ ۋاقىتتا ۋىلايەتنىڭ
تۇرمۇش تورىدىن پايدىلانغان ئىدىم. مېنىڭچە توردا خىزمەت ئىزدەش بىر سومكا دىپلومنى كۆتۈرۈپ ئىشىكمۇ – ئىشىك قاتراپ يۈرۈپ خىزمەت ئىزدىگەندىن كۆپ قولايلىق، ھىچ بولمىغاندا سىزنى ئىشقا ئالىدىغان تەرەپ سىزنىڭ كومپيوتېر ۋە ئۇچۇر بىلىملىرىدىن ئانچە – مۇنچە خەۋرىڭىز بارلىقىنى بىلەلەيدۇ، بۇمۇ سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىز ئەلۋەتتە
ھازىر خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ۋە خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇرىنى ھەقسىز ئېلان قىلىدىغان تور بېكەتلەر ئىنتايىن كۆپ، مۇرەككەپ ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركەتلىرىگە ئىش تېپىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇچۇر ھەققى بېرىپمۇ ئولتۇرمايمىز. ھازىر خىزمەت تاپماق ئانچە ئاسان ئەمەس، بولۇپمۇ سىزنىڭ قىزىقىشڭىزغا ماس كەلگەن خىزمەتنىڭ سىز بىلەن يۈز كۆرۈشىشىمۇ تەسكە توختايدۇ، ئۆزىڭىز قىزىققان خىزمەتنى كۆپ ئىنىرگىيە سەرپ قىلمايلا توردىن تاپالىشڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئىككى ئىشنى قىلىسىز : بىرى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە قىسقىچە تەرجىمھالىڭىز تونۇشتۇرۇلغان ماتېرىيالنى خىزمەت ئىزدەش ئۇچۇرى سۈپىتىدە تورغا يوللايسىز، يەنە بىر توردىكى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنى توختىماي كۆرۈپ تۇرىسىز ،تاكىسى سىزگە ماس كەلگۈدەك خىزمەت تېپىلغۇچە. بۇ جەرياندا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىمۇ توختاتماي قىلىۋېرىسىز، كۆپ ۋاقىت ۋە زېھن ، ئىقتىساد سەرپ بولمايدۇ، بۇ بەلكىم ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك
ئەگەر چەتئەل تىللىرىنى بىلسڭىز چەتئەلنىڭ خىزمەت تەمىنلەش تور بېكەتلىرىنى كۆرۈپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، چەتئەلدىن خىزمەت چىقىپ قالسىمۇ ئەجەپ ئەمەس، ئەگەر چەتئەل تىللىرىدىن خەۋرىڭىز بولمىسا ئاپتونۇم رايون ئىچىدە مەخسۇس خىزمەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تور بېكەتلەرگە كىرىڭ، فوكس ئىختىساسلىقلار ئۇچۇر پونكىتى مەن دائىم كىرىدىغان تور بېكەتلەرنىڭ بىرى، ئۆزىڭىزنىڭ ماتېرىيالىنى يوللاڭ. ۋە باشقىلار يوللىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى ئارلاڭ ئادرېسى
http://www.foxrc.cn/
توردا خىزمەت تېپىش
دېكابىر 23, 2007
Advertisements
جاۋاب يېزىش