A turkology blog

Archive for يانۋار, 2008

شۋېتسىيە مائارىپ سىستېمىسى

شۋېتسىيە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ھەر بىر ئوقۇغۇچى جىنسىي ئايرىمىسى، ئىرقىي تەۋەلىكى ياكى ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر باراۋەر بولغان مائارىپتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان بۇ دۆلەتتە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار زېھنىنى تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشتىن بەكرەك جەمئىيەتتە يارامسىز كىشىلەرنىڭ بولۇشىغا يول قويماسلىققا سەرپ قىلغان. باشقىچە ئېيتقاندا شۋېتسىيىلىكلەرنىڭ كۆز قارىشىچە كۈچلۈكلەر غالىپ كېلىدىغان ۋە ئاجىزلار شاللىنىپ قالىدىغان تۈزۈم بىر خىل دېموكراتىيىنى ياقلىمايدىغان، باراۋەر بولمىغان تۈزۈم
مېنىڭ كۆزىتىشىمچە بۇ خىل باراۋەر، تەكشى تەرەققىيات يالغۇز مائارىپ سىستېمىسى بىلەنلا ئالاقىدار بولۇپ قالماي، شۋېتسىيە جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى پاراۋانلىق، يۇقىرى باج ۋە ھەقسىز ئوقۇتۇش تۈزۈملىرى بىلەن زىچ باغلانغان. شۋېتسىيىدە ئوقۇغۇچىلار يەسلىدىن تارتىپ ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگۈچە ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولىدۇ ۋە ھەرقانداق مەكتەپكە كىرىش ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ. پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ مەكتەپلەرگە ئۆز ئارزۇسى بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ. بالىلار ھەرگىزمۇ ئوقۇش پۇلىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمەسلىك، جىسمانىي ئاجىزلىقى، ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئىمتىھاندا تۆۋەن نومۇر ئېلىپ قېلىش ياكى باشقا بېسىملارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان مەكتەپلەرگە كىرەلمەسلىك ئەھۋاللىرى مەۋجۇد بولمايدۇ
ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىلار مائارىپنى قايسى خىل ئۇسلۇبتا قوبۇل قىلىدۇ
شۋېتسىيە مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بېرىشتىن باشقا يەنە ئىجتىمائىي ئەخلاق تەربىيىسى بېرىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا باشقىلارغا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ئىش بېجىرىشنى ئۆگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۇچۇر مەنبەسىنى تېپىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ئوقۇتقۇچىدىن كۆپرەك پىكىر قاتناشتۇرىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى مۇنازىرىگە تەشكىللەيدۇ ۋە ئۇلارنى مەسىلىگە نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇپ نەتىجە چىقىرىشقا ئاندىن ئۆز جاۋابلىرى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈش، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشقا يېتەكلەيدۇ. چۈنكى بىلىم ئىگىلەشنىڭ نوقۇل قېلىپى يوق، ئۇ دەلىللەش، ھېس قىلىش، ئىگىلەش، جەزم قىلىش شەكىللىرىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى بىرلا ۋاقىتتا بۇ خىل ئوخشىمىغان بىلىم ئىگىلەش شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى پارلامېنت قارمىقىدىكى مائارىپ مىنىستىرلىكى _شۋېتسىيىنىڭ ئالىي مائارىپ باشقۇرۇش ئورگىنى بولۇپ، پارلامېنتقا ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى سۇنۇش قاتارلىق قانۇن تۈزۈم ۋە سىياسەت خاراكتېرلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىگە مەسئۇل. دۆلەتنىڭ مائارىپ باشقۇرۇش ئىشلىرىغا دۆلەتلىك مائارىپ بۈروسىمەسئۇل بولۇپ، ئۇ مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاسىتە قارايدىغان ئورگان. ئۇنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيىسى دۆلەتنىڭ مائارىپ قانۇنلىرى ۋە تەلەپ، نىشانلىرىنىڭ يەرلىكتە تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، مەكتەپلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش، باھالاش ئېلىپ بېرىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش رولىنى ئۆتەيدىغان بولۇپ مەلۇم دەرىجىدە ئۆز _ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە
يەرلىكتە بولسا ھەرقايسى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىكى بەلگىلىگەن قانۇنلار ئاساسىدا مەكتەپلەر ئۈستىدە مائارىپ سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدۇ. مەكتەپلەر بولسا مائارىپ بۈروسى بەلگىلىگەن ئوقۇش پىلانى، دەرسلىك تېزىسى ۋە ئوقۇتۇش نىشانىغا چوقۇم يېتىشى كېرەك. ھەرقايسى شەھەرلىك ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تەشكىللەنگەن كومىسسىيونلىرى بولۇپ، ئۇلار يىلدا بىر قېتىم مەكتەپلەرگە بېرىپ بىر ھەپتە ئەتراپىدا تەكشۈرۈشتە بولىدۇ. ئۇلار ئايرىم ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنى، ئوقۇتقۇچىلارنى زىيارەت قىلىدۇ ۋە دەرسخانىلارغا كىرىپ دەرس ئاڭلايدۇ. ئاندىن بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي نازارەت دوكلاتى يېزىپ ئۇنى خەلق ھۆكۈمىتى تور بېتىگە قويۇپ بېرىدۇ. يەنە مۇھىت ئىدارىسىمۇ يىلدا بىر قېتىم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ دوكلاتنى توردا تارقىتىدۇ. كىشىلەر بۇ خىل دوكلاتلار ئارقىلىق مەكتەپلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ باھالاش ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا خەلق ئاممىسى مەكتەپلەرنى بىۋاسىتە نازارەت قىلىدۇ، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقنىڭ دېموكراتىك ھالدا مەكتەپ تاللاش مۇمكىنچىلىكىنى ئۆستۈرىدۇ
مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرى ۋە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى
شۋېتسىيىدە 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بالىلار 1_5 كىچە يەسلىگە بارىدۇ،6_7 ياشقىچە تەييارلىق سىنىپىغا بارىدۇ، 7 _16ياشقىچە ئاساسىي مەكتەپ (1 _يىللىقتىن 1تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 9 _يىللىقىغىچە) كە بارىدۇ.17ياشتىن 19 ياشقىچە تولۇق ئوتتۇرا يەنى كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بارىدۇ. ئاندىن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇسا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا شۋېتسىيىنىڭ چوڭلار مائارىپىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. يىلدا ئىككى ئوقۇش مەۋسۇمى بولۇپ ھەر پەسىلدە بىر قېتىم تەتىل بولىدۇ
يەسلى: شۋېتسىيىدە بالىلار 1 ياشقا توشقاندىن باشلاپ ئاتا_ئانىلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئولتۇراق رايون تەۋەلىكىگە قاراپ ئۆيگە يېقىن جايدىكى يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنىدۇ ياكى ئۆچىرەتكە تۇرغۇزۇپ قويۇلىدۇ. يەسلىلەر بىرقانچە خىل بولۇپ كۆپ ساندىكى بالىلار بارىدىغىنى بالىلار باغچىسى بولۇپ، بۇ يەردە 1_5 ياشقىچە بالىلار تەربىيىلىنىدۇ. يەسلىلەرنىڭ ئاساسلىق ئوقۇتۇش ۋە تەربىيىلەش نىشانى بالىلارنىڭ ئۆزى مۇستەقىل ھالدا جاۋاب تېپىشى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىشتۇر. يەسلى مائارىپى ئويۇن، بالا تەربىيىلەش ۋە بىلىم بېرىش بىر گەۋدىگە ئايلانغان مائارىپتۇر. شۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە ئويۇن ئويناش _بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئويۇن ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش، ياشاش، ئىقتىدارى شۇنداقلا ھۆكۈم قىلىش، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىقتىدارىنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئاتاقلىق ئىنگلىز پەيلاسوپى جون لوك (1632_1704) مۇ بۇ ھەقتە مۇنداق ئېيتقان:“بالىلار ئويۇن ئارقىلىق بىلىم ئېلىشى كېرەك، چۈنكى ئويۇن ئارقىلىق ئۇلار ئۆز ئاكتىپچانلىقىنى يېتىلدۈرۈپ ئىندىۋىدۇئاللىققا ئىگە بولىدۇ، بۇ بالىلارنى بىلىمگە قىزىقتۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.“يىغىنچاقلىغاندا يەسلى مائارىپى بالىلارغا بىر خىل كۆڭۈللۈك، بىخەتەر ھەم قىزىقارلىق تۇيغۇ بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ
بالىلار يەسلىدە ياش ئايرىمىسىغا قاراپ گۇرۇپپىلارغا ئايرىلغان بولۇپ ھەسەل ھەرىسى گۇرۇپپىسى، خانقىز گۇرۇپپىسى، يىلپىز گۇرۇپپىسى دېگەندەك چىرايلىق ناملىرى بار. بۇ يەردە بالىلار بەزى كۈنلىرى گۇرۇپپىلار ئىچىدە پائالىيەت قىلسا بەزىدە گۇرۇپپىلار ئۆزئارا بىرلىشىپ، ھەر خىل ياشتىكى بالىلار ئارىلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە، باشقىلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشىنى كۆزدە تۇتىدۇ بالىلارنىڭ پائالىيىتىدە تەبىئەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئەڭ كۆپ بولىدۇ. يەسلىدە بالىلار ئاز دېگەندە ھەپتىدە بىر قېتىم ھاۋانىڭ قانداق ناچار بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئورمانلىققا بارىدۇ ۋە ئۇ يەردە بەزىدە يوپۇرماق يىغسا بەزىدە بەزىدە تۈرلۈك ھايۋانلارنى كۆزىتىپ كېلىدۇ. ئاندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئاشۇ يىغقان يوپۇرماقلىرى بىلەن ئۆز قوللىرىدا تۈرلۈك گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساپ چىقىدۇ. شۋېتسىيە سەنئەتكە ناھايىتى چوڭ كۈچ سەرپ قىلىدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ھەتتا يەر ئاستى تۆمۈر يوللىرىنىڭ ئۆزىمۇ بىر سەنئەت مۇزېيى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان سەنئەت نامايەندىلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا شۋېتسىيە مائارىپى بالىلارنىڭ كىچىكىدىنلا سەنئەت تۇيغۇسىنىڭ يېتىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككىنچى خىلى، ئوچۇق شەكىلدىكى يەسلى بولۇپ ئائىلىدە بالىغا قاراش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك رۇخسەت ئالغان، خىزمەتكە بارمايدىغان ئاتا_ئانىلارغا ماس كېلىدۇ. بۇ خىل يەسلىلەرگە ئاتا_ئانا ۋە بالىلار بىرلىكتە بارىدۇ ۋە بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل يەسلىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، پائالىيەت قىلىش ۋاقتى قىسقىراق بولۇپ، بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناش، ناخشا ئۆگىنىش ۋە تاماق ئېتىش، پىشىرۇق پىشىرۇش ۋە باشقا پائالىيەتلىرى بولىدۇ. بۇلارنىڭ پائالىيىتى ئادەتتە يېرىم كۈن ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. بالىلارمۇ باشقا بالىلار بىلەن ئۇچرىشىپ بىللە ئوينىيالايدۇ، ئاتا_ئانىلارمۇ باشقا ئاتا_ئانىلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۇچۇر ئېلىش، يېڭى تاماق رېتسېپلىرىنى ئۆزئارا ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. ئۈچىنچى خىلى، ئائىلىۋىي يەسلى بولۇپ، بالا باققۇچى 10_15 بالىغا ئۆز ئۆيىدە قارايدۇ، بۇ خىل يەسلىلەرمۇ مائارىپ بۈروسىنىڭ تەلىپى بويىچە پېداگوگىكا ئۆلچىمىدە بالا تەربىيىلەشنى نىشان قىلىدۇ
تەييارلىق سىنىپى: تەييارلىق سىنىپىدا بولسا بالىلارغا يەنىلا ئويۇننى ئاساس قىلغان ئاساستا، ئۇلارغا مۇستەقىللىق ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈش ۋە مەكتەپ بىلەن يەسلىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، كۆزىتىش، سۆزلىشىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى نىشان قىلغان. ماتېماتىكا دەرسىدە بالىلارغا ھەرخىل گېئومېتىريىلىك شەكىللەر ۋە جىسىملار ئارقىلىق بالىلارنى تەدرىجىي ھالدا سان_ساناق ۋە ھەرپلەر دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدۇ. بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ بىردىن ئونغىچىلىك سانىيالىشى ۋە مىقدار ئۇقۇمىنى ئىگىلىشى، سائەتنى تونۇشى نىشان قىلىنىدۇ. تىل دەرسىدە بولسا بالىلارنىڭ زېھنىنى ئېچىش ۋە ئەركىن پىكىر قىلغۇزۇش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ بالىلارنى تىياتىردا رول ئېلىپ ئوينىتىش، بالىلارغا ئۆزلىرى خالىغان بىر ھېكايىنى قەغەز يۈزىدە سىزغۇزۇپ چىقىش، بەزىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن چۆچىكىنىڭ ئاخىرىنى خالىغانچە داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەردە ئۆتىلىدۇ. بالىلارنى يەنە مىللىي روھتا تەربىيىلەش ۋە مىللىي ئەن_ئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن يەنە خرىستىئان دىنى بايراملىرىدا چېركاۋنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش، دىنىي بايراملار تېما قىلىنغان قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ياساتقۇزۇش، كېسىش چاپلاش ئارقىلىق بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى چۈشەندۈرۈش شۋېتسىيە مەكتەپلىرىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئوقۇتۇش مەزمۇنى. باشقا دىندىكى بالىلار بولسا خالىمىسا چېركاۋغا بارمىسىمۇ يول قويۇلىدۇ
ئاساسىي مەكتەپ: يەنى جۇڭگودىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ قوشۇلمىسى بولۇپ، ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئاساسىي مەكتەپلەردىن باشقا يەنە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپلەر ۋە مېيىپ بالىلار ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە مەكتەپلەر بار. بۇ خىل مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدىلا مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ دەرس پىلانىنى بىردەك ئىجرا قىلىنىدۇ. خۇسۇسىي مەكتەپلەر ئىش بېجىرىش جەريانى تېخىمۇ تېزراق بولۇش ۋە ئىقتىسادنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. خۇسۇسىي مەكتەپلەردىمۇ ھەقسىز ئوقۇش يولغا قويۇلغان. بارلىق ئوقۇغۇچىلار، يەنى مەيلى شەھەر بولسۇن ياكى يېزا قىشلاق بولسۇن ھەر بىر خىل دەرس تۈرى ئۈچۈن ئوخشاش بولغان سائەتلىك پىلان بويىچە دەرس ئاڭلايدۇ. دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبى يەنە ھەرقايسى مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك ئوقۇتۇش پىلانى بويىچە ئۆز ئالدىغا ئۆتۈلىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلار شۋېت تىلى ئەدەبىياتى، ئىنگلىزچە، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، تارىخ، دىن ۋە جەمئىيەت بىلىملىرى، بىئولوگىيە، فىزىكا، خىمىيە، تېخنىكا، رەسىم، ئائىلە باشقۇرۇش بىلىمى، ساغلاملىق ۋە تەنتەربىيە، مۇزىكا، توقۇلما بۇيۇم ھۈنەرۋەنچىلىكى، ياغاچچىلىق ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە يەنە بىر خىل چەتئەل تىلى مەسىلەن ئىسپانچە، نېمىسچە قاتارلىق دەرسلەرنى مەجبۇرى ئوقۇيدۇ. تاللاپ ئوقۇيدىغان دەرس قاتارىدا بولسا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ئوقۇشنى پىلانلىغان كەسىپ ياكى ئەھلى بولۇشنى خالىغان بىرەر دەرسنى چوڭقۇرلاپ ئوقۇسا بولىدۇ. شۋېتسىيە مەكتەپلىرىدە باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگۈچىلىك دەرسلىك كىتابلار بىكارغا تارقىتىلىدۇ. لېكىن بۇ كىتابلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ساقلاپ قالمايدۇ، يۇقىرى يىللىققا كۆچكەندىن كېيىن كېيىنكى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا قالدۇرۇلىدۇ. ھەر بىر سىنىپتا تۈرلۈك لۇغەتلەر، ئەدەبىي كىتابلار كىتاب ئىشكابىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن قويۇپ قويۇلىدۇ. مەكتەپلەردە كومپيۇتېر مېدىئا ئەسلىھەلىرى تولۇق بولۇپ، كومپيۇتېر زالىدىن باشقا كارىدورلارغىمۇ كومپيۇتېر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. شۋېتسىيىنىڭ تور ئوقۇتۇشى تەرەققىي قىلغان بولۇپ بارلىق مەكتەپلەرنىڭ تور ئادرېسى بار. كۆپ قىسىمدىكى مەكتەپلەر ئېلان_ ئۇقتۇرۇش، پائالىيەتلىرىنى توردا ئاتا_ئانىلارغا خەۋەر قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇ تاپشۇرۇقلىرىنى توردا يوللاپ، نەتىجىسىنى توردىن كۆرىۋالىدۇ. يەنە بىر تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۋېتسىيىدە شەخسىينىڭ مەخپىيەتلىكىگە ۋە خۇسۇسىي ئىشلىرىغا يۈكسەك ھۆرمەت قىلىنغان بولۇپ، باشلانغۇچتىن تارتىپ ئالىي مەكتەپلەرگىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى بىر بىرىگە ئاشكارىلانمايدۇ ھەم دەرىجىگە تىزىپ رەتكە تۇرغۇزۇلمايدۇ. يىلدا مەۋسۇم باشلانغاندا بىر قېتىم كوللېكتىپ ئاتا ئانىلار يىغىنى ئېچىلىدۇ ۋە مەكتەپ توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇچۇر بېرىلىدۇ، بۇ يىغىن ھەر زامان كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئېچىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ھەر مەۋسۇمدا بىر قېتىم ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ ئوقۇغۇچىنىڭ مەۋسۇملۇق نەتىجىسى شۇ چاغدا ئۆزىگە ئۇقتۇرىلىدۇ ۋە بۇندىن كېيىنكى ئوقۇش پىلانى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پىلانىنى ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى كېلىشىپ بىرگە تۈزۈپ چىقىدۇ. بۇ خىل كۆرۈشۈشكە ئاتا ئانا، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى بىردەك ئىشتىراك قىلىدۇ
ئاساسىي مەكتەپ باسقۇچىدا كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنى مەلۇم تېما ئاساسىدا تەكشۈرۈش تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ۋە سىنىپتا بۇ تېمىنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرىگە ئۇيۇشتۇرۇش شەكلىدە دەرس ئۆتىلىدۇ. بۇنىڭغا بىر مىسال ئالساق، مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچنىڭ 1_يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئۇلار ”ئۆچكە“دېگەن تېمىدا بىر ئاي ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. دەسلەپكى ھەپتىسى ئۇلارغا ئۆچكىنىڭ رەسىمىنى سىزدۇرۇپتۇ ۋە ئۆچكىنىڭ قانداق مۇھىتتا ياشايدىغانلىقى، نېمىلەرنى ئوزۇق قىلىدىغانلىقى، بالىلىرىنىڭ ۋە ئەركەك چىشىسىنىڭ ئايرىم _ئايرىم ھالدا نېمە دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى سىنىپتا چۈشەندۈرۈپتۇ. ئىككىنچى ھەپتىسى ئۇلارنى“ئارلا“ماركىلىق بىر داڭلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى شىركىتىنىڭ قارمىقىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا باشلاپ ئاپىرىپتۇ. بالىلار ئۇ يەردە تراكتورغا چۈشۈپتۇ، ئۆچكىلەرنى سېغىپ كۆرۈپتۇ ۋە سۈت يېمەكلىكلىرى بىلەن مېھمان قىلىنىپتۇ. ئۈچىنچى ھەپتىسى ئۇلار بالىلارغا بىر دېھقانچىلىق فېرمىسىنىڭ قەغەزدىن ياسالغان مودېلىنى قۇراشتۇرۇشقا تاپشۇرۇق بەردى. ئۇنىڭغا ئائىلىدە بىزمۇ ياردەملەشتۇق. شۇنداق قىلىپ ئاڭ ئاخىرقى ھەپتىسى مەكتەپتىن بالىلارغا ئۆچكىدىن قانداق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغىلى ۋە ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ دېگەن تېمىدا بىر ۋاراق تاپشۇرۇق بېرىلدى ۋە بۇنى كېلەركى ھەپتە تاپشۇرۇشقا ۋاقىت بېرىلدى. دېمەك بۇ يۇقىرىدىكى مىسالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ئويلاندۇرۇش، ھەرىكەت قىلغۇزۇش، قولىنى ئىشقا سالغۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەقلىي، ھېس تۇيغۇ، ئەمەلىيەتچانلىق ۋە ئېستېتىكا تۇيغۇ ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكەن
شۋېتسىيىدە يەسلىدىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگۈچىلىك ھەر كۈنى چۈشتە بىر ۋاق تاماق بىكارغا بېرىلىدۇ. تۆۋەن يىللىقتىكى سىنىپلارغا چۈشتىن كېيىن يەنە بىر ۋاق تېز تاماق بېرىلىدۇ. لېكىن جۇڭگو مەكتەپلىرىدىكىدەك ئۇزۇن چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بولمايدۇ
ئاساسىي مەكتەپلەردە دەرسلەر ئادەتتە سائەت 8دىن 13 كىچىلىك بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ئائىلىگە قايتسىمۇ بولىدۇ ياكى ئاتا ئانىلىرى ئائىلىدە قاراشقا ئىمكانى بولمىغان بالىلار يەنە بىر خىل پېداگوگىكا گۇرۇپپىسى بولغان ناملىق بۆلۈمگە بارسا بولىدۇ. بۇ خىل بۆلۈملەر ھەر بىر مەكتەپتە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۇ يەردە مەخسۇس تەربىيىلەنگەن پېداگوگىكا خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر خىل تەنتەربىيە ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇنىڭغا ئوقۇغۇچىلاردىن ئائىلىۋىي كىرىمىنىڭ 2پىرسەنتى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ، كىرىمى تۆۋەن بولغان ئائىلىلەردىن ھەق ئېلىنمايدۇ.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ: شۋېتسىيىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مەجبۇرى مائارىپ ئەمەس. لېكىن 90پىرسەنت ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇيدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ ۋە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى مەكتەپ دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. ئاساسىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە بىردەك مائارىپ بۈروسىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. شۋېتسىيىدە كۆپ ساندىكى مەكتەپلەر كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا شەكلىنى ئالغان بولۇپ، 3 يىللىق مۇددەتتە ئوقۇغۇچىلار جەمئىيەتكە چىقىپ بىۋاسىتە خىزمەت قىلغۇدەك مۇكەممەل ئىقتىدارغا ئىگە بولىدۇ، ۋە مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا ئۆز لىنىيىلىرى بويىچە ئىش ئىزدەيدۇ. 2005_يىللىق ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا شۋېتسىيە بويىچە ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇيدىغانلار ئاران 43 پېرسەنت بولغان. شۋېتسىيىدە تولۇق ئوتتۇرىنى لاياقەتلىك پۈتتۈرگەنلەرگە ستۇدېنتلىق ئۇنۋانى بېرىلىدۇ
ھەرقايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى تەسىس قىلىنغان كەسىپلەر ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆز قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە مەكتەپلەرنى تاللاپ توردا ئىلتىماس قىلىدۇ. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن بىر تۇتاش دۆلەتلىك قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىنمايدۇ. شۋېتسىيىدە لاياقەتسىز، لاياقەتلىك، ياخشى، ئەلا دىن ئىبارەت 4 خىل نەتىجە دەرىجىسى يولغا قويۇلغان. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ 9_سىنىپتىكى ئاساسىي پەنلەر يەنى ماتېماتىكا، شۋېت تىل_ ئەدەبىياتى ۋە ئىنگلىزچە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولسىلا يېتەرلىك. ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرىغا ئوتتۇرا مەكتەپ قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش مەسئۇل بولۇپ ھەرقايسى مەكتەپلەرگە شۇ مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار تىزىملىكىنى يوللايدۇ. جۇڭگو مەكتەپلىرىدىكى بوسۇغىسى ناھايىتىمۇ ئېگىز بولغان نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن تاپشۇرۇلىدىغان رايون ئاتلاش پۇلى، تۆلەم پۇلى دېگەندەك ھەقلەر ئۈچۈن ئاتا_ئانىلار گېلىنى ئېسىپ قويۇپ بولسىمۇ تۈمەنلەپ پۇل تۆلەشنى خالايدىغان ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا شۋېتسىيىدە ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ كەڭ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ۋە ئۆز قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە 17 تۈرلۈك پروگرامما بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇش ئۈچۈن ئاساس سالىدىغان كەسىپلەردىن ئىبارەت. بۇ پروگراممىلارنىڭ ئىچىدە شۋېت تىلى، ئىنگلىزچە، دىن، ساغلاملىق تەنتەربىيە، جەمئىيەت بىلىملىرى، ئېستېتىكا، تەبىئەت دەرسلىرى مېغىزلىق كەسىپلەر بولۇپ بۇلار مەجبۇرىي ئوقۇلىدىغان دەرسلەر. قالغان كۇرسلارنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تاللىغان پروگراممىنىڭ خاراكتېرى بويىچە قوشۇپ تاللاپ ئوقۇيدۇ. بىر سىنىپتا ئادەتتە 18_30 گىچە ئوقۇغۇچى بولىدۇ ۋە ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزلىرى تاللىغان كۇرسلىرىغا ئاساسەن بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان دەرسلىك سېتكىسى بولىدۇ. بىر سىنىپنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇشنى خالايدىغانلار بىلەن تولۇق ئوتتۇرىنىلا پۈتتۈرۈشنى خالايدىغانلارنىڭ دەرسلىك پىلانىمۇ ئوخشىمايدۇ. جۈملىدىن كۇرسلارنى تاللاپ ئوقۇش ناھايىتى ئەركىن ۋە ھەرىكەتچان بولۇپ، ئۆزئارا بىرىكتۈرۈپ ئۆز پروگراممىسىنىڭ تەلەپ ئۆلچىمى بويىچە ئومۇمىي نومۇرنى توشقۇزۇپ ئوقۇسىلا كۇپايە بولىدۇ.
تولۇق ئوتتۇرىدىكى دەرسلەرمۇ ناھايىتى جانلىق، ئەمەلىي. ئۆتۈلىدىغان بولۇپ ئادەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن 17 خىل پروگراممىنىڭ ئىچىدە 15 تۈرلۈك پروگراممىنىڭ ھەر بىرىنىڭ 15 ھەپتىلىك(3 يىل جەريانىدا) پىراكتىكاجەريانى بولىدۇ ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاخىرقى يىلى ئۆزلىرى تاللىغان بىر خىل تەتقىقات تېمىسى بويىچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ تاپشۇرىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مەكتەپ پۈتتۈرۈش نەتىجىسىدە خېلى كۆپ پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ
ئىجتىمائىي پەن كەسىپلىرىدە بولسا دەرسلەر نەزەرىيىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا بەزىدە فىلىم قويۇش، ئۈن ئالغۇ ئاڭلاش، مۇزېي، شەخسلەر ۋە باشقا كۆرگەزمە، مەسچىت، چېركاۋ قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئۆتۈلسە، تەبىئىي پەن كەسىپلىرى تەجرىبە ئىشلەش، زاۋۇت، شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە باشقا شەكىللەردە ئوبرازلىق ئۆتۈلىدۇ
شۋېتسىيە مائارىپ بۈروسىنىڭ توردىن ئېلىنغان بىر پارچە دوكلاتىدا ئۆستېرشۆن شەھىرىنىڭ پالمكرانتېس مەكتىپىنىڭ جەمئىيەت بىلىملىرى دەرسىدىن بېرىلگەن بىر قېتىملىق تاپشۇرۇقى ھەققىدە مۇنۇلار بايان قىلىنغان بولۇپ، ئوخشاش بىر دەرسنىڭ ئوخشىمىغان كەسىپلەرگە تەتبىقلىنىشى پەرقلىق بولغان. جەمئىيەتشۇناسلىق پروگراممىسىدا ئوقۇغۇچىلارغا شۋېتسىيە ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى ھەققىدە دېگەن تېمىدا ئىزدىنىپ كېلىشكە بۇيرۇلۇپ، شۋېتسىيىنىڭ قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتىن تەرەققىي قىلغان سانائەت دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىشكە ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇلارغا شۋېتسىيىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشچىلار سىنىپىنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر روماننى ئوقۇپ كېلىشكە تاپشۇرغان. بۇ تېما سىياسەت، تارىخ، شۋېت تىل_ئەدەبىياتى ۋە جۇغراپىيە بىلىملىرىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار تاپشۇرۇقنى ھەم يازمىچە ھەم ئېغىزچە ئۇسۇلدا ئورۇندىشى كېرەك ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئوقۇتقۇچى تۆۋەندىكى تاپشۇرۇق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتنى گەۋدىلىك، ئومۇمىي كۆرۈنۈش جەھەتتىن چۈشىنىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ھادىسىلىرىگە قارىتا ئىجابىي ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان، ھەرقايسى قاتلاملار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆز قاراشلىرى ئارقىلىق خۇلاسىلەپ بېرەلەيدىغان، شۇنداقلا باھالىيالايدىغان سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان
مېھمانخانا_رېستوران كەسپى يەنى ئاشپەزلىك پروگراممىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلگەن تاپشۇرۇقنىڭ مەزمۇنى بولسا ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق ۋىلايەتنىڭ يېمەكلىك ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا تېما تاپشۇرۇلغان. ئاشپەز دېگەن سۆزنىڭ سۆز مەنىسىدىن ئالساقمۇ تاماق ئەتكۈچى دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن تاماقنىڭ ئۆزى خام ئەشيادىن تارتىپ تاكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش ئۇقۇملىرىغىچە بېرىپ چېتىلىدۇ. يەنىمۇ چوڭقۇرلايدىغان بولساق، مۇھىت ئاسراش، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق قاتارلىق خەلقئارالىق قىزىق نۇقتىلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان نۇقتىلارنى چىقىش قىلىپ، بۇنى يەرلىك تاماق مەدەنىيىتى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈشكە تاپشۇرغان. بۇ خىل تېمىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىقتىساد، خىمىيە، بىئولوگىيە، ئىنگلىزچە دەرسلەردە ئۆگەنگەن ئومۇمىي بىلىملەرنى دوكلات قىلىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان
ئالىي مەكتەپ: شۋېتسىيىدە 50تىن ئارتۇق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ قىسمى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر، بىر قىسىملىرى يەرلىك ھۆكۈمەتكە قاراشلىق مەكتەپلەر يەنە بىر قىسىملىرى شەخسىي مەكتەپلەردىن بولۇپ 300000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. مەيلى شۋېتسىيە پۇقراسى بولسۇن ياكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولسۇن بىردەك ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش پۇلىنى ئۆزى كۆتۈرۈشى كېرەك. دۇنياغا داڭلىق ھەم قەدىمىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن چالمېرس ئۇنىۋېرسىتېتى، ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتى، لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇپسالا ئۇنىۋېرسىتېتى، گوتېبورىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بار. بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ماگىستىرلىق، دوكتورلۇق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ بولىدۇ. ستوكھولم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېراسمۇس دەپ ئاتىلىدىغان بىر پروگراممىسى بولۇپ، ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 3_مەۋسۇمىدىن باشلاپ ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەقسىز ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسا بولىدۇ
شۋېتسىيىدە ئالىي مەكتەپكە كىرىش دۆلەتلىك ئىمتىھانى ئېلىنمايدىغان بولۇپ، پەقەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرسلىك نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكىگە قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ. لېكىن خالىغانلار يەنە ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. چۈنكى بەزى بازىرى ئىتتىك كەسىپلەر مەسىلەن پسىخولوگىيە، دوختۇرلۇق، قانۇن كەسىپلىرىگە كىرىشتە رىقابەت ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېرىش _قوبۇل قىلىنىش مۇمكىنچىلىكىنى ئاشۇرىدۇ
ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دەرسلەر كۆپىنچە ھالدا لېكسىيە ئاڭلاش، سېمىنارىيۇم يەنى ئەركىن مۇزاكىرە شەكىللىرىدە ئۆتىلىدۇ. ئىمتىھانلار زالدا ئېلىنىدىغان ئىمتىھان ۋە ئائىلىدە ئېلىنىدىغان ئىمتىھان دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدىغان بولۇپ، بەزىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ قويغان سوئاللىرىغا جاۋاب يېزىش ۋە بەزىدە ئايرىم بىر تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش بولىدۇ. ئادەتتە 500_ 2000خەت ئەتراپىدا ماقالە يېزىپ تاپشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشقا، ماتېرىيال توپلاشقا توغرا كېلىدۇ
ئوقۇغۇچىلار يەنە ئۆز كەسپىدىكى باكلاۋېرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇلىدىغان كەسىپلەرنى ئوقۇشتىن سىرت يەنە باشقا فاكۇلتېتتىكى كەسىپلەرنى تاللاپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل كەسىپلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنۋان ئېلىشقا نومۇر بەرمەيدۇ. لېكىن ئۆز قىزىقىشى بىلەن ئوقۇسا يەنە بولىدۇ
بۇ ماقالە 2007-يىلى 10-ئاي ستوكھولىمدا يېزىلغان
ئاپتورى: زۇلھايات ئۆتكۈر – مىراس ژۇرنىلىدىن

Advertisements

ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ھەققىدە

بۇ تېمىنى ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان بۈركۈت ئەپەندىم يوللىغان، ئەسلى مەنبەدىن كۆرۈڭ
فاينول فانتازىيەنىڭ چەتئەلدە ئوقۇشتىن بىر مىسال دىگەن ماقالىسى
ئامېرىكىدا كومپيوتېر كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇش پۇرسىتى

گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلدى

جاھان ئىتىساد تورى بىلەن ياخشى خەلقئارا ئۇيغۇر تورى بۈگۈن گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بەرگەن. ئادۋوردزغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلسە ئەلۋەتتە بۇ ياخشى تاللاش. گۇگول ئېلان ھەل قىلىش لايھەسى بويچە بولغاندا گۇگول پەقەت ئادسېنس ۋە ئادۋوردزدىن ئىبارەت ئىككى مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئايلىنىدۇ. مۇشۇ ئىككى مۇلازىمەت تولۇق ئۇيغۇرچىلاشماي تۇرۇپ گۇگولنىڭ باشقا مۇلازىمەتلىرى تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىپ بولالمايدۇ. گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلمەي تۇرۇپ بۇ ئىككى مۇلازىمەت ئۇيغۇرچىلاشمايدۇ. گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىلمەي تۇرۇپ گۇگول ئېلانىنى تور بېكىتىمىزگە قويساق ئېلان ئۇيغۇرچە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇيغۇر تىلى مەڭگۈ گۇگول ئېلانى قوللىمايدىغان تىل قاتارىدا تۇرىۋېرىدۇ. گۇگولغا ئۇيغۇرچە ئېلان بېرىش ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن بولغاندا ئاران 100 يۈەنلا كېتىدۇ. مەن جاھان ئىقتىساد تورى بىلەن ياخشى خەلقئارا ئۇيغۇر تورىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئۈمد قىلىمەن. يۈز يۈەن بىلەن ئېلان بەرگەنلىك ئۆزىڭىزنىڭ مەھسۇلاتىغا چەكسىز خېرىدار توپلىغانلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە گۇگول ئىزدەش، ئېلخەت ۋە باشقا توردىكى مۇنەۋۋەر پروگراممىلارنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنىڭ چىقىشىغا تۆھپە قوشقانلىق

دىگەن نىمە؟ Adwords

گۇگول ئادۋوردز – تەكلىماكان بلوگدا گۇگولغا ئېلان بېرىش دەپ ئاتايمىز. گۇگول ئىككى خىل يول ئارقىلىق تەرەققىي قىلىدۇ، بىرى ئادۋوردز مۇلازىمىتى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان شىركەتلەردىن ئېلان قوبۇل قىلىدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم گۇگول ھازى يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىزدەش تور بېكەتلىرىنىڭ بىرى، زىيارەت قېتىم سانى دۇنيا بويىچە (ئۆتكەن ئايدا) ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ھەرقايسى تارماق تور بېكەتلىرىنىڭ زىيارەت سانىنى يىغىپ ھېسابلىسا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنداق چوڭ تور بېكەتكە ئەلۋەتتە نۇرغۇن شىركەتلەر ئېلان بېرىشنى ئويلايدۇ. گۇگول ھەر كۈنى بەك كۆپ ئېلان قوبۇل قىلىدۇ. ئەپسۇسكى گۇگولنىڭ باش بېتىدە بىرمۇ ئېلان يوق، ئاپئاقلا قۇرۇق بەت. ئۇنداقتا بۇ ئېلانلار قېنى؟ بۇ ئېلانلار دەل ئادسېنس يولى ئارقىلىق ھەرقايسى تور بېكەت ئىگىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، گۇگولنىڭ ئېلان ھەل قىلىش لايھەسى مەزكۇر ئېلانلارنىڭ تەقسىملەپ، مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەردە كۆرستىدۇ، ئەگەر سىز گۇگولغا كىتابنىڭ ئېلانىنى بەرمەكچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە بۇ ئېلاننى كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بار تور بېكەتلەرگە تەقسىملەپ بېرىدۇ، تور بېكەت ئىگىلىرى ئېلان بەرگۈچىلەر تاپشۇرغان پۇلنىڭ مەلۇم قىسىمىغا ئېرىشىدۇ، ئەلۋەتتە گۇگولمۇ ئوتتۇرىدا نەپ ئالىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ جەريان پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئورۇنلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر كارخانا دۇنياغا يۈزلىنىمەن دەيدىكەن ئىنتېرنېتتىن يىراق تۇرسا بولمايدۇ، دىققەت قىلىڭكى ھەر كۈنى نەچچە يۈز مىليون ئادەم توردا! ئۇلار پاراڭلىشىدۇ، ئۆگىنىدۇ، ئويۇن ئوينايدۇ، ناخشا ئاڭلايدۇ، كىنو كۆرىدۇ ۋە بۇ جەرياندا ئېلان كۆرىدۇ. دۇنياغا يۈزلەنگەن مەھسۇلات بەرپا قىلىشتا ئىنتېرنېت ئەڭ ياخشى قورال. گۇگولغا ئېلان بېرىشمۇ ئۈنىمى يۇقىرى ۋاستىلەرنىڭ بىرى. گۇگولنىڭ يەنە ئىزدەش نەتىجىسگىمۇ ئېلان قىستۇرۇلۇپ چىقىدۇ، يەنى ئەگەر سىز نەشپۈتنىڭ ئېلانىنى بەرگەن بولسىڭىز بىرەرسى گۇگولدى ياكى دەپ ئىزدەپ قالسا، ئىزدەش نەتىجىسىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ۋە ئوڭ ياكى سول تەرىپىگە سىز گۇگولغا بەرگەن ئېلان چىقىدۇ، قىزىققۇچىلار كىرىپ تەپسىلاتىنى كۆرىدۇ ۋە سىزنى ئىزدەپ مال سېتىۋالىدۇ. ئىش مۇشۇنداق ئاددى، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا نۇرغۇن سودىنى يۈرۈشتۈرۈپ كېتەلەيسىز. تېلۋوزۇرغا ئېلان بەرگەندىن نەچچە ھەسسە ئەرزان ھەم ئۈنۈملۈك، ئېلان دەل جايىنى تېپىپ بېرىلىدۇ. كىم ئىزدىسە شۇنىڭغا كۆرسىتلىدۇ
Adwords: www.google.com/adwords

بلوگدا تېمىنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىش

ئادەتتە گۇگول بلوگ باش بېتىدە ( بۇرۇنقى تەكلىماكان بلوگ) قا ئوخشاش يازغان تېمىلارنىڭ تولۇق تېكستى كۆرۈلۈپ، بەت بەك ئۇزراپ كېتىپ سۈرئەتكە تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭلاشقا تۆۋەندە باش بەتتە تېمىلارنىڭ ئىخچام شەكلىنى كۆرسىتىدىغان، تولۇق ئوقۇشنى تاللىغاندا ئايرىم بەتتە تولۇق تېكستى ئېچىلىدىغان ئىقتىدارنى تونۇشتۇرىمەن( ھازىرقى تەكلىماكان بلوگ) قا ئوخشاش. بۇ خىل ئىقتىدارنى گۇگول تەمىنلىمىگەن، شۇڭا كودنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. بۇ جەرياندا بىر قىسىم كودلارنى تونۇشتۇرىدىغان بولغاچقا بلوگنىڭ ئۆزىگە چاپلانغان كودلار ئىجرا بولۇپ كېتىپ جاپا سالدى، ئايرىم بەتكە يوللىدىم، بۇ يەردىن تەپسىلى كۆرۈڭ، چۈشەنمىگەن جايلارنى مۇشۇ تېما ئاستىغا مۇشۇ جايغا ئىنكاس شەكىلدە يېزىڭ، رەھمەت

ئۇيغۇر دىيارىدىن تېپىلغان 15 قەدىمكى يازما دۆلەت گۆھىرى قىلىپ تاللاندى

شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋرىدە ئېيتلىشىچە پۈتۈن مەملىكەتتە بۇ قېتىم 1912-يىلدىن بۇرۇن يېزىلغان يازما بويۇملاردىن دۆلەت نادىرلىرىنى دۆلەت گۆھىرىگە كىرگۈزۈش پىلانى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق موزىيىدا، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى كىتابخانىسىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق قەدىمىي بويۇملار ئىشخانىسىدا، ئاپتونۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات مەركىزى ۋە تۇرپان رايونلۇق موزىيدا ساقلىنىۋاتقان 15 ئەسەر بۇ قېتىم جۇڭگو دۆلەت گۆھىرى قىلىپ تاللانغان
بۇ 15 ئەسەر تۆۋەندىكىچە
مايتىرى سىمىت -توخارىلار دەۋرىدە يېزىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا ھەققىدىكى داستانى. بۇ داستان 27 بۆلەك. بۇ داستاننىڭ ئەسلى قوليازما نۇسخىسى ھازرىغىچە جەمئى 7 پارچە تېپىلدى. ئالتە پارچىسىنى يۈز يىل بۇرۇن گېرمانىيىلىكلەر تۇرپاندىن تاپقان ۋە ھازىر بېرلېن ئېلىم-پەن سارىيىدا قىممەتلىك يادىكارلىق سۈپتىدە ساقلىنىۋاتىدۇ- بۇ تېمىنى باشقا يەرگە چاپلىسىڭىز تەكلىماكان بلوگدىن ئېلىندى دەپ ئەسكەرتىڭ . قالغان بىر پارچە قوليازما نۇسخىسنى 1959-يىلى 4-ئايدا قومۇلدىكى دېھقانلار بىر قەدىمى قۇرلۇشتىن تېپىۋالغان
رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ

ئالىتانگرىل – مۇڭغۇلچە پادىشاھلىق ھەققىدە يېزىلغان قەدىمىي ئەسەر

ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە سۈنچۈەن تەزكىرىسى- بۇ ئۇيغۇر رايونىدىن تېپىلغان داڭلىق ئەسەردۇر
ناۋايى شئېرلار توپلىمى – بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر ناۋائىي ئەسەرلىرى
رەسىمنى چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ

قسەسۇلئەنبىيا- بۇ كىتاب بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى رابىغوزى تەرىپىدىن يېزىلغان، پەيغەمبەرلەرنى تەسۋىرلەيدۇ
شاھ مەشرەپ – شاھ مەشرەپ ئېغىز ئەدەبىيات ئەسەرلىرى
تۇرپان تەزكىرىسى- ھازىر فرانسىيىلىك تەتقىقاتچىلار دۈنخۇاڭدىن بايقىغان
تەقۋادارلار قامۇسى- بۇ كىتابنى ئەڭ بۇرۇن شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدە سىماگۇاڭ ئۇيغۇرچىدىن ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تاڭشۈەنزوڭ ئەينى دەۋردىكى يۈزدىن ئارتۇق ئۆلىماغا قايتا رەتلەتكەن. بەزىلەر ئەسلى يازغۇچى كوڭزى دەپمۇ گۇمان قىلىدۇ
مەلۇماتى ئاپئاق- بۇ ئەسەر 2006-يىلى تېپىلغان بولۇپ، تۇرپاندىكى ئىككى دىينى زات ساقلاپ كەلگەن ئىكەن. 2006-يىلى موزىيغا بەرگەن. بۇ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەڭ قەدىمكى جۇغراپىيە ئەسىرى. بۇ ئەسەرنى 1802 يىلى تىبەت ( شىزاڭ ) دا ياشىغان ئۇيغۇر ئالىم ئۇبۇل ئىسلام قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا يازغان

جاھاندىكى تىللار- بۇ ئەسەر ھەققىدە ھىچقانداق مەلۇماتقا ئىگە بولالمىدىم
تارىخنامە- بۇ ئەسەرنىڭ 130 پارچىسى دىيارىمىزدىن تېپىلغان
ئەمەلدارلىق ئىمتىھانى – ئۈچ يۈز قىرىق سەككىز پارچىسى دىيارىمىزدىن تېپىلغان
مەقسەدۇتتىببى – بۇ تىبابەت ھەققىدىكى ئەسەر
يۈرەكنى ساغلاملاشتۇرۇش- بۇمۇ تىبابەت ھەققىدىكى ئەسەر
يۇقارقىلار ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ساقلىنىۋاتقان 1912-يىلدىن بۇرۇن يېزىلغان قەدىمى ئەسەرلەر ئىچىدىن دۆلەت گۆھىرى قىلىپ تاللانغان ئەسەرلەردۇ
خەنزۇچە ئىسىملىرى

《弥勒会见记》《金光明经卷二》《药师琉璃光七佛本愿功德经》《三国志·孙权传》《纳瓦依诗集》《先知传》《谢赫麦石来布传》《论语郑氏注》《孝经义》《麦鲁麻提阿帕克(汉译:世界通讯)》《世说新语八卷》《史记一百三十卷》《文献通考三百四十八卷 》《医学之目的》《身心之康复》

مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئون چوڭ سىرى

بۇلار داڭلىق شەخسلەر يەكۈنلىگەن تەجىربىلەر
1.سىزنىڭ ئويلىشىڭىز ھەممىنى بەلگىلەيدۇ،ئادەم ئويلىمىغاننى قىلمايدۇ. مەغلۇپ بولۇشنى ئەمەس، غەلبە قىلىشنى ئويلاش كېرەك. ھەر ۋاقت خۇشال كەيپىياتتا يۈرۈش لازىم
2.غايىنى نىشانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. غايە نىشانغا بارىدىغان يول
3.ھەركەتنى باشلاش كېرەك، ھەركەت بولمىسا ھەرقانداق غايە خام خىيالدۇر
4.ئۆمۈرۋايەت ئۆگۈنۈش كېرك. ئۆلگەندە ئوقۇش پۈتتۈرۈڭ
5.قەتئى ۋاز كەچمەسلىك كېرەك. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشدا گېرمانيە قوشۇنلىرى لوندوننى بومباردىمان قىلدى، باش ۋەزىر چېرچىلنىڭ 1945-يىلى سۆزلىگەن بىر نۇتىقى دۇنيا بويچە ئەڭ داڭلىق نوتۇق قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. چېرچېل شۇ چاغدا قوشۇمىسىنى تۈرۈپ تۇرۇپ، مۇنبەرگە چىقىپ بىردەم سۈكۈتتە تۇردى ۋە ئاستا ئاۋاز بىلەن گەپ باشلىدى: قەتئى ۋاز كەچمەيمىز! — قەتئى ۋاز كەچمەيمىز !! — قەتئى ۋاز كەچمەيمىز !!! – چېرچېلنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى كۈچەيدى- قەتئى ۋاز كەچمەيمىز !!!! قەتئى ۋاز كەچمەيمىز !!!!! قەتئى ۋاز كەچمەيمىز !!!!!!! – مەيداندىكى بارلىق ئەنگىليىلىكلەر چېرچېلغا ئەگىشىپ ۋارقىراشتى، بۇ گەپ بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئاۋازى قوشۇلۇپ، بارغانسىرى يۇقىرلاپ مەيداننى بىر ئالدى، شۇنداق تەسىرلىك بولدى
6. ئۇششاق ھالقىلارنى تەھلىل قىلىش، خاتا كەتكەن جايلاردىن تەجىربە ئۆگىنىش كېرەك
7.پەخەس بولۇڭ! باشقىلار كۆڭلۈڭىزنى تەھلىل قىلمىسۇن
8.باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان غەلىتە ئادەم بولۇپ قېلىشتىن قورقماسلىق كېرەك. باشقىلارغا ئوخشاش ئويلىسا، باشقىلارغا ئوخشاش خىزمەت قىلسا ۋە ئەلقاتارى بولسا مەڭگۈ ئەلقاتارى قېلىپ، ئىقتىسادىي مەسلىدىن قۇتۇلۇپ بولغىلى بولمايدۇ. سىز تاپقان پۇلمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بولىدۇ
9.كۈچ ۋە ۋاقت سەرپ قىلىپ باشقىلار بىلەن ئەستايىدىل ئالاقە قىلىش كېرەك. ئالاقىگە تەييارلىق قىلىش كېرە،باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىش ۋە باشقىلارنى چۈشىنىشنى ئۆگىنىش كېرەك
10. راست گەپ قىلىدىغان، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئىشەنچىلىك ئادەم بولۇش كېرەك