A turkology blog

قانداق تور بېكەتلەر بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئورنىتىش كېرەك ؟ بۇ چوقۇم ئېسىڭىزدە بولسۇن! سىز چوقۇم ئوخشاش تۈردىكى توربەتلەر بىلەن دوستانە ئۇلىنىش قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ بەك مۇھىم، مەسلەن سىز ئەگەر ناخشا توربېكتى قۇرغان بولسىڭىز چوقۇم، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدىكى تور بېكەتلەر بىلەن ئۆز-ئارا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇڭ. چوقۇم تور بېكىتڭىزنىڭ تۈرىگە تەۋە بولغان بارلىق يەرلىك تور بېكەتلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش تەكلىپى قويۇڭ. باشقا تۈردىكى تور بېكەتلەر بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغاننىڭ چوڭ پايدىسى يوق. ئىلگىرى بىر تىل ئۆگىنىشكە مۇناسىۋەتلىك تور بەت تەكلىماكان بلوگ بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئورنىتىدىغانلىقىى ئېيتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنى شۇنداق ماختىغان، چوقۇم تەكلىماكان بلوگقا نۇرغۇن پايدىسى بار دىگەن ئىدى، ئەمما ھازىرغىچە ئۇ تور بېكەتتىن تەكلىماكان بلوگقا كىرگەنلەر 20 گىمۇ يەتمەيدۇ، نىمىشقا ؟ چۈنكى تەكلىماكان بلوگ تىل ئۆگىنىش سالونى ئەمەستە
سۈرەتلىك ئۇلىنىش قىلىش كېرەكمۇ ياكى خەتلىك ئۇلىنىشمۇ؟ ئەگەر مۇنازىرە مۇنبەرلىرى بىلەن ئۇلىنىش قىلسام مەن ئەلۋەتتە سۈرەتلىك ئۇلىنىش قىلىمەن. باشقا توربەت ئۇلىنىش بولسا خەتلىك ئۇلىنىش قىلىمەن. خەتلىك ئۇلىنىش ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن ئاسان بايقىلىپ قالىدۇ. ئەمما مۇنازىرە مۇنبىرىگە ئوخشاش بۇنداق ئادەم كۆپ توپلاشقان تور بېكەتلەردە رەسىملەر ئاسان بايقىلىدۇ، ئاسانلا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، شۇڭلاشقا مۇنازىرە مۇنبەرلىرى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش قۇرغاندا سۈرەتلىك ئۇلىنىش ئالماشتۇرسا پايدىلىق
ئۇلىنىش ئالماشتۇرماقچى بولغان تور بېكەت ئىگىلىرى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىمىز ؟ مەن ئادەتتە مۇنبەرلەرگە ياكى تور بېكەتكە كىرسەم ، تور بېكەت باشقۇرغۇچىسىنىڭ ماتېرىيالىنى كۆرىمەن، ئۇ جايدا ئۇنىڭ ئېلخەت ۋە مۇڭداشقۇ ئادرېسلىرى بولىشى مۇمكىن شۇ ئارقىلىق ئۇنى تېپىپ پاراڭلىشىش كېرەك
زىيارەت سانى كۆپ بولغان تور بېكەت ئىگىلىرى دوستانە ئۇلىنىش قىلىشقا ئۇنىمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ قايىل قىلىش كۈچىڭىزگە باغلىق ئىش ،ھەمدە تولىمۇ تەس ئىش، ئادەتتە زىيارەت سانى كۆپ تور بېكەتلەر يېڭى قۇرۇلغان ئۇششاق تور بەتلەرنى ئۇلىنىش قىلىشنى خالىمايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار بىلەن كيۇكىيۇ ياكى م س ن دا پاراڭلاشقاندا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا مەقسەدنى ئۇقتۇرۇش، ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەنلا رەت قىلىنىشقا ئۇچراشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەسلەن: مېنىڭ تور بېتىم گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولىۋاتىدۇ، مېنىڭ تور بېتىمنىڭ زىيارەت سانى ئاز بولسىمۇ، سىزنىڭ تور بېتڭىزنى ئۇلىنىش قىلسام سىزگە سۈپەتلىك، دائىملىق ئەزا ئېىلىپ كېلەلەيدۇ، مېنىڭ تور بېتىم سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى توربېكەت ،ئۆز-ئارا تولۇقلاش ئېلىپ بارالايدۇ… دىگەندەك گەپلەر. پەقەت بولمىغاندا باراۋەر بولمىغان دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرساڭلارمۇ بولىدۇ، مەسلەن سىز ئۇنىڭ تور بېتىنى باش بەتتە ئۇلىنىش قىلىسىز، ئۇ سىزنىڭ تور بېتڭىزنىڭ تارماق بەتتە ئۇلىنىش قىلىدۇ. سىز بۇنداق بولغاندا سەل بىچارە بولۇپ قالىسىز ئەمما ھىچقىسى يوق، زىيارەت سانى يۇقىرى تور بېكەتلەرنىڭ نەرىگىلا ئۇلىنىش قىلىنماڭ، تور بېتڭىزگە ئادەم باشلاپ كېلەلەيدىغانغا پۇرسەت كۆپ
ئالاھىدە دىققەت قىلىڭكى ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ تور بېكتىدە ۋىرۇس بولسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ تور بېكتىدە شەھۋانىي، قانۇنسىز، ياكى مەلۇم كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئالدامچى تېمىلار بولسا ھەرگىز ئۇلىنىش قىلماڭ، ھامان بىر كۈنى سىزنىڭ تور بېكتڭىزمۇ باشقىلار تەرىپىدىن شاللىنىدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: