A turkology blog

بۈگۈن يېڭى يىل، كەيپىياتىممۇ ئانچە ناچار ئەمەس، شۇڭلاشقا يېڭى توربەت قۇرۇشنى ئويلايدىغانلارغا ئاتاپ بىر پايدىلىق تېما يېزىپ قوياي. ھەر بىر ئۇيغۇرچە توربەت قۇرماقچى بولغان ئادەم ماڭا ئوخشاش دەسلەپتە ناخشا – كىنو، ياكى يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش تور بېكىتى قۇرۇشنى ئويلىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەر كۆپۈنچە ئېلان ئىلتىماس قىلالمايدۇ، شۇڭلاشقا كىرىمى ئانچە ياخشى بولۇپ كېتىشى ناتايىن شۇڭلاشقا دەسلەپ بىر ئىككى يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق ۋاقىتقىچە تور بېكەت ئۆزىنىڭ جېنىنى باقالماي قېلىشى ئېھتىمالغا يېقىن. بوشلۇق پۇلى، تورنامى پۇلى ۋە باشقىلار .. مېنىڭ بۇ يەردە تەكىتلىمەكچى بولغىنىم دەسلەپ باشلىغان دوستلار ئەڭ ياخشىسى ماقالە خاراكتېرىنى ئالغان شەخسى بلوگ قۇرۇپ، بىر مەزگىل ئۆگەنگىنى ياخشىكەن. تور پروگراممىلىرى ۋە تور بەت زىيارەت سانىنى ئاشۇرۇشقا نىسبەتەن بىلىم ئاشقانسىرى ئاندىن پۇلمۇ تاپقىلى بولىدۇ. ئېنىقكى 99 پېرسەنت تور بېكەت قۇرغۇچى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىنىڭ زىيارەت سانىنىڭ قانچە بولغانلىقى بىلەن ھەر كۈنى ھېسابلىشىدۇ، ئەمما بىر پېرسەنت تور بېكەت قۇرغۇچى ھېسابلاشمايدۇ، ئۇلار پەقەت تور بېكەت مەزمۇنىنى ھەر كۈنى يېڭىلاش بىلەنلا ھېسابلىشىدۇ، ئەنە شۇلار پۇل تېپىۋاتىدۇ. زىيارەتچىلەرگە ھەر كۈنى ساپ – يېڭى تۇيغۇ بېغىشلاۋاتىدۇ. مەسلەن، تور بېتىڭىزنىڭ كۈندىلىك زىيارەت سانى 500 بولسۇن، بۇنداق يۇقىرى قىممەتنى قانداق ياراتقان؟ ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاساسلىق مەسلە مۇشۇ ! ھەر كۈنى ئادەم ساناپ كۈن ئۆتكۈزمەڭ ! ھەركۈنى نەچچە مىڭ ئايپىدىن زىيارەت قىلسىمۇ پۇل كىرىم بولماپتۇ؟ بۇ نىمە ئىش ! مەسلە ئادەم ساناشتا ئەمەس، مۇشۇ زىيارەتچىلەرنى تەھلىل قىلىش ، ئۇلار نىمىگە ئېھتىياجلىق، قايسى بەتلەرنى كۆردى، كۆپ كۆرۈلگەن بەتلەردە قانداق مەزمۇن بار ئىدى؟ بۇلار مۇھىم ئىش
توربەت ( بلوگ ) ئارقىلىق پۇل تېپىش
بۇ بىر كونا گەپ بولۇپ قالدى، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كارخانىلار ۋە نۇرغۇن شەخسلەر تور ئارقىلىق پۇل تېپىۋاتىدۇ، سىزمۇ شۇنداق قىلالايسىز ، بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئېيتقاندا يېڭى تور بەت ئاچقانلار دەسلەپتە بۇنىڭغا ئالدىرىماڭلار ! ئاۋال تور بېكەتكە مۇقىم زىيارەت قىلىدىغان زىيارەتچى توپلاش كېرەك، زىيارەتچى بولمىسا توردا پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. تور بەت مەزمۇنىنى زىيارەتچىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان بىلىملەر بىلەن يېڭىلاش كېرەك
مەبلەغ
يېڭى تور بېكەت قۇرغانلار قانداق مەبلەغ سالىدۇ، تور نامى ئېلىش كېرەك، بوشلۇق سېتىۋېلىش كېرەك، يەنە تېخى ئەگەر تور بېكەتنىڭ نىشانى بەك چوڭ بولسا ھەقلىق سېستىما سېتىۋېلىش كېرەك، بۇلارغا پۇل كېتىدۇ، دەسلەپتە بەك كۆپ پۇل سەرپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، بىرىنچى دەرىجىلىك تور نامى 50 يۈەن ئەتراپىدا، بوشلۇققا كەلسەك مەنمۇ دەسلەپتە 200 مېگابايت بوشلۇق سېتىۋالغان، ئەمما ئۇ بوشلۇقنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ بولالمىدىم، بۇنداق يوغان بوشلۇق بىرلا ئادەم قۇرغان تور بېكەتكە نىسبەتەن بەكمۇ چوڭ! ئىشنى كىچىكتىن باشلاش كېرەك، ماقالە تۈرىدىكى تور بېكەت بولسا دەسلەپتە 10 مېگابايت بوشلۇق يېتەرلىك، ئەگەر چۈشۈرۈش تۈرىدىكى تور بېكەت بولسا 50 مېگا بولسا بولىدۇ، چوڭراق تور بېكەت بولسا بوشلۇق ساتقۇچىلار بىلەن كېلىشىپ كېيىن كېڭيەتىۋالغىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا دەسلەپتە بوشلۇقنى بەك چوڭ ئالماسلىق كېرەك
ئەلۋەتتە بۇ تور بېكەتنى قۇرۇشتىن مەقسەد ئانچە – مۇنچە كىرىم قىلىشتە ! نىشان بەك چوڭ بوپ كەتمىسۇن، مەن تور بېكەتتە بەك كۆپ پۇل تېپىپ باقمىدىم، مېنىڭچە دەسلەپكى پىلان ھەر ئايدا 1500 يۈەن پۇل تېپىش بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق، مۇنداقچە ئېيتقاندا ھەر كۈنى 50 يۈەن ئەتراپىدا پۇل تېپىشقا كاپالەتلىك قىلساق بولىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بەك چوڭ بوشلۇق سېتىۋالماسلىق ھەققىدە تەكلىپ بەرگىنىمنىڭ سەۋەبى، ئازراق كىرىمگە ئىگە بولغاندا ئاندىن بوشلۇقنىمۇ كېڭەيتىۋالساق بولىدۇ
يەنە بىر مۇھىم مەسلە تونۇشتۇرۇش
تور بېكەتنى قۇرۇپ بولدۇق، مەزمۇنى يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ كىرىدىغان ئادەم يوق ! ئەلۋەتتە تونۇشتۇرىمىزدە، ياكى تور بېكىتىڭىزگە ئادەم باشلايدىغان ۋىروس تارقىتامتىڭىز ، بىر قىسىم كىشىلەر شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ ياخشى ئۇسۇل ئەمەس، تور بېكىتڭىدە ۋىرۇس بارلىقىنى بىر قېتىم بىلگەن ئادەم ئىككىنچى ئاياغ باسمايدۇ. شۇڭلاشقا تونۇشتۇرۇش كېرەك، نەدە تونۇشتۇرىمىز ؟ مۇنبەرلەردە ! تاماق يەۋەتقاندا، ئاپتوبۇستا، مەكتەپتە دىگەندەك… ھەر بىر ئادەمنىڭ تەخمىنەن 200 دوستى ياكى تونۇشى بولىدۇ، سىز بىر دوستىڭىزغا مەن تور بېكەت قۇردۇم دەپ تونۇشتۇرۇپ قويسڭىز ئەلۋەتتە ئۇ تور بېكەتنى ياقتۇرۇپ قالسا، يەنە 200 ئادەم باشلاپ كىرىش ئېھتىماللىقى بار. ئەلۋەتتە مۇنبەرلەردە ئېلان يوللاپ تۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماڭ. تور بېكەتكە ئادەملەر كۆپىيىپ بىرىنچى قېتىملىق كىرىمنى قىلغاندا چوقۇم بۇنىمۇ ئېلان قىلىش كېرەك، باشقىلارغا قانداق ئۇسۇللار بىلەن كىرىم قىلغانلىقىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ ،تور بېكەتكە ئادەم تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ۋاقىتتا بىر قىسىم ھەسەتخورلار تور بېكىتىڭىزگە ۋىرۇس ئاسىدۇ، بۇنى تازىلاشقا قۇربىڭىز يەتمىسە كىرىمنىڭ بىر قىسىمىنى تور بېكەتنى ئاسراشقا ئىشلىتىسىز
تور بېكەتتە ئادەم كۆپەيگەندە قانداق ئۇسۇللار ئارقىلىق پۇل تاپىمىز؟ بۇ ھەقتە توردا پۇل تېپىش سەھىپىسىدە مەخسۇس تېمىلار بار، گۇگۇل ۋە باشقا داڭلىق ئېلان شىركەتلىرىدىن ئېلان ئىلتىماس قىلىمىز ،ياكى تور بېكەتتىكى ئېلان ئورنىنى ئايلىق ئىجارە بېرىمىز، تور بېكەتكە ئادەم كىردىمۇ پۇل دىگەن شۇ ! ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەمما بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت كېتىدۇ، ئۈچ ئاي ، ئالتە ئاي ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، چىدىغان بۆرە ياغ يەپتۇ دىگەن گەپ بار، شۇڭلاشقا تور بېكەتنى چىداپ بىر مەزگىل يۈرۈشتۈرۈش كېرەك، كىرىم چوقۇم بولىدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: