A turkology blog

شىۋىتسىيدە ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇر قىزى نىگارە باش شىتابى فېنلاندىيىگە جايلاشقان نوكىيا يانفون شىركىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن نوكىيا يانفون ئېلانلىرىغا مودېل بولدى. نوكىيا شىركىتى نىگارنى 2007-يىلى 8-ئايدا ئەڭ دەسلەپ نوكىيا ئېن 82 تىپلىق يانفۇنغا ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. بۇ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق
گۈزەل ئۇيغۇر قىزى نىگارە ۋەتەندىكى چاغلىرىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ پىكرى بويىچە دىققىتىنى مودېل ياكى ئارتىست بولۇشقا قاراتمىغان. چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن ئېلان ۋە مودىل شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى مېترو ۋە دۇكان سارايلاردا نىگارەنى كۆرگەن ھامان ئۇنىڭغا ئىسىم كارتوچكىلىرىنى بېرىپ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئېيتقان. نىگارە دەسلەپتە بۇ ئۇششاق-چۈششەك شىركەتلەرگە ئۆزىنى ئاۋارە قىلماي ئۇلارنىڭ كۈتۈشلىرىنى جاۋابسىز قالدۇرغان. 2006-يىلى 8 – ئايلاردا نىگار ئانىسى بىلەن ستوكھولىم شەھەر مەركىزىدە كېتىپ بارغاندا بىر شىۋېت ئادەم ئۇنىڭغا ئىسىم كارتۇچكىسىنى بېرىپ ئۆزىنىڭ ستوكھولىمدىكى بىر مودېل ئېلان شىركىتىنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى ئەگەر ۋاقتى بولسا ئۇلارنىڭ شىركىتى بىلەن بىر ئالاقە قىلىپ بېقىشىنى ئېيتقان. ئۆيگە بارغاندىن كېين ئىسىم كارتۇچكىسىنى تەپسىلى ئوقۇغان نىگار بۇ ئېلان شىركىتىنىڭ شىۋېتسىيە بويىچە داڭلىق مودېل ئېلان شىركىتى ئىكەنلىكىنى بىلگەن، شۇڭلاشقا بىر سىناپ بېقىش قارارىغا كەلگەن، ئانىسى ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ھەققىدىكى كۆپ مەسلىھەتلەر بىلەن نىگارنىڭ پىكرىگە قوشۇلغان. شۇنداق قىلىپ نىگار شىركەتكە بارغان ، مەزكۇر شىركەت پۈتۈن دۇنيادا داڭلىق فوتو مودېل بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت بولۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ كارخانىلار بىلەن ئېلان ئوبراز ۋاكالەتچىسى تەمىنلەش جەھەتتە ئالاقىسى باركەن. نىگارە بارغان ھامان شىركەتنىڭ دائىملىق ئەزاسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ۋە 2007-يىلى 8-ئايدا نىگارغا نوكىيا شىركىتىنىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغانلىنى ئۇقتۇرغان. نوكىيا ن 82 تىپلىق يانفوننىڭ بولاق ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللىرىغا نىگارنىڭ سۈرىتى بېسلغان. ئۇ ھازىر ھەم نوكىيا شىركىتىدە ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولۇپ نوكىيا يانفونلىرىنىڭ ئېلانلىرىغا چىقىۋاتىدۇ. بۇ يەردىن نوكىيا ياۋروپا باش بېكتىدىكى نىگارنىڭ رەسىمى چىقىرىلغان يانفون ئېلانىنى كۆرەلەيسىز. بۈگۈن نوكىيا ( جۇڭگو ) بېتى ئېچىلمىدى ،شۇڭلاشقا بۇ يەردە ئۇلىنىش تەمىنلىيەلمىدىم. تۆۋەندىكىسى نىگار چىققان نوكىيا ئېلانى

نىگار 1987-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇ ھازىر شىۋېتسىيە ستوكھولىم شەھەرلىك سۇدرا لاتىن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تەبئى پەن تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتىدۇ
سىڭلىمىز نىگارنىڭ مودىللىق بىلەن باسقان تۇنجى قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز. نىگار ئۆزى قىزىقىدىغان كەسپنىڭ دوختۇرلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە تولۇق ئوتتۇردىن كېيىن دوختۇرلۇقتا ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭ ئوقۇشىنىڭ ئوڭلۇشلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. نىگار ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغان نوكىيا يانفونلىرىدا ئۇيغۇر قىزى نىگار دەپ ئەسكەرتىلمىگەن بولىشى مۇمكىن، ئەلۋەتتە ئېلانچىلىقتا بۇنداق قىلىش تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭ دۇنياۋى داڭلىق شىركەت نوكىيانىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولغانلىقىدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۇق
Nokia N82 ning Photo Modeli Uyghur qizi nigar

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: