A turkology blog

ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە گۇگۇل ئېلانى قويۇشتا ئەلۋەتتە ئالدىن ئويلىشىلىدىغان مەسلە ئېلان ئۈنۈمى، ئەگەر قانچە كۆپ ئېلان قويغان تەغدىردىمۇ ئېلاندىن كىرىم بولمىسا بېكار ! مەن گۇگۇل ئېلانىنى ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە سىناق قىلىش نەتىجىسدە بەزى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنى بايقىدىم. گۇگۇلدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە 250*300 ۋە 90*728 شەكىلدىكى ئېلاننىڭ كىرىمى باشقا ھەرقانداق شەكىلدىكى ئېلان كىرىمىدىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقا تور بەت مەزمۇنى ۋە تىلى بىلەن ئېلان تىلى ئەسلا ماس كەلمەيدىغان ئۇيغۇرچە تور بەتلەر 250*300 ۋە 90*728 شەكىلدىكى ئېلاننى قويۇشنى ئالدىن ئويلاشسا بولىدۇ. خەتلىك ئېلاننىڭ كىرىمى سۈرەتلىك ئېلانغا قارىغاندا يۇقىرى. ئەمما ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنىڭ تىلى گۇگۇل ئېلانىنى قوللىمىغاچقا ( ياكى گۇگۇل ئېلانى ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرچە قوللىمىغاچقا ) تور بەت مەزمۇنى بىلەن ئېلان مەزمۇنىنى تامامەن ماسلاشتۇرىمەن دېيش ئوڭاي ئەمەس. خەتلىك ئېلانلار ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە قويۇلغاندا ئېلان باشقا يېزىقتا بولغاچقا ئاسانلا كۆزگە چېلىققان بىلەن داۋاملىق تۇرىۋەرگەندىكىن زىيارەتچىلەردە كۆرۈش ھارغىنلىقى ھاسىل قىلىدىكەن ۋە ئەھمىيەتسىز ئورۇن سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىدىكەن. ئۇيغۇرچە تور بەتلەردە كۆرۈنگەن خەنزۇچە ياكى باشقا تىلدىكى گۇگۇل يېزىق ئېلانلىرى خۇددى تور بېكەتتە بىرەر خاتالىق كۆرۈلۈپ قالايمىقان كودلار كۆرۈنىۋالغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويدىكەن. شۇڭلاشقا مېنىڭچە خەتلىك ئېلان قويغاندىن رەسىملىك ئېلان قويغان ياخشى. رەسىملىك ئېلاندا تېكست ئاز بولغاچقا تىل ئۇقماسلىق سەۋەبى بىلەن ئېلان چەكمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، ئېلان مەزمۇنى ئىنتايىن ئوبرازلىق. بەزىدە فلەش ئېلانلارمۇ چىقىدۇ، زىيارەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسانلا تارتىدۇ. بۇ رەسىملىك ئېلانلار تور بېكەتنىڭ بوش جايىغا قويىلىدىغان بولغاچقا تور بېكەتكە ھۆسىن قوشىدۇ. چېكىلىش نىسبىتىمۇ خەتلىك ئېلانغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ كىرىم يۇقىرى بولىدۇ دىگەن گەپ. رەسىملىك ئېلانلار ئۇيغۇرچە تور بەتنى چېچىلاڭغۇ كۆرسىتىپ قويمايدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: