A turkology blog

بلوگنىڭ زىيارەت سانى ھەر كۈنى ئېشىۋاتامدۇ؟ چوڭراق بىر ئوقۇرمەنلەر كۇلۇبىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئويلامسىز؟ ھەتتا باشقا ئىشلىرىڭىزنى تاشلاپ كەسپى بلوگ يازغۇچى بولسىڭىزمۇ بولىدۇ! بۇلارنىڭ ھەممىسى بلوگنىڭ چوڭراق تەسىر كۈچى ۋە ئابرويى بولۇشقا باغلىق. بۇ يەردە مەن ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى خۇلاسىلاي. گەرچە مەزمۇن قۇرلۇشى بلوگدىكى ئەڭ مەركەزلىك ئامىل بولسىمۇ يەنە بىر نەچچە تۈرلۈك بلوگ تەسىر كۈچىنى ئاشۇرىدىغان ئۇسۇللار بار. مەسلەن : زىيارەتچىلەرگە مەزمۇن قوشۇش ھوقۇقى بېرىش، ئۆز – ئارا مەنبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق. تۆۋەندىكى كونكىرىت ئۇسۇللارغا دىققەت قىلىڭ
كۆپ قانال قۇرۇش
بلوگنى بىر خىللا قىززىق نۇقتىدا ياكى ئۆزىڭىز قىززىققان بىرخىللا تېمىدا يازماستىن بىرنەچچە خىل تېمىدا يېزىش. ياكى ئايرىم تور نامى ئارقىلىق ئوخشىمىغان تېمىلارنى ئوخشىمىغان سەھىپىلەرگە بۆلۈش، مەسلەن تەكلىماكان بلوگدىكى توردا پۇل تېپىش ۋە مۇھىت ئوخشاش بولمىغان ئىككى تۈرگە تەۋە تېما. ئوخشاش بولمىغان قىززىققۇچىلارنى جەلىپ قىلالىشى تامامەن مۇمكىن
زىيارەتچىلەر مەزمۇن قوشۇش
سىز زىيارەتچىلەرگە مەزمۇن قوشۇش ھوقۇقى بېرىشڭىز كېرەك، بۇنداق بولغاندا بلوگنىڭ تەسىر كۈچى تېخىمۇ ئاشىدۇ، سىز يوللىغان نۇرغۇن تېمىغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان پىكىردىكىلەر بولىشى مۇمكىن ياكى تىزىملاش كۆزنىكى قويۇپ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەزمۇن قوشۇپ، تىزىملاتقانلار بىر نەرسە يازالايدىغان ۋە يازغانلىرىنى تەھرىرلىيەلەيدىغان قىلسڭىز بولىدۇ
بلوگنى يەرلىكلەشتۈرۈڭ
بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ تىلىغا ئاساسەن بلوگ مەزمۇن تىلىنى بەلگىلەڭ، مەسلەن : زىيارەتچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇيغۇر بولسا بلوگ مەزمۇنى ياكى كۆپ قىسىم بلوگ مەزمۇنى ئۇيغۇرچە ياكى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلگەن بولسۇن. سىز مەلۇم بىر داڭلىق بلوگنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى دەپ، مەزكۇر بلوگدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنى ھەر كۈنى تەرجىمە قىلىپ يوللاپ تۇرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. بۇنداق داڭلىق بلوگلارنى تەكنوراتى ياكى مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەردىن تاپالايسىز
بلوگ تور بېكتى قۇرۇش
بىر ياكى ئىككى بلوگ يازغاندا بۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر بلوگ تور بېكىتى قۇرىۋالسڭىزمۇ بولىدۇ، يېڭى بىر تور نامى سېتىۋېلىپ بىر كويغا، بلوگ تور بېكىتڭىنىڭ باش بېتى قىلىسىز. ئېلان ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى چىقىرىسىز
مۇنبەر قۇرۇش
بلوگ ئۈچۈن بىر مۇنازىرە مۇنبىرى قۇرۇشتىن مەقسەت ئوقۇرمەنلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر ئېسىل مەزمۇنلارنى بەرپا قىلىدۇ. سىزمۇ ئۇلارنىڭ بلوگنى قايتا زىيارەت قىلىش ئىمكانىتىنى يارىتىسىز. مۇنبەر قۇرماقچى بولسىڭىز گۇگۇل گۇرۇپپىسى ياكى مۇناسىۋەتلىك ھەقسى مۇنبەر تور بېكەتلىرىدىن پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ
ئېلخەت تىزىملىكى قۇرۇڭ
بىر ئايلىق ياكى ھەپتىلىك نادىر تېمىلارنى يوللايدىغان ئېلخەت تىزىملىكى ھاسىل قىلىپ بلوگ ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىڭ! ئۇلارغا ئېلخەت يوللىغاندا سەمىمىي بولۇڭ، ھەرگىز ئەخلەت خەت ئەۋەتمەڭ ھەم ئۇلارمۇ سىز يوللىغان توپ ئېلخەتنى ئەخلەت خەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلمايدىغان بولسۇن
بىر نەچچە زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەڭ
بلوگىڭىزنى بىر نەچچە يەرلىك زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەڭ، بۇنداق ئۇسۇللار كۆپ ھەم ئاددى. بلوگ زىيارتچىلىرىنى كۆپەيتىشكە پايدىلىق
ئىجتىمائىي تور بېكەتلەرگە قاتنىشىڭ
بىرەر مۇنبەر ياكى توپقا قاتنىشىپ بلوگنى تەشۋىق قىلىش ئانچە ياخشى ئۇسۇل ئەمەس، ئەمما ئۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزغا مەلۇم پايدىلىق شارائىتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، بلوگنىڭ ماركىسىنى داڭلىقلاشتۇرىدۇ. ياخشىراق مۇنبەر ۋە توپلارغا قاتنىشىپ بلوگىڭىزنىڭ تەسىر كۈچىنى شۇ تور بېكەت بىلەن باغلاڭ
ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئالاقە قىلىڭ
پاراڭلىشش قورالى، فەيس بۇك ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئالاقە قوراللىرى ئارقىلىق دائىملىق ئوقۇرمەنلىرڭىز بىلەن ئالاقە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بۇنداق بولغاندا ئۇلار سىزنىڭ بلوگدىن ئايرىلمايدىغان بولىدۇ
يازغۇچى قوبۇل قىلىڭ
ئەگەر بلوگنىڭ كىرىمى ياخشى بولسا مۇكاپاتلىق يازغۇچى قوبۇل قىلىڭ، ياكى دوسلىرڭىزنى بلوگنى بىللە يېزىشقا تەكلىپ قىلىڭ، ئۇزۇن ئۆتمەي بلوگدا پارتىلاش خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى بايقايسىز! ئوخشىمىغان پىكىرلىك كۆپ يازغۇچىلار تەرىپىدىن يېزىلغان بلوگ ئوخشىمىغان پىكىرلىك كىشلەرنى توپلايدۇ
مەھسۇلات سېتىڭ ياكى مۇلازىمەت قىلىڭ
بلوگقا ئېلان قويۇپ پۇل تېپىش ئەڭ ئاددى ئۇسۇللارنىڭ بىرى، سىز ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بلوگقا سىز تۇرمۇشتا شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپنى سۆرەپ كىرسىڭىز بولىدۇ. مەسلەن بلوگدا مەھسۇلات سېتىڭ، ئۆزىڭىز ئەڭ چۈشىنىدىغان ۋە ئەڭ ياقتۇرىدىغان مەھسۇلاتنى بلوگدا سېتىڭ! سىزنىڭ ھەر بىر سۆيۈملۈك ئوقۇرمېنىڭىز سىز ئۈچۈن ئىشىك ئالدىغا كەلگەن تەييار خېرىدار. ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھەرگىز ئالدىماڭ ! بلوگدا ھەقلىق مەزمۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرسىڭىزمۇ ياكى مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ئاچسىڭىزمۇ تامامەن بولىدۇ. ئەگەر دوختۇر ، پىسخولۇگ ( سايكولوگ )، چەتئەل تىلى ئوقۇتقۇسى ياكى مۇناسىۋەتلىك باشقا كەسپ ئەھلى بولسڭىز بلوگ ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىش ياكى سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانسىڭىز كىرىمىڭىز چوقۇم ياخشى بولىدۇ. خېرىدارلىرڭىزنىڭ چېكى بولمايدۇ. چۈنكى ئىنتېرنېت تولىمۇ چەكسىز بىر دۇنيا
سۈپەتلىك مەزمۇنلارنى يارىتىڭ
سۈپەتلىك مەزمۇنلار سىرىتقا ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدىغان، مەلۇم كەسپ ئەھلىرىگە مەخسۇس ماس كېلىدىغان مەزمۇنلار بولۇپ بۇلارنى ھەقلىق ئېلان قىسلىڭىزمۇ ياكى ھەقسىز سوۋغا قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇ خىل مەزمۇنلار چوقۇم ئادەتتە ھەقسىز ئېرىشكىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بولىشى كېرەك
باشقا بلوگلار بىلەن ھەمكارلىشىڭ
باشقا بلوگلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بلوگ تور بېكىتى ئېچىڭ، ياكى ئورتاق مەزمۇن يارىتىڭ! بۇ ئوقۇرمەنلەرنى ئۆز-ئارا كۆپەيتىدىغان ياخشى ئۇسۇل. مەسلەن : ئوخشاش تۈردىكى تېمىلاردا بلوگ يازىدىغان يازغۇچىلار ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ بىرلار بلوگ قۇرسا ياكى بىر بلوگ باش بېتى قۇرۇپ ھەر ئىككى بلوگدىكى يېڭى تېمىلار كۆرىنىپ تۇرىدىغان قىلسا بولىدۇ. مەسلەن ئىنتىل سەيناسىدا بىلىك كۇلۇبىدىكى يېڭى تېمىلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن. بىلىك كۇلۇبىدا ئىنتىل ۋە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى يېڭى تېمىلارنىمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن. پاتا ئارىدا مەنمۇ تەكلىماكان بلوگقا بىر قىسم ئۇيغۇرچە مۇنەۋۋەر بلوگلارنىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىنى كۆرىدىغان ئىقتىدار قوشىمەن
ئىمكانىيەت بولسا يانفون نۇسخا ئېلان قىلىڭ
ھازىر بەزى تور پروگراممىلىر ئارقىلىق تور بېكەت ياكى بلوگنىڭ يانفوندا كۆرۈش نۇسخىسىنى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئەمما ھازىرچە كۆپلىگەن يانفونلار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىمىغاچقا بۇنىڭ ھىچ پايدىسى يوق، ئەمما ئۇيغۇر (لاتىن) يېزىقى ئارقىلىق بلوگدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ يانفون نۇسخىسىنى ئېلان قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ
ئۈن – سىن لارنىمۇ ئېلان قىپ قويۇڭ
بلوگدا خەت يېزىۋەرمەي ئانچە مۇنچە ئۈن – سىن ھۆججەتلىرىنىمۇ ئېلان قىلىپ تۇرۇڭ! مەسلەن سىز ياقتۇرغان كىنو، ياكى سىز ئۆزىڭىز ئىشلىگەن سىن ھۆججىتى. بۇلار تېخىمۇ يېڭى ئۇسۇلدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكتۇر، ئوقۇرمەنلەر بلوگدىن زېرىكىپ قالمايدۇ. ئۈن – سىن ھۆججەتلىرىنى يۇتيۇب ياكى باشقا ئۈن سىن تور بېكەتلىرىگە يوللىسڭىز بولىدۇ
قىسقىچە ئېيتقاندا بۇلارنى سىناپ بېقىڭ. بلوگ يالغۇز بىر شەخسنىڭ كۆز قارىشىنى ئېلان قىلىدىغان سورۇنلا ئەمەس. تورداشلار تەرىپىدىن قارشى ئېلنىدىغان بىر بلوگ يېزىپ چىقىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردىكى سۈپەتلىك مەزمۇنلارلا كۇپايە قىلمايدۇ. سىز تېخىمۇ ئىجتىمائىلىشىپ بلوگ ئۈچۈن يېڭى تونۇشتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىشىڭىز كېرەك! بلوگىڭىزنىڭ تېزلىكتە سۈپەتلىك قارشى ئېلىنىدىغان بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا تىلەكداشىمەن

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: