A turkology blog

قانداق بلوگ ئەڭ كۆپ ئوقۇرمەن جەلىپ قىلىپ كۆرۈلىشى كۆپ بولىدۇ؟ بۇ ھەر بىر بلوگ ئۆزىدىن سوراشقا تېگىشلىك سۇئال. بۇ يەردە مەن يەتتە تۈرلۈك مەزمۇننى تەۋسىيە قىلاي، بۇ يەتتە تۈرلۈك مەزمۇن ئاسانلا باشقىلارنى جەلىپ قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنى كۆپەيتىدۇ
ھەر خىل مەنبەلەرنى تونۇشتۇرۇش
پايدىلىق مەنبەلەر ئىككى جەھەتتىن پايدىلىق بولىشى كېرەك، بىرى ۋاقت جەھەتتىن يەنە بىرى قارىماققا پايدىلىق بولغان نەرسىلەر. پايدىلىق مەنبەلەرنى تونۇشتۇرغان ماقالىلار ئاسانلا ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىدۇ، سىز پايدىلىق مەنبەلەرنى بىر نەچچە تۈرگە ئايرىپ ئېلان قىلسڭىز ۋە داۋاملىق مۇشۇ پايدىلىق مەنبەلەرنى ئىزدەشنىڭ كويىدا يۈرسىڭىز بولىدۇ، مەسلەن: ھەقسىز تېلفون ئۇرۇش، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشتىن ساۋاتلار، توردا پۇل تېپىش دىگەندەك. بۇ يەردە مەن تەكلىماكان بلوگدىكى توردا پۇل تېپىش سەھىپىسىنى مىسال ئالاي
ماھارەتلەرنى تونۇشتۇرغان بلوگلار
كۆپلىگەن ئۇششاق ماھارەتلەر ئوقۇرمەنلەرنى ئاسانلا جەلىپ قىلدۇ، چۈنكى ئوقۇرمەنلەر ئىنتايىن ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاسانلا ئازراق بىلىمگە ئېرىشىۋالىدۇ. مەسلەن: گالستۇكنى قانداق چىگىش، ماروژنىنى قانداق ياساش، تاۋۇزنى قانداق پەرۋىش قىلىش، يانفوننىڭ مەخپى نومۇرىنى قانداق يېشىش، تورغا ئۆزى ياقتۇرغان ناخشىنى قانداق يوللاش ۋە ساقلاش ۋە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلار. بۇ يەردە مەن قانداق قىلىش كېرەك دىگەن تور بېكەتنى مىسال ئالاي
ئۈنۈملۈك تەكلىپ – پىكىرلەر توپلانغان بلوگ
يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپلەر مەلۇم تېمىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا يېتەكلەيدۇ. تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن سىز ئېھتىياجلىقلارغا پايدىلىق تەكلىپلەرنى توپلاپ، رەتلەپ يەتكۈزىشىڭىز كېرەك. ئەمما قۇلاققا خوش ياقمايدىغان قۇرۇق گەپلەرنى يازمىغان تۈزۈك، بۇ يەردە ئەركىن سىدىق ئەپەندى يېزىۋاتقان مەرىپەت تورى مىسال بولالايدۇ
قىززىق نۇقتىلارنى مۇنازىرە قىلىش
كىشىلەر ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدۇ، ئەگەر قىززىق نۇقتىلاردا سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز ئوقۇرمەننىڭ بىلەن ئوخشاش بولسا ئۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنى تىلغا ئالماي قويمايدۇ. ھەمدە سىز بىلەن كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرمۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزغا كىرمەي قويمايدۇ، چۈنكى ئۇ سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزغا قارشى چىقىش ئۈچۈن سىزگە سۆز قالدۇرۇشى مۇمكىن، ئۆزىنىڭ سىزنىڭ بلوگىڭىزدا ئېتراپ قىلىنمىغان پىكرىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنىدىغان سورۇن بولۇش كېرەكتە
كىشىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان تېما ( ماۋزۇ ) لار
باشقىلار سىزنىڭ ماقالىڭىزنى ئۇلىنىش قىلسا قىسقىغىنە بىر جۈملە سۆزىڭىزنى ئۇلىنىش قىلىدۇ. ماقالىنىڭ تېمىسى ۋاقت سەرپ قىلمايلا مەزمۇننى چۈشىنىدىغان ياخشى جۈملە. بەزىدە بىر ياخشى ماۋزۇ ئاز بولمىغان ئوقۇرمەننى باشلاپ كېلەلەيدۇ
داڭلىق شەخىسلەرنى زىيارەت قىلغان خاتېرىلەر
داڭلىق چولپانلار، ئالىملار ياكى ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلار ھەققىدە چۈشەنچە، سۆھبەت خاتېرىلىرىنى يېزىش بۇ داڭلىق شەخىسلەرگە قىزىقىدغان ياكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلايدىغان ھەر بىر كىشىنى ماقالىگە چوڭقۇر چۆكتۈرىدۇ. بلوگ زىيارەت سانىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىدۇ. ئۇيغۇر لىنىيىسىدىكى جېك تور خاتېرىسى بۇنىڭغا ئەڭ ياخشى مىسال
ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان ماقالىلار
بىز داۋاملىق 2007-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پالانىچىلار، پۇكۇنچىلار دىگەندەك ماقالە، خەۋەرلەرنى كۆپ ئاڭلايمىز ۋە ئوقۇيمىز. ئەڭ مۇنەۋۋەرلەرنىڭ تۈرى بەك كۆپ، رايونىمىز، دۆلەت ئىچى، خەلقئارا بويىچە بۇنداق مۇنەۋۋەرلەرنى يېزىپ كەلسە بەك نۇرغۇن گەپ چىقىدۇ، مەسلەن: شىنجاڭدىكى ئون مۇنەۋۋەر شەخس، جۇڭگودىكى بەش چوڭ قاتىل، مەملىكەتلىك ئەڭ داڭلىق ئارتىستلار، دۇنيادىكى ئون چوڭ باي، ئاۋسترالىيىدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئون ھايۋان… دىگەندەك

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: