A turkology blog

سىز نى ئوقۇغانمۇ؟ ئۇنىڭدىكى ئۇچار گېلەم ھەققىدىكى ھېكايىلەر ئېسىڭىزدە بارمۇ؟ خەلقىمىز ئېيتىپ كېلىۋاتقان چۆچەكلەرنىڭ كۆپۈنچىسىدە ئۇچار گېلەم ھەققىدىكى ھېكايىلەر بار! نىمە ئۈچۈن قەدىمدىن بۇيانقى ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە كىشىلەرنىڭ قاتناش قورالى بولغان ھارۋىنى ئۇچۇرۇپ تەسۋىرلىمەي، گېلەمنى ئۇچۇرىدۇ
بېلىقلارنىڭ سۇ ئۈزگىنىنى كۆرگەنمۇ؟ بېلىق پۈتۈن بەدىنىنى سىلىق ئىرغاڭلىتىپ سۇ ئۈزۈپ دېڭىز – ئوكيانلارنى كېزىدۇ. فرانسىيە م.ئارگېنتىنا تەتقىقات گۇرۇپپىسىدىكى ئالىملار بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، سويۇقلۇق ئىچىدىكى نىپىز بىر پارچە جىسىمنى تەھلىل قىلغان ( تەجىربە سايمانلىرى : سويۇقلۇق قاچىسى ، نىپىز بىر پارچە جىسىم ) . قاچا تېگى ( ياكى دەريادا يەر يۈزى) گە ئەڭ يېقىن بولغاندىكى ھالەتنى كۆزەتكەن. ئىنتايىن نىپىز جىسىمنىڭ لەيلىشىدىكى سەۋەب نىپىز جىسىم تىتىرەپ تولغىنىش ئارقىلىق جىسىم بىلەن يەر يۈزى ئوتتۇرسىدىكى سويۇقلۇقنى ئىتتىرىىپ ، يۇقىرى ئۆرلەش كۈچى ھاسىل قىلىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئېغىرلىقنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىكەن. پەقەت ئىنتايىن نىپىز جىسىم بولسىلا ، بۇ جىسىم ئېگىزرەك بىر يۆلىنىشكە قاراپ يۆتكىلىدىكەن. بۇ تەتقىقات فىزىكا كۆزنىكى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان
ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىرقى تېخنىكا شارائىتىدا ئۇزۇنلۇقى 10 سانتىمىتېر، قېلىنلىقى 0.1 مىللىمىتېر بولغان چوڭلۇقتىكى ئۇچار گېلەم ياساش مۇمكىنكەن، ئەمما ئادەم ئولتۇرىدىغان ئۇچار گېلەم ياسىغىلى بولمايدىكەن. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ فىزىكا قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش ئەمەس، پەقەت تېخىمۇ چوڭ تىتىرەش كۈچى ھاسىل بولسا ئاندىن تېخىمۇ چوڭ گېلەممۇ ئۇچالايدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: