A turkology blog

گۇگۇل باش بلوگى بۈگۈن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ گۇگۇل تەۋسىيە ئېلان مۇلازىمىتىنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىدى، گۇگۇل تەۋسىيە ئېلانىدا تەۋسىيە قىلىدىغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە گۇگۇل ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىش، گۇگۇلغا ئېلان بېرىش ۋە موزىللا، پىكاسا قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېلانى بولغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتى بار ئىدى ( ئادەتتە تۆۋەن دەرىجىلىك گۇگۇل ئېلان ھېساۋاتىدىكى تەۋسىيە ئېلانىدا پەقەت موزىللا، ئەدسېنس، ئەدۋوردز قاتارلىق ئۈچ مەھسۇلات بولىدۇ، يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھېساباتلاردا باشقا شىركەتلەرنىڭمۇ مەھسۇلاتى بولىدۇ) بۇنىڭدىن كېيىن شىمالىي – جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ياپونيەدىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئىشلەتكۈچىلەر گۇگۇل تەۋسىيە ئېلانىنى ئىشلىتەلمەيدۇ، جۇڭگونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گۇگۇل شىركىتى بىر مەزگىل تەڭشەش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن جۇڭگودا موزىللا ۋە گۇگۇلغا ئېلان بېرىش تەۋسىيە ئېلانىنى قويماقچى
گۇگۇل شىركىتى چۈشەنچە بېرىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تەۋسىيە ئېلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتىكى تۈپ سەۋەب، بۇ ئېلانلار بىز نىشانلىغاندەك ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىدى. ئەدسېنس تەۋسيە ئېلانى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ھېساباتىڭلاردا كۆرۈنمەيدۇ، توربېكەتلەرگە قويۇلغان تەۋسىيە ئېلانلىرىمۇ ئەڭ مۇشۇ ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىن باشلاپ ھەق ھېسابلىمايدۇ. شۇڭلاشقا ئېلىۋېتىڭلار
ئالاھىدە خۇشخەۋەر : بۇ قېتىمقى تەۋسىيە ئېلانى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قېلىشتىن بۇرۇن گۇگۇل ئېلانىغا تىزىملاتقىنىغا 180 كۈندىن ئاشقان، توختاپ كېتىشتىن بۇرۇن ھېساباتتىكى پۇلى 100 دوللارغا يەتكەن، پۇل ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش تۈرىنى تاللاپ بولغانلارغا بىردەك 250 ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىلىدۇ. دوستلارنىڭ گۇگۇل ئېلانىنى تەۋسىيە قىلغانلىقىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت. بۇ تەڭشەش ئارقىلىق سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن قولايسىزلىقلارغا ئەپۇ سورايمىز

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: