A turkology blog

ئامېرىكا ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كەسكىن يۈزلىنىدىغان بىر دۆلەت، ھەتتا
ئىلمىي تەتقىقاتلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس، دىمەكچى بولغىنىم ئامېرىكىنىڭ
ئىلمىي تەتقىقاتى دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشىغا
ئوخشاش ئىقتىساد مەسلىسىگە چېتىپ قويۇلغان ئەمەس ! بەلكى ئامېرىكىنىڭ
ئىلمىي تەتقىقاتلىرى مەبلەغ كۆپ سېلىنغان ساھەلەرگە يۈزلىنىدۇ. مەسلەن
فىزىكا تەتقىقاتىدا ئەگەر بۇ يىل بئو – فىزىكىغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىنسا
بئو – فىزىكا كەسپى قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ، ئەگەر نامى
تېخنولوگىيەسىگە كۆپرەك مەبلەغ سېلىنسا تەتقىقاتلار نامى تېخنىكىسى
ھەققىدە كۆپرەك بولىدۇ. مەن تەيۋەندە زىيارەتتە بولغاندا ئەينى چاغدىكى
ئىجتىمائي پەنلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلىنىڭ كۆز قارىشىمۇ شۇنداق
ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر
ئامېرىكاپەرەس ئىدى. ئۇنىڭ قىلغان بىر جۈملە سۆزى كاللامدىن زادى
چىقمايدۇ: پۇل كۆپ جايغا بېرىپ تەتقىقات قىل. ئېنگلىزچە
you go where the money goes
بۇ خىل بازار ئىقتىساد ئېقىمىغا ماسلاشقان تەتقىقات لىنىيە شەكلىنىڭ
كەمچىلىكى ئۆز – ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. سىزنىڭ مەڭگۈ نىشانىڭىز
بولمايدۇ. سىزنىڭ تەتقىقات پىلانىڭىزنىڭ ئۆمرى بەك قىسقا بوپ قېلىشى
مۇمكىن. بەلكىم بىر – ئىككى يىلدىن كېيىن قىززىق پۇل يەنە بىر قىززىق
تەتقىقات نۇقتىسىنى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن. كونا قىززىق نوقتا قايتا
قىززىمايدۇ. يۇقىرىدا بىر مۇنچە قۇرۇق گەپ سېتىشتىن مەقسەت ئامېرىكىنىڭ
يادرو فىزىكا تەتقىقاتىدا يولۇققان بىر مەسلىگە تەييارلىق قىلىش.
ئامېرىكىنىڭ يادرو فىزىكا تەتقىقاتى ئاددىراق ئېيتقاندا يۇقىرى ئېنىرگىيە
تەتقىقاتى ئەزەلدىن مىنىستېرلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا ئىدى. ئېنىرگىيە
مىنىستېرلىكىنىڭ مەبلىغى كۆپەيسە يادرو فىزىكا تەتقىقاتىدا جان باقماق
تېخمۇ ئاسان بولاتتى. ئۇنداق بولمىغاندا دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ
1993-يىلى دۆلەت كونگرېسى يادرو فىزىكىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تەتقىقات
تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئەھۋاللار تېخى ئېسىمدە. نۇرغۇن ئادەملەر
خىزمىتىدىن ئايرىلدى. ئامېرىكا ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ يادرو فىزىكا
تەتقىقاتنى كاساتلاشتۇرۋاتقىلى ئون يىلدىن ئاشتى. بىز كىلەر يىلى ياۋروپا
يادرو مەركىزىدە بۇ خىل تەتقىقاتنى تاماملىماقچى ئامېرىكا ئېنىرگىيە
تەتقىقاتىغا كىتىدىغان مەبلەغ ھېسابلاش زادى قانداق ئىش؟ مەسلەن
2008-يىلى ئۇلارنىڭ تەخمىنەن ھىسابلىغىنى تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرى.
بۇنىڭ ئىچىدە يادرو فىزىكا كەسپىگە كېتىدىغان مەبلەغ يەتتە يۈز مىليون
ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا. تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا 2007-يىلى
ئامېرىكا يادرو فىزىكا تەتقىقاتىغا 751 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ
سالدى. ئەمما 2008-يىلى بۇ سان كېمەيتىلگەن. مەبلەغ كېمەيتىشتىن ئەڭ كۆپ
تەسىرگە ئۇچرىغىنى دۆلەتلىك تەجىربە مەركەزلىرى، مەسلەن فېيم سۈرئەت
تېزلەتكۈچ تەتقىقات مەركىزى33 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېمەيتكەن، بۇ
جايدا 200 دىن 300 گىچە خىزمەتچى ئىشسىز قېلىشى مۇمكىن
مەزكۇر ماقالە ئالىم لى يوڭ ئەپەندىنىڭ يازمىسىدىن ئېلىندى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: