A turkology blog

نۇرغۇن دوستلارنىڭ گۇگۇل ئېلان ھىساباتىدىكى پۇلى 100 دوللاردىن ئاشقان، ئەمما پۇل كەلمىگەن. بۇ يەردە مەن بۇ ئايدا ماڭا پۇل كېلەمدۇ؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب بېرەي. بۇ ماقالىنى تەپسىلى ئوقۇش ئارقىلىق گۇگۇل ئېلانىدا تاپقان پۇلنى زادى قانداق ئېلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالىسىز
سىزگە مۇشۇ ئايدا پۇل كېلىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇنلىشىڭىز كېرەك
سىزنىڭ ئېلان ھىسابىڭىزدىكى پۇل ئالدىنقى ئايدا 100 دوللاردىن ئاشقان بولىشى كېرەك، ئەگەر مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىن كېيىن ئاندىن 100 دوللارغا يەتكەن بولسا بۇ ئايدا پۇل ئالالمايسىز، كېلەر ئايدا ئاندىن سىزگە پۇل ئەۋەتىدۇ؛ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن پىن كېلىپ ئۇنى جەزىملەشتۈرۈپ بولغان بولىشىڭىز ۋە تېلفون نومۇرىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈپ بولغان بولىشىڭىز كېرەك، ئەگەر بۇ مەشغۇلاتلارنى 15-چىسىلادىن كېيىن قىلسىڭىز ئۇ ھالدا بۇ ئايدا سىزگە پۇل كەلمەيدۇ، كېلەر ئايدا كېلىدۇ؛ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن باج تاپشۇرۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ بولغان بولىشىڭىز ۋە پۇل تۆلەش ئەۋەتىش تاللاپ بولغان بولىشىڭىز كېرەك، ئەگەر 15-چىسىلادىن كېيىن ئاندىن پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللىسڭىز ۋە باج ئۇچۇرىنى ئەۋەتسىڭىز سىزگە بۇ ئايدا پۇل
كەلمەيدۇ، كېلەر ئايدا كېلىدۇ؛ مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن بارلىق نى ئەمەلدىن قالدۇرىشىڭىز كېرەك، پۇل ئەۋەتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغان ئىشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، پۇلۇم كۆپەيگەندە ئالاي دەپ ۋاقتىنچە توختاتقان پۇل ئەۋەتىش، ئالدىنقى ئايدا غەربىي بىرلىك شىركىتىدىن پۇلنى ۋاقتىدا ئېلىۋالماسلىقتىن كېلىپ چىققان ۋاقتلىق توختاش ۋە پۇل تاپشۇرۋالغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبى بىلەن ۋاقتىلىق توختىتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەر قانداق بىرى بولسا مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ۋاقىتلىق توختىتىشنى بېكار قىلىۋېتىشىڭىز كېرەك، ئەگەر ھىساباتىڭىزدا ۋاقىتلىق توختىتىش بولسا قىزىل رەڭلىك ئەسكەرتىش كۆرۈنىدۇ، سىز شۇ ئەسكەرتىشنى چكىپ كۆرسىتىلگىنى بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىزلا ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرالايسىز؛ مۇشۇ ئايدا پۇل تاپشۇرۋېلىشىڭىز ئۈچۈن يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان تۆت تۈرلۈك ئىشنى چوقۇم قىلىشىڭىز كېرەك، ئەگەر قىلمىسڭىز بۇ ئايدا گۇگۇل سىزگە پۇل ئەۋەتمەيدۇ
بولدى، ئەمدى بىلىۋالغانسىز، يۇقارقى تۆت شەرتنى بىرلا ۋاقىتتا تولۇق قاندۇرماي تۇرۇپ گۇگۇل بۇ ئايدا پۇل ئەۋەتمەيدۇ، ئەگەر بۇ ئايدا ئالالمىسىڭىز كېلەر ئايدا ئالىسىز، شۇڭلاشقا ئالدىراپ كەتمەي يۇقىرىدا كۆرسىتىلگىنى بويىچە تولۇق مەشغۇلات قىلىڭ

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: