A turkology blog

كورىيەنىڭ سامسارا دىگەن كىنوسىدا رول ئالغان جۇڭگولۇق داڭلىق قوشكېزەك ئارتېست، دۆلەتلىك 10 چوڭ چولپاننىڭ ئىككسى رىبورن ئاچا-سىڭىللار ئۇيغۇرچە بىلىدىكەن. مەن ئۇلارنىڭ سىنا خەۋەرلىرىدىكى رىبورن تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇرچە سالام قىلدى دىگەن خەۋرىنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ بىر قەدەر تەپسىلى ماتېرىيالىنى كۆرۈپ چىقتىم. ئۇ ئىككىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا چىقىۋاتقان داڭلىق كىنولاردا رول ئالغاندىن باشقا خەنزۇچە ۋە دىگەندەك دۆلەت ئىچىدە ئەڭ زور تەسىر قوزغىغان پىلاستىنكىلارنى چىقارغان. جۇڭخۇا ناخشىچىلار مۇسابىقىسىدا ئۇدا 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن، ۋە ھازىر دۆلەتلىك ناخشا چولپانلارنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاشتا 3-ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.رىبورن ئېنگلىزچە قايتا تۇغۇلۇش دىگەن سۆز بولۇپ، رىبورن ئاچا سىڭىللار 1984-يىلى شىنجاڭدا تۇغۇلغان، ما كاساپەتلەر مەن بىلەن تەڭكىنا ! ئۇلار 3-ئاينىڭ 14-كۈنى قوشكېزەك بولۇپ تۇغۇلغان بولۇپ، ئاچىسىغا جيەنچىن، سىڭلىسىغا جيەنچى دەپ ئىسىم قويۇلغان، ھازىر پۈتۈن مەملىكەتتە رىبورن دىگەن نام بىلەن داڭق قازاندى. ئۇلار شىنجاڭدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ۋە ئۇيغۇرچىنى ئىگىلىگەن ئىكەن.. ئويۇن قويۇش ۋە سۆھبەتلەردە تاماشىبىنلارغا ئۇيغۇرچە سالام قىلىدىكەن. گەرچە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە بىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت بولمىغان بولسىمۇ، بۇ داڭلىق ئارتىستلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەنلىكى ۋە سۆھبەتلەردە ئۇيغۇرچە سالام قىلىشى ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭغا چەكسىز ھۆرمىتى ۋە مۇھەببىتىنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ
تۆۋەندىكىسى ئۇلارنىڭ رەسىمى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: