A turkology blog

ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻣﯧﻬﺮﯨﺒﺎﻥ ﺍﷲ نىڭ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ
ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ

ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺟﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺭﻩﻫﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ : ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺟﯩﻤﻰ ﺟﺎﻫﺎﻥ ﺋﻪﻫﻠﯩﮕﻪ ﯞﻩﺯ – ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﺘﯘﺭ ، ﺋﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺳﯩﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺕ – ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ
ﺳﯜﺭﻩ ﺳﺎﺩ 87-88 ﺋﺎﻳﻪﺕ

ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺗﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﯞﻩﺯ – ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﺘﯘﺭ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺑﯘ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ ، ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺗﻤﯘ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ
ﺍﷲ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﮕﻪ ﮔﯘﯞﺍﻫﻠﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ . ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻠﻤﻰ – ﻣﻪﺭﯨﭙﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ
ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﺳﯜﺭﻩ ﻧﯩﺴﺎ 166- ﺋﺎﻳﻪﺕ
ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘ ﭖ ، ﻫﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﯜﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ، ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺳﻪﯞﯨﻴﻪﺩﻩ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﻰ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﺋﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ، ﺋﯩﻼﻫﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺍﷲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ . ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﺎﭘﯩﺪﯗ . ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﭗ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺴﻪ ، ﺑﯘ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺶ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﺳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻫﺎﻟﺪﺍ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﻛﺎﻻﻣﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭘﯩﺮﺍﻓﯧﺴﺴﻮﺭ [ ﺋﺎﺭﻣﯩﺴﯩﺘﺮﻭﻧﺞ] ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﮔﯧﻨﯩﺘﻠﯩﻘﻰ ( ﻧﺎﺳﺎ ) ﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ . ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ( ﻧﺎﺳﺎ) ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﺩﯨﻦ ﻫﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ . ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ،ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﻮﻣﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﯨﺪﯗﻕ . ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﻯ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﺪﯗﻕ ، ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ : [ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﻩﻱ ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﻩﯞﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ،ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭﺩﺍﺋﯧﻠﯧﻜﺘﻮﺭﯗﻥ ، ﭘﯩﺮﻭﺗﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺪﯗ . ﺋﺎﺷﯘ ﺯﻩﺭﯨﭽﯩﻠﻪﺭ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻨﯩﯔ .ﺍﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﺎﺗﻮﻣﻰ ﯞﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﻧﻰ ﻫﯩﺴﺎﺑﻼﭖ ﭼﯩﻘﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ، ﻗﻮﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺩﻩﻙ ، ﺗﯚﺕ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﻻﺯﯨﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ ،ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ، ﻗﻮﻳﺎﺵ ، ﺋﺎﻱ ، ﻣﯧﺮﻛﻮﺭﻯ ، ﺳﺎﺗﺮﻭﻥ ﯞﻩ ﻣﺎﺭﯨﺴﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻗﻮﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪ ﻟﻪﺭ ، ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﻮﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﻮﻳﺎﺵ ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﺩﻩﻙ ﺗﯚﺕ ﻫﻪﺳﺴﻪ ﺋﯧﻨﯩﺮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﻣﯘﻫﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ .] ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺳﻮﺭﯨﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﭽﻪ : [ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺖ ﺩﻩﭖ ﺟﻪﺯﯨﻤﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ .] ﺩﯦﺪﻯ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ :« ﺑﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﺩﯗﻕ ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺯﻭﺭ ﻛﯜﭺ- ﻗﯘﯞﯞﻩﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭖ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ .» ( ﺳﯜﺭﻩ ﻫﻪﺩﯨﺪ 25- ﺋﺎﻳﻪﺕ ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯗﻕ
ﺑﯩﺰ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﺩﯨﻦ : [ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺭﺍﭺ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟] ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﻳﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ : [ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎﻫﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﭘﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ [ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻝ ﺋﺎﻟﻪﻡ ] ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﯞﺍﺗﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ، ﺑﯘ [ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻝ ﺋﺎﻟﻪﻡ] ﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻼ ﺑﺎﻳﻘﺎﭖ ﭼﯩﻘﺘﻰ . ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ،ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﻧﺴﻪﯓ ، ﺳﻪﻥ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﻰ ﻫﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﺴﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺳﺴﯩﺴﯩﻨﯔ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻰ ﻫﻪﻣﻤﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ، ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﻣﯘ – ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻳﯚﻧﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﻪﯓ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﯞﺍﺯﯨﻨﻨﻪﺕ – ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﻫﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺪﻯ ، ﺟﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻥ ﻫﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﭼﻼﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ] ﺩﯦﺪﻯ .
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﻪﺟﯩﺪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻰ : [ ﻣﻪﻥ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ : « ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ، ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺋﻰ ﺑﯧﺰﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻫﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺭﺍﭺ ﯞﻩ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻤﺎﻣﺪﯗ… ؟ » ( ﺳﯜﺭﻩ ﻗﺎﻑ 6- ﺋﺎﻳﻪﺕ ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﯩﺮﺍﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻏﺎ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﻧﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ،[ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ؟] ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯗﻕ . ﺋﯘ :[ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﻗﺎﭼﺎﻧﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻨﻰ ﭼﻮﯕﺎﻳﺘﯩﭗ ،ﺋﺎﻟﻪﻣﮕﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﺴﺎﻕ ، ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻳﻤﯩﺰ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺗﯧﺨﯩﭽﯩﻼ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ ، ﺩﯦﻤﻪﻙ ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﺪﯗﻕ .] ﺩﯦﺪﻯ .ﻣﻪﻥ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ :« ﺑﯩﺰ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺰﯨﺪﯗﻕ ﯞﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ » ( ﺳﯜﺭﻩ ﻣﯜﻟﻚ 5- ﺋﺎﻳﻪﺕ ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ، ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﻨﻨﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ
ﭘﯩﺮﺍﻓﯧﺴﺴﻮﺭ :[ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﯕﺎ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻫﺎﯞﺍﺭﺍﻳﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﯓ – ﺗﻮﺯﺍﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ، ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭖ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﻮﺗﯧﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ، ﺋﻮﭘﺘﯧﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ ﺗﯧﻠﯧﺴﻜﻮﭘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯘﻕ ﯞﻩ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ .] ﺩﯦﺪﻯ . ﻣﻪﻥ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻏﺎ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ :« ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﯩﻦ ، ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﺭﺍﭼﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻣﺴﻪﻥ..؟ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻦ ، ﻛﯚﺯﯛﯓ ﻛﯚﺭﯛﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﻱ ، ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜﺯﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ .» ( ﺳﯜﺭﻩ ﻣﯜﻟﻚ 3-4 ﺋﺎﻳﻪﺕ ) ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ
ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻗﺎﭼﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺷﯘ ﻫﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﺳﻪﻙ ، ﺋﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﺎﺵ ﻟﯩﯖﯩﺸﯩﺘﺎﺗﺘﻰ .ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ :[ ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﯘﻣﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺋﯚﺗﺘﯩﯖﯩﺰ ، ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻼ ، ﺳﯜﻧﻨﻰ ﻫﻪﻣﺮﺍ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻛﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ،ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰ ﻳﯘﻗﺮﯨﺪﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﺪﻯ ، ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ 1400 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﺩﯨﯖﯩﺰ ، ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ؟] ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﯗﻕ . ﺋﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﺩﻯ :[ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﯩﻴﯩﻦ ، ﺑﯩﺰ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ ،ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﻼﺳﺴﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ، ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﻮﺭﻧﯘﻣﯩﻴﻪ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﯩﻤﯘ ﻫﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ .1400 – ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺩﻩﯞﺭ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻨﻰ ، ﺋﯧﺘﻤﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩﻩﻙ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺑﯩﻠﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯘﻻﻫﯩﺰﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﻮﻕ ، ﺑﯩﺰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﯨﺖ ، ﺑﯩﺮ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﯩﺘﯩﻤﺪﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻢ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﯜﻡ ﻳﻮﻕ ، ﻣﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﺩﻩﻟﻤﯘ – ﺩﻩﻝ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻱ ﺟﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﻐﯘ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ، ﻣﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ، ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﻡ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺑﯘ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﯞﺍﺑﻘﺎ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪﻙ ، ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺸﯩﻤﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ
ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﻪﺟﯩﺪ ﺯﯨﻨﺪﺍﻧﻰ :[ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ …، 1400 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ( ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ) ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﺶ، ﺷﯘﯕﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ، ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﯨﺘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ، ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ :« ﺋﻰ ﻣﯘﻫﻪﻣﻤﻪﺩ ..! ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﯞﻩ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺍﷲ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ ، ﺩﯦﮕﯩﻦ .» ( ﺳﯜﺭﻩ ﻓﯘﺭﻗﺎﻥ 6- ﺋﺎﻳﻪﺕ ) ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﺑﯩﺰ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ، ﻳﯘﻗﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩﻙ ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﯚﻫﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﺷﯘﭖ،ﺋﯩﻠﻢ – ﭘﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ، ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺳﻪﻫﻨﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﯗﻕ . ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰﻛﻰ ، ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻫﻪﻕ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻥ ﻛﯚﺯﺩﻩ ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻫﻪﻕ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺋﺎﻧﺘﺎﮔﻮﻧﯩﻠﯩﻚ ﺯﯨﺪﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﯞﺟﯜﺩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ .ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻧﻮﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ [ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ ﻣﻪﻧﻪ ﯞﻩ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺟﻪﻫﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ . ] ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ
ﻧﺎﯞﺍﺩﺍ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰ ، ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﯘﻡ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ، ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺩﻩﯞﺭﺩﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﺴﻪ ، ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺩﯦﮕﯩﻨﯩﯖﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﯘﻫﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺩﻩﯞﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ ، ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻏﻪﺭﻩﺯﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺍﷲ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﺎﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﻣﯩﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ، ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﯗﺷﯘﺵ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯗﺭ ، ﺩﻩﻳﻤﯩﺰ
ﺍﷲ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍ :« ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ، ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﯕﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻪﺭﻫﻪﻕ ﻫﻪﻕ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺧﺘﺎﺷﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ ، ﻫﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺍﷲ ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ .» ﺩﯦﮕﻪﻥ
ﺳﯜﺭﻩ ﺳﻪﺑﻪ 6- ﺋﺎﻳﻪﺕ

ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﻪﺟﯩﺪ ﺯﻩﻧﺪﺍﻧﯩﻨﯩﯔ “ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺕ “ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 12- ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ
ئىسلام مۇنازىرىسىدىن ئېلىندى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: