A turkology blog

توردا ھازىر يىگىرمە نەچچە خىل تىلدا ئۆز ئارا تەرجىمە قىلالايدىغان ماشىنا تەرجىمانلار ،يەنە كېلىپ ھەقسىز تەرجىمانلار كۆپ، بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنىڭ سەۋيىسى يۇقىرى بولۇپ توغىرلىق نىسبىتى 80 پېرسەنتكە يېقىنلاشقان. توردا بىز بىلمەيدىغان تىللاردىكى نۇرغۇن مەنبەلەر پايدىلانمىلار بولىشى مۇمكىن، مەسلەن رۇس تىلىدا يېزىلغان ئېسىل مەزمۇنلار، شىۋىتچە يېزىلغان تارىخلار دىگەندەك، بۇلارنى ئەلۋەتتە تور تەرجىمانى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىپ ئاساسى مەزمۇنىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ تور تەرجىمانلىرىدىن پايدىلىنىشنى بىلسىڭىز جاھاننىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئادەم بىلەن يېزىقچە چايخانا ياكى پاراڭلىشىش قورالى ئارقىلىق پاراڭلىشالايسىز. قانداق تەرجىمە قىلدۇرۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز سىزگە مەڭگۈ ھەقسىز ئىشلەيدىغان ئوبدان كاتىپلار بۇ. تۆۋەندە مەن تور تەرجىمانلىرىدىن پايدىلىنىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى سۆزلەي
باشقا تىللاردىن سىز بىلىدىغان تىلغا تەرجىمە قىلدۇرغاندا ئاساسى مەزمۇنىغىلا دىققەت قىلىڭ، بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ، چۈنكى توغىرلىق نىسبىتى يۈز پىرسەنت ئەمەس. سىز بىلىدىغان تىلدىن سىز بىلمەيدىغان تىلغا تەرجىمە قىلدۇرغاندا ئاۋال سىز بىلىدىغان يەنە بىر تىلغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بېقىپ، جۈملىڭىز توغرىمۇ ياكى خاتامۇ كۆرۈپ بېقىڭ. چۈنكى قارشى تەرەپ سىزنىڭ مەقسىدىڭىزنى ئۇقماي قالسا بولمايدۇ، مەسلەن سىز دىگەن سۆزنى ئېنگلىزچىدىن پورتىگال ياكى ئىتالىيان تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بىرسىگە يوللىماقچى، بۇ ئىككى تىلنى سىز بىلمەيسىز. شۇڭا ئاۋال بۇ جۈملىنى سىز بىلىدىغان خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلغۇزۇپ بېقىڭ. ئەگەر توغرا تەرجىمە قىلسا ئىتالىيان تىلىغىمۇ توغرا تەرجىمە قىلىدۇ. تەرجىمە قىلدۇرۇش جەريانىدا مۇرەككەپ جۈملە شەكىللىرىنى ئىشلەتمەڭ. ئەڭ ئاددى تاق جۈملىنى ئىشلىتىڭ. مەسلەن : دىگەن جۈملىنى تەرجىمە قىلدۇرماقچى بولسىڭىز مۇنداق شەكىلدە يېزىڭ : مېنىڭ كەسپىم ئىنجىنىرلىق. ئىنجىنىر بولمىدىم. ھازىر كومپيوتېر بىلەن ھەپلىشىۋاتىمەن— دەپ ھەممە جۈملىنى بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىڭ. شۇنداق بولغاندا ماشىنا توغرا تەرجىمە قىلالايدۇ. قارشى تەرەپمۇ سىزنىڭ شۇ خىل تىلنى بىلىدىغانلىقىنڭىزدىن ئانچە گۇمان قىلمايدۇ. تۆۋەندە كۆپ ئىقتىدارلىق بىر نەچچە تەرجىماننى تەۋسىيە قىلاي
تەرجىمانى Google
تەرجىمانى Windows Live
تەرجىمانى Systran
تەرجىمانى Yahoo

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: