A turkology blog

بۈگۈن ئولتۇرسام بىرسى كىرىپتۇ، يانفونۇمنى كۆرۈپ باقسىڭىز-دەپ. قاراپ ھەيران قالدىم، ئۆتكەندە بىلىك كۇلۇبىدا سۇلماس دەيدىغان بىر شىركەتنىڭ سۇلماس ماركىلىق ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق يانفوننى بازارغا سالماقچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. بۇ يانفوننىڭ باتارىيەسىنى ئېلىۋېتىپ قارىسام شېنجېن فەنتەيتوڭ ئىلىكترون ئالاقە شىركىتى دەپ تۇرىدۇ. ئۇيغۇرچە سېستىمىلىقكەن، ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئۆزتىل دەپ قويۇپتۇ. ئىسىممۇ يارىشىپتۇ. سېستىمىنى تەرجىمە قىلىشلىرىمۇ خېلى جايىدا. ئېلخەت، كۆكچىش، ئۈن، سىن دىگەن ئىخچام ۋە مۇنبەرلەردە قېلىپلاشتۇرۇشنى تەكىتلەۋاتقان بۇ سۆزلەرنى يانفوندا كۆرۈپ سەل خۇشال بولدۇم. ئىملا جەھەتتىنمۇ چاتاق چىقمىغۇدەك. مەن قاراپ باقسام بۇ يانفوندىكى بىردىنبىر مەسلە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىكەن. يەنى ھەر بىر كۇنۇپكىغا تۆت ھەرىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يازغاندا ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنىڭ باش، ئوتتۇرا، ئاياغ شەكىللىرى سۆزلەرگە ئاساسەن ئاپتوماتىك تاللانمايدىكەن. ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون دىگەننىڭ ھىچ بولمىغاندا كىرگۈزگۈچىدە ئەقلى ئىقتىدار بولمىسا نىمە پايدىسى، شۇنداق بولغاچقا ئۇيغۇرچە خەت كىرگۈزۈش سۈرئىتى بەك ئاست. بىر ھەرىپنىڭ توغرا شەكىلنى بېسىش ئۈچۈن بىر كۇنۇپكىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئوننەچچە قېتىم باسىدىكەنمىز

Advertisements

Comments on: "ئۆزتىل ماركىلىق ئۇيغۇرچە يانفون" (1)

  1. كىرگۈزگۈچىنى كېڭەيتىلگەن رايوندا ياسىغان ئوخشايدۇ، ە ھەرىپىنىڭ ئۇلانماسلىق مەسىلىسى…

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: