A turkology blog

چەتئەلدىكى ئىنفوۋورلد قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ مىكروسوفت ۋىندوۋس ئەكسپى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلارغا توركۆرگۈچ7 نى مەجبۇرى قاچىلاتقۇزىدىكەن 2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ ئەكسپىنىڭ ئاپتوماتىك يېڭىلاش ئىقتىدارى توركۆرگۈچ7 دىن تۆۋەن نەشىردىكى توركۆرگۈچنى ئاپتوماتىك يېڭىلاپ توركۆرگۈچ7 گە ئۆزگەرتىدىكەن.گۇگول ئانالىزىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا تەكلىماكان بلوگنىڭ 78 پېرسەنت زىيارەتچىسى مىكروسوفت توركۆرگۈچ6 نى ئىشلىتىدىكەن، 19 پەرسەنت زىيارەتچىسى موزىللا ۋە 0.5 پېرسەنت زىيارەتچىسى سافارى ئىشلىتىدىكەن. توركۆرگۈچ7 نىڭ يەنە دەسلەپ قاچىلىغاندا تەڭشىمىسە ئۇيغۇرچە خەتلەر چاپاق چىقىۋالىدىغان بىر ئادىتى بار، توركۆرگۈچ6 گە قارىغاندا بىر كۆزنەكتە كۆپ تور بەتلەرنى ئېچىش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئىقتىدارى يۇقىرى كۆتىرىلگەن ئىكەن. ئەمما بۇ قېتىملىق مەجبۇرى يېڭىلاش نۇرغۇن ئىشلەتكۇچىلەرنىڭ ئادىتىگە ھۇجۇم قىلغانلىق بولۇشى مۇمكىن.مېنىڭچە مىكروسوفت توركۆرگۈچ7 گە توركۆرگۈچ6 نىڭ ئۇسلۇبىنى كۆرسىتەلەيدىغان ۋە بۇ ئىقتىدارنى خالىغانلار تاللاپ ئىشلىتىدىغان بىر ئىقتىدار قوشقان بولسا ياخشى بولاركەن

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: