A turkology blog

Fund فۇند

فوند دىگەن نىمە؟ بۇمۇ بىر خىل مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى بولۇپ،ئاكاسيە مەبلەغ فوندى كۆپلىگەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغىنى يىغىپ،ۋاكالىتەن باشقۇردىغان ئورۇنغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇرپ بىرىشكە بېرىدۇ(مەسىلەن بانكا قاتارلىق).مەخسۇس فوند باشقۇرۇش شىركىتى بۇ مەبلەغنى باشقۇرىدۇ ۋە ئايلاندۇرىدۇ، پايچېك،زايۇم قاتارلىق ئاكاسىيە ئارقىلىق پايدىغا ئېرىشىدۇ.

ئەگەر مەلۇم بىر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ 10مىڭ يۈەن پۇل بىلەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان بولسا، بۇ پۇل ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان پايچېك ۋە زايۇم سېتۋېلىشقا يەتمەيدۇ، بۇنداق شارائىتتا فوند ئېلىش ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر.
مەسىلەن: سىز بىر ئېچۋىتىلگەن فوندىنى ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز، يۇقارقى 10 مىڭ يۈەن پۇلىڭىزدىن سېتۋېلىش رەسمىيتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن قالغان پۇلىڭىزغا ھىساپلاپ فوند بىرىدۇ، (تور ئارقىلىق سېتىۋالغاندا رەسمىيەت ھەققى ناھايتى تۆۋەن، بانكا ئارقىلىق سېتىۋالسىڭىز رەسمىيەت ھەققى يۇقۇرى بولىدۇ.) فوند باشقۇرۇش شىركىتى سىز سېتىۋالغان فونددىكى بارلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغنى بىرلەشتۈرۈپ فوند مەبلىغى قۇرۇپ چىقىدۇ، ھەمدە بۇ مەبلەغلەرنى پايچېك،زايۇم ۋە باشقا تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىپ پۇل تاپىدۇ، دىمەك بۇ پۇلدا سىزنىڭمۇ ھەققىڭىز بولىدۇ.
مالىيە مۇتەخخەسىسىلىرى فوند مەبلىغىنى ئىشىلتىشتە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ،ئادەتتە ئۇلاردا مەبلەغ سېلىشتا يىراقنى كۆرۈش، نەزىريە جەھەتتە چوڭقۇر ئانلىز قىلىش ۋە پۇل مۇئامىلە ساھاسىدە مول تەجرىبىگە ئېگە بولغان بولىدۇ.
شۇڭلاشقا سىز فوند سېتۋالماقچى بولسىڭىز چۇقۇم فوند شىركتى دىرىكتورى،قانداق ساھالەرگە مەبلەغ سالغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى داۋاملىق توردىن كۆرۈپ تۇرشىڭىز لازىم.

ھازىر قېرىنداش مىللەتلەر ئىچىدە فوندىغا مەبلەغ سالىدىغانلار ناھايتى كۆپ، بىزگە نىسبەتەن فوند توغىرىسدا ماتىريال يوق دىيەرلىك. بىراق سىز ئازراق خەنزۇ تىلى بىلسىڭىزلا خەنزۇچە توربەتلەرگە چىقىپ فوند ئەھۋالىنى كۆرۈپ مەبلەغ سالسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە ئەڭ تۆۋەن چەك 1000 يۈەن بولىدۇ.
بۇنۇڭدا پەقەت توردا پاراڭلاشقان ۋاقتىڭىزنى قىسقارتىپ ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى ۋە بازار ئەھۋالىنى ياخشى ئىگەللىسڭىز ھەمدە ئالغان فوندىڭىزنىڭ بازار ئەھۋالىنى ياخشى كۈزەتسىڭىز بولىدۇ.
فوند ئېلىش ئۇسۇلى ئادەتتە ئىككى خىل بولۇپ:
بىرى، قىسقا مۇددەتلىك ئاز سوممىلىق، بۇنىڭدا خەتىرى ئاز بولىدۇ، باھاسى ئۆرلىگەن ھامان سېتىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
يەنە بىرى، كۆپ سوممىلىق ئۇزۇن ۋاقىتىلىق بولۇپ، خېىيم-خەتىرىمۇ بار، بىراق ياخشى بولسا پايدىسىمۇ كۆپ بولىدۇ.
ئادەتتە يېڭى فوندىنىڭ باشلىنىش باھاسى 1يۈەن بولىدۇ.مۇشۇنداق ھىساپلىغاندا 1000 يۈەنگە 1000 فوند بولىدۇ، ئۆسۈش ۋە چۈشۈش نىسبىتى پايچېكىدەك ئۇنچە يۇقۇرى بولۇپمۇ كەتمەيدۇ،
ھازىر مەن ئېلىۋاتقانلىرى تەخمىنەن بىر ھەپتىدە 1 مو ئەتراپدا بولىۋاتىدۇ، شۇنداق ھىساپلىغاندا 1000يۈەنگە بىر ھەپتىدە 100 يۈەن بولىدۇ، ئەگەر سالغان مەبلىغىڭىز كۆپرەك بولسا پايدا ئېلىش نىسبىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئەگەر ئالغان فوندىڭىز چۈشۈپ كەتسە جىددىيلەشمەي سەۋەر قىلىپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كېين ئۆسۈش ئىھتىمالىمۇ بار.
4-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەتراپىدا بازاردا پايچېك باھاسى بىراقلا چۈشۈپ كېتىپ،نۇرغۇن كىشىلەر ئەندىش قىلغان ئىدى بىراق ھازىر يەنىلا ئەسلىگە كېلىۋاتىدۇ.(بۇلار پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن، مەبلەغ سېلىش ۋە سالماسلىقىڭىز مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز جۇمۇ، تاساددىبىي زىيان تارتىپ قالسىڭىز مىنى ئىزدەپ كەلسىڭىز بولمايدۇ.)
داۋامى بار.

داۋامى
ئامېرىكىنىڭ فوند شىركەتلىرى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ تەرەققى قىلغان. 2003-يىلى 7-ئايغىچە جەمئىي ئوچۇق شەكىلدىكى فوند 8300 خىلغا يەتكەن. مەبلەغ ساپ پايدىسى ئالتە تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇنۇڭ ئىچىدە %70 مەبلەغ شەخسى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ. ئامېرىكا ئاھاللىرىنىڭ ئورتاق فوندىغا سالغان مەبلىغى 1990-يىلىدىن كېين كۆپۈيۈپ ماڭغان. 1990-يىلى ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار 20مىلىيۇن بولۇپ،پۈتۈن ئاھلىنىڭ %25 پىرسەنتىنى ئىگەللىگەن. مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ 2002-يىلى 5-ئايدىكى سىتاستىكىسغا ئاساسلانغاندا، 54مىليۇن ئاھالە(يەنى 90مىليۇن شەخسى مەبلەغ سالغۇچى) فوندىغا مەبلەغ سالغان. بۇ تەخمىنەن ئامېرىكا ئاھالىسىنىڭ يېرىمنى ئېگەللەيدۇ.

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: