A turkology blog

بۈگۈن ئېلخەت ئارقىلىق تىل ئۆگىنىشنىڭ ئىنتايىن تېز سەۋىيە ئاشۇرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. بىر دانە گۇگول ئېلخەت ئادرېسىڭىز بولىشى كېرەك، سىز قايسى تىلنى ئۆگەنمەكچى؟ گۇگول ئېلخىتى ئېنگلىز، ئىسپان، ئەرەب، خەنزۇ، ياپون، رۇس، تۈرك ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان چەتئەل تىللىرىنى قوللايدۇ مۇشۇ تىللارنىڭ يېزىقچىلىق قىسىمىنى ئېلخەت ئارقىلىق ئۆگەنسىڭىز ئىنتايىن تېز سەۋيېرىڭىز ئۆسىدۇ. بىر نەچچە ياكى ئىككى ئادەم بىرلىكتە ئۆگەنسە تېخى ياخشى. ئۇسۇلى مۇنداق: ئىككەيلەن ئۆز – ئارا ئۆگىنىۋاتقان تىلدا توختىماي ئېلخەت يازىسىلەر، كەلگەن خەتكە جاۋاب يازىسىلەر، ھەر كۈنى نىمە، قايسى تېكست، قايسى سۆز، قايسى گرامماتېكىلىق شەكىل ئۆگەنگەن بولساڭلار شۇنى ئىشلىتىپ ياكى خالىغانچە بىر نەرسە يازىسىلەر ۋە تاپشۇرۋالغان خەتكە جاۋاب خەت يازىسىلەر، مۇشۇنداق ئويناپ سەۋىيەنى ئاشۇرىسىلەر. بۇ جەرياندا خەتنى خاتا يېزىپ قويمايسىلەر، گۇگولنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ. يازغان خەتنىڭ خاتا كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىملاسىنى تەكشۈرۈسىلەر، تەكشۈرگەن ئىملا ئىچىدە خاتا خەتلەر بولسا شۇ خەتنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىدۇ. رەڭگى ئۆزگەرگەن خەتلەرنىڭ ئۈستىگە چېكىلسە كۆزنەك ئېچىلىپ بىر قانچە ئوخشايدىغان خەت چىقىدۇ، توغىرسىنى تاللاپ قويساق خەت توغىرلىنىدۇ. مۇشۇنداق داۋاملاشتۇرۇپ بەرسەك خەتلەرنى بارغانسىرى توغرا يازالايدىغان بولىمىز، ئالاقە قابىليىتىمىزمۇ ئاشىدۇ، كۆپ سۆزلەر ئېسىمىزدە قالىدۇ. گرامماتېكىلىق قۇرۇلمىلارنىمۇ پىششىقلىۋالغىلى بولىدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: