A turkology blog

ئىنسانشۇناسلىق مېنىڭ كەسپىم ئەمەس، ئەمما ئىنسانشۇناسلىق، تىلشۇناسلىق ھەققىدىكى ماقالىلەرنى ئوقۇشقا قىززىقىمەن. بۇ يەردە بىر ماقالە بولۇپ چېچىنلار تۈركىي مىللەت دىيىلىپتۇيۇ ئەمما بۇ توغىرسىدا ھىچقانداق ئېنىق مەلۇمات بېرىلمەپتۇ. ئەمما چېچىنلار ئۆزى تۈركىي مىللەت بىز دەيدۇ. چېچىنلارھەققىدە يېزىلغان ماقالىلار ئىچىدە دوكتور دىپاك باسۇ ئەپەندىنىڭ يازغان چېچەنىستان مەسلىسى دىگەن ماقالىسى بىر قەدەر ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. چېچىنلار قەدىمقىي ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كاۋكازغا ماكانلاشقان تۈركىي خەلقتۇر
چېچەنلەر روسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليوندىن ئاشىدۇ. چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى روسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شىمالىي كاۋكاز رايونىغا جايلاشقان. چېچېنىيە جۇمھۇرىيىتىدە چېچەنلەردىن باشقا ئىنگۇش ھەم رۇسلار بار. چېچەنلەرنىڭ ئاز بىرقىسمى داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان
چېچەنلەرگە ئائىت ئەڭ بۇرۇنقى تارىخىي يازما ماتىرىياللار مىلادىيە 7- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قالدۇرۇلغان. چېچەنلەر شىمالىي كاۋكاز ئەتراپىدا ياشىغۇچى ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشقان. «چېچەن»دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئارغۇن دەرياسى بويىدىكى«چوڭ چېچەن» دېگەن كەنتنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن، كېيىن ئاستا- ئاستا چېچەن مىللىتىنىڭ نامى بولۇپ قالغان
چېچەنلەر ياۋروپا ئىرقىنىڭ كاۋكاز تىپىغا كىرىدۇ، كاۋكاز تىللىرى سىستېمىسى داغىستان تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ ناخ تىل تارمىقىغا تەۋە چېچەن تىلىنىڭ 7خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. چېچەنلەرنىڭ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، كېيىن سىلاۋيان يېزىقىغا ئۆزگەرتكەن. چېچەنلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
چېچەنلەر تارىختىن بۇيان سىرتقى كۈچلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە ئۆتكەن مىللەت. بۇخىل «قارشىلىق كۈرىشى» 13-ئەسىردىن تا بۈگۈنگە قەدەر چېچېنىيە زېمىنىدا داۋام قىلىپ كەلمەكتە… ئۇزاق مەزگىللىك قانلىق كۈرەشلەر چېچەنلەرنىڭ باتۇر، باش ئەگمەس، قىزىققان، قىساسكارلىق ئېڭى كۈچلۈك مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولغان. مەشھۇر يازغۇچى لىف. تولىستويمۇ چېچەنلەرنى «ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان ئەزىمەتلەر» دەپ تەرىپلىگەن
ئېنگلىزچە ئەسلى ماقالە
ئۇيغۇرچە ئەسلى ماقالە

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: