A turkology blog

مۇسۇلمان بولۇش ئەڭ ئېسىل تاللاش، مۇسۇلمان بولۇش تەس ئەمەس، تۆۋەندىكى سەككىز ئىشنى قىلسىڭىزلا مۇسۇلمان بولىسىز
بىرىنچى قەدەم: شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى بارلىق ئادەملەر تۇغۇلغاندا مۇسۇلمان تۇغۇلىدۇ، بالىلار ئۆلۈپ كەتسە مۇسۇلمان ھالەتتە ئۆلۈپ ئۇدۇل جەننەتكە يول ئالىدۇ. تۇغۇلغاندا ھىچقانداق ئادەمنىڭ گۇناھى بولمايدۇ، مۇسۇلمان ئەمەسلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن بۇرۇنقى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا مۇسۇلمان بولۇشنىڭ ياخشى تاللاش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كېرەك
ئىككىنچى قەدەم: سىز ئۆزىڭىزدىن سوراڭ، سىز راستىنلا ئىسلامغا ئىشەندىڭىزمۇ؟ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ھەقىقەتكە قايتماقچىمۇ؟ بىرلا ئاللاھ بار ۋە مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلدىڭىزمۇ؟ يوق
ئۈچۈنچى قەدەم: دەڭ ! مەنىسى: مەن شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچقانداق ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر
تۆتۈنچى قەدەم: تېنىڭىزنى پاكلاڭ! مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى مۇنچىغا كىرىڭ ۋە داۋاملىق يۇيۇنۇپ تۇرۇڭ چۈنكى ئىسلام دىينى تازلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ مۇسۇلمان بولغان ئادەم ئۈچۈن بەك مۇھىم
بەشىنچى قەدەم: ئىسلام بىلىملىرىنى ئۆگىنىڭ! ئەڭ مۇكەممەل ۋە سىزگە ئىسلامنى ئەڭ ياخشى ئۆگىتىدىغان بىلىم ئاللاھ يازغان قۇرئان كەرىمدۇر. ھازىر قۇرئاننىڭ دۇنيادىكى كۆپلىگەن تىلدىكى تەرجىمىسى بار، مۇسۇلمان بولغان ئادەم ھەركۈنى قۇرئان ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئەلۋەتتە تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن ئايەتلەرنى چۈشىنەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەتراپىڭىزدىكى تەقۋادار مۇسۇلمانلاردىن ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ. سەئۇدىي ئەرەبىستان ھۆكۈمىتنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستان قۇرئان باسمىخانىسىدا بېسىلىپ تارقىتىلغان. ئوقۇڭ
ئالتىنچى قەدەم: دۇئا قىلىڭ! بىرىنچى دۇئانى ئاللاھقا رەھمەت ئېيتىپ قىلىڭ ۋە اللە تىن بۇرۇنقى گۇناھلار ئۈچۈن ئەپۇ سوراڭ. ئەگەر دۇئا قىلىشنى بىلمىسڭىز ئۆزىڭىز كۆڭلىڭىزدە ھەقىقىي مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ئويلىغان ئويىڭىزنى اللە قا دەڭ. دۇئانى ئۆزىڭىزنىڭ بىلگىنىچە قىلىۋېرىڭ
يەتتىنچى قەدەم: ئىسلامدىكى بەش پەرھىزنى چۈشىنىڭ ۋە تولۇق ئورۇنداڭ. پەرھىز دىگەنلىك بۈيۈك اللە ئىنسانلارنى قىلىشقا بۇيرىغان ئىشتۇر، ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى بولمىسۇن مۇشۇ بەش پەرھىزنى قىلمىسا ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغان گۇناھكار بولىدۇ ۋە جەننەتكە كىرلمەيدۇ. بۇ بەش پەرھىز: ئەشھەدۇئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ( بىر اللە تىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئۇنىڭ پەيغەمبىرىدۇر) ديىش؛ كۈنىگە بەش ۋاق ناماز ئوقۇش ( بامدات، پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن قاتارلىق بەش ۋاق ناماز مۇسۇلمانلارغا ھەر كۈنى ئوقۇشقا بۇيرۇلغان)؛ رامازان ئېيىدا روزا تۇتۇش( ھەر يىلى رامازان ئېيىدا بىر ئاي روزا تۇتىسىز)؛ زاكات بېرىش ( ھەر يىلى تاپقان پۇلنىڭ مەلۇم بەلگىلەنگەن ئاز بىر قىسمىنى يوقسۇللارغا ئىئانە قىلىش) ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرگەنلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئۆز قولى بىلەن سالغان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى ھەرەم مەسجىتىگە بېرىپ ھەج قىلىش قاتارلىقلار ئىسلامدىكى بەش پەرھىزدۇر
سەككىزىنچى قەدەم: تۆۋەندىكى يەتتىگە ئىشنىشڭىز كېرەك: ئاللاھقا ئىشىنىش؛ ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىگە ئىشنىش؛ ئاللاھ ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن كىتابلارغا ئىشىنىش ( ئاللاھ تەۋرات، زەبۇر، ئىنجىل، قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرگەن، بۇ كىتابلارنىڭ ئىچىدە تەۋرات ۋە ئىنجىل يەھۇدىلار ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق يوقىلىپ كېتىپ، كېيىن يەھۇدىلار تەرىپىدىن قايتا يېزىلدى، شۇڭا ھازىرقى تەۋرات ۋە ئىنجىل يالغان، ئۇنى ئاللاھ يازغان ئەمەس، يەھۇدىلار يازغان. ئۇلار ئىنجىلنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىشەنمەيمىز. زەبۇرمۇ يوقىلىپ كەتتى. پەقەت قۇرئانلا مەڭگۈ قالىدىغان، يوقالمايدىغان ئاللاھ ئىنسانلارغا نازىل قىلغان مۇقەددەس كىتابتۇر)؛ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشىنىش ( ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسالامدىن تارتىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغىچە 24000 كىشىنى پەيغەمبەر قىلىپ بېكىتكەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك. ئەيسامۇ پەيغەمبەردۇر، ئۇ يەھۇدى ياكى خىرىستىئانلار ئېيتقاندەك خۇدانىڭ ئوغلى ئەمەس، ھەم خۇدامۇ ئەمەس، ئۇ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىدۇر. ئاللاھ تۇغمىدى، تۇغۇلمىدى، ئۇ يەككە يىگانە ھەم تەڭداشسىزدۇر)؛ ئاخىرقى كۈنگە ئىشنىش( قىيامەت كۈنىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش)؛ ياخشى بىلەن ياماننى ئاللاھنىڭ ئايرىدىغانلىقىغا ئىشىنىش؛ قايتا تىرىلىشكە ئىشنىش( ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن پانىي دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ ۋە باقىي دۇنيادا قايتا تىرىلىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار ئاستىدىن شەربەتلەر ئېقىپ تۇرىدىغان دەريالار، باغۇ-بوستانلىق جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئادەمنىڭ مېڭىسى پورۇقلاپ قاينايدىغان ئوتتا كۆيىدۇ ۋە ئۆلمەي مەڭگۈ ئازاپ تارتىدۇ) قاتارلىق يەتتىگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك
يۇقارقىلارنى تولۇق قىلغاندا سىز مۇسۇلمان بولدىڭىز
سۈرەتتە ئامېرىكىلىق ناخشا چولپىنى مايكول.جېكسون مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قاتاردا ياشاۋاتىدۇ

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: