A turkology blog

Archive for فېۋرال, 2008

ئۇيغۇرچە بلوگ لازىممۇ؟

سىزمۇ تەكلىماكان بلوگقا ئوخشاش ئۇيغۇرچە بلوگ ياسىماقچىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا مۇشۇ تېما ئاستىغا ئالاقە ئۇسۇلىڭىزنى قالدۇرۇڭ، ئېلخەت ئادرېسىنى يازغاندا @ نىڭ ئورنىغا $ نى ئىشلىتىڭ. بۇ باشقىلارنىڭ سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى ئوغۇرلاش ياكى ئەخلەت خەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن. بۈگۈن Blogspot ئېچىلىپتۇ. شۇڭلاشقا ئۆزۈم ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان بىر قانچە ئۇسلۇبنى ھەقسىز تارقىتىپ بېرەي. ئەگەر ئۆزىڭىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ باقماقچى بولسىڭىز «بلوگ ھۈنەرلىرى» دىگەن خەتكۈچلۈك ماقالىلەرنى ئىزدەڭ، ئۇنىڭدا ھەممىسى تەپسىلى يېزىلغان.
Advertisements

ئوڭدىن-سولغا ئىزدەش

بۈگۈن Google باش بلوگى «ئوڭدىن سولغا ئىزدەش» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ، ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارنىڭ Google دىكى مەسلىسىنى يەنە بىر قەدەم ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ يېزىقلارنىڭ ئىچىدە ئەرەب يېزىقى، ئىبراي يېزىقى (يەھۇدى يېزىقى) ۋە باشقا بارلىق ئوڭدىن – سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلار بار. ئادەتتە لاتىنچە يېزىقنىڭ يۆلىنىشى سولدىن – ئوڭغا، ئۇيغۇرچە يېزىقنىڭ يۆلىنىشى ئوڭدىن – سولغا. دەل شۇنداق بولغاچقا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىق بىلەن سولدىن-ئوڭغا يېزىلىدىغان يېزىقنى بىر قۇرغا ياكى بىر تېكست ئىچىگە ئارلاشتۇرۇپ يازغاندا خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرىلىدۇ. ئادەتتە بۇ ئەھۋال Google ئىزدەش نەتىجىسى ئىچىدىمۇ كۆرۈلەتتى. Google ھازىر دەل مۇشۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇندىن كېيىن بۇنداق مەسلىلەر تامامەن ھەل بولىدىكەن.

كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۇسۇلى

تۆنۈگۈن بىلىك كۇلۇبىغا «كۈندە يۈز دوللار تېپىش ئۇسۇلى» سەرلەۋھىلىك ماقالە يازدىم، ئىنكاسلارمۇ بەك كۆپ بولدى، 24 سائەت ۋاقت ئىچىدە تېمىنىڭ كۆرۈلۈشى 2000 گە يېقىنلاشتى. مەن مەزكۇر تېمىدا «كۈندە 100 دوللار تېپىش» نىڭ بارلىق ئۇسۇل چارىلىرىنى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەۋاتىمەن. سىزمۇ قاتنىشىڭ. بۇ ھەقىقەتەن ئەسقاتىدىغان تېما. ئىنكاسنى مۇشۇ يەرگە يازسىڭىزمۇ ياكى بىلىك كۇلۇبىغا يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، تېما تولۇق پۈتكەندە مەن بۇ يەرگە رەتلەپ چاپلايمەن. بۇ يەرنى چېكىپ كىرىڭ.

تا پۇل تېپىشتىكى مەخپى ئۇسۇللار Adsense

يېقىندىن بۇيان Adsense تىن پايدىلىنىپ كۆپ پۇل تېپىش ھەققىدىكى ماقالىلەرنى كۆپ ئوقۇدۇم، بۇ ماقالىلەرنىڭ ئەڭ ئەسقاتىدىغان مەزمۇنلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ قويغۇم كەلدى. مەن ھەم ئۆزۈمنىڭ تەجىربىلىرىنىمۇ قوشۇپ قويدۇم. ھەر كۈنى 100 دوللار تېپىشنى ئويلىسىڭىز سىزمۇ شۇنداق قىلىپ بېقىڭ. ئەلۋەتتە ئاۋال ئەڭ ئاددى چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيلى! Adsense بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن تور بەت (بلوگ) بولمىسا بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ ئاۋال تور بېتىڭىز بولىشى كېرەك، ئاندىن باشقىلىرىنى ئويلايلى! دىمەك:
ئۆزىڭىزنىڭ ئېمپىرىيەسىنى قۇرۇڭ
باشقىلار قۇرغان تور بەتكە ئەزا بولۇپ، باشقىلارنىڭ تور بېتىدە ماقالە (مەزمۇن) ئېلان قىلىپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ ياكى كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ. چوقۇم ئۆزىڭىزگە تەۋە تور بېكەت بولىشى كېرەك. ئۇنداقتا قانداق تور بەت قۇرىمىز؟ ئەڭ ئاددى ئۇسۇل ئىككى، بىرى كۈنىگە 1 ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىغان چۇۋالچاق تور بېكەتتىن 100 نى قۇرىسىز. يەنە بىرى كۈنىگە 100 ئامېرىكا دوللىرى تاپالايدىغان نادىر تور بېكەتتىن بىرنىلا قۇرىسىز. ھازىر Adsense بىلەن شۇغۇللىنىپ پۇل تاپتى دەپ قارىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يولغا ماڭغان. مۇشۇ ئىككى يولنىڭ قايسىغىلا ماڭسىڭىز بولىدۇ، ئەمما توغرا تاللاپ مېڭىڭ! ئەگەر سىز مەلۇم ساھەدە مول بىلىمگە ئىگە (ئالىم، سەنئەتكار، باي ياكى باشقا) بولسىڭىز مېنىڭچە بىرلا تور بەت قۇرسىڭىز بولدى، ئەگەر ھىچقانداق كەسپى بىلىمىڭىز ياكى بىرلا نەرسىگە چوڭقۇر ئىشتىياقىڭىز بولمىسا ئۇ ھالدا چۇۋالچاق تور بېكەتتىن 100 نى قۇرۇڭ. ئەمما تور بېكەت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە بوشلۇق، ئاسراش، قوغداش ۋە يېڭىلاش جەھەتتە ئادەم كۈچى ۋە ۋاقت كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەييارلىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ ئەلۋەتتە.
ئۇنۋېرسال بولۇش ياكى كەسپى بولۇش
سىز قۇرغان تور بېكەتنىڭ مەزمۇنىغا كەلسەك مېنىڭچە كەسپى (مەخسۇس مەلۇم تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغان) تور بېكەتلەر Adsense قا بەكرەك ماس كېلىدۇ، چۈنكى Adsense ئېلانلىرىنىڭ مەزمۇنى دەل تور بېكەت مەزمۇنى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا مەخسۇسلاشقان تور بېكەتلەردە كۆرۈنگەن ئېلان مەزمۇن جەھەتتە تور بېكەت مەزمۇنىغا دەل چۈشىدۇ ۋە چېكىلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرمۇ ئانچە ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى Google قا ئېلان بېرىدىغان ئۇيغۇرچە بېكەتلەرمۇ چىقتى، ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەردە ئەرەبچە ۋە تۈركچە ئېلانلارمۇ كۆرۈنىدىكەن. شۇڭلاشقا تور بېكەت مەزمۇنى مول بولسىلا ئېلان كۆرۈنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرىمەڭ.
تور بېكەتنى قۇرغان كۈنىلا ئېلان قويۇش كېرەكمۇ؟ Google ئېلانىنى چېكىدىغانغا زىيارەتچى بولمىسا بولمايدۇ، ھەمدە چېكىلىش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ. تور بېكەتتە مەزمۇن مول بولمىسا ئېلان مەزمۇنى بىلەن تور بېكەت مەزمۇنى ماس كەلمەيدۇ-دە چېكىلىش نىسبىتى يەنە تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا تور بېكەت قۇرۇلۇپ مەلۇم ئېقىمغا ئىگە بولغاندا ئاندىن ئېلان قويۇش كېرەك. ئادەتتە Adsense نىڭ ئاپشاركىسى تور بېكەت مەزمۇنىنى تولۇق ئىگىللەپ بولغۇچە بىر نەچچە كۈن ۋاقت كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ بىر نەچچە كۈنگىچە ئېلان نورمال كۆرۈنمەيدۇ ياكى تور بېكەت مەزمۇنى بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان ئېلانلار كۆرۈنىدۇ.
ۋاكالەتچى تور بېكەتلەرگە ئېلان قويۇش
بۇ مېنىڭ تەجىربەمدىن ئۆتكەن ئىش. مەسلەن: سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە كىتاب ساتىسىز، مېنىڭچە كىتابتىن كىرگەن كىرىم ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. 100دوللارلىق كىتاب سېتىلسا سىز 40 دوللار كىرىم قىلالىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما ئەگەر تور بېكىتڭىزدە كىتاب سېتىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە ئانچە-مۇنچە Adsense ئېلانى قويۇپ قويسىڭىزچۇ؟! ئىشىنىڭكى بۇنىڭ ئۈنىمى بەك يۇقىرى. سىز چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز. سىزدىن كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن كىرگەن خېرىدالار تور بېكىتڭىزدىكى كىتابقا مۇناسىۋەتلىك ئېلانلارنى كۆپ چىكىدۇ. بۇ كىرىمىڭىزنى كۆپەيتىدۇ دىگەن گەپ. ھەم كىتاب سېتىپ كىرىم قىلىسىز، ھەم Adsense تىن كىرىم قىلىسىز. بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش دىگەن شۇ! مەن جەزم قىلىمەنكى كىتابنىڭ كىرىمىدىن Adsense نىڭ كىرىمى يۇقىرى بولۇپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەردە «كىتاب» مىسال قىلىندى. قانۇن يولغا قويغان تىجارەت دائىرسى ئىچىدە نىمە ساتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

دىن سوۋغات ئېلىشنى خالامسىز Google

بۈگۈن Google Adsense China تورداشلارنىڭ گۇگول ئېلانى ھەققىدىكى تەجىربىلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى. Adsense ئېلان قىلىنغىلىمۇ خېلى ئۇزۇن ۋاقت بولدى، بەلكىم بۇنىڭدىن نۇرغۇن تورداشلار نەچچە مىڭ دوللار كىرىم قىلغان بولىشى مۇمكىن. سىز پەقەت Adsense ئىشلەتكۈچىسى بولسىڭىزلا Adsense بۆلۈمى سىزنىڭ تەجىربە ساۋاقلىرىڭىزنى قوبۇل قىلىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قانداق قىلىپ يۇقىرى كىرىم قىلغانلىقىڭىز ياكى Adsense تا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرىم قىلىۋاتقانلىقىڭىز ھەققىدە، ئېلان قويۇش تېخنىكىسى ھەققىدە ماقالە (سىن ياكى باشقا ھۆججەت بولسىمۇ بولىدۇ) تەييارلاپ، inside-adsense-zhs@google.com غا يوللىسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر سىزنىڭ ماقالىڭىز تاللىنىپلا قالسا Google دىن ئەۋەتىلگەن سوۋغات بويىمىغا ئېرىشەلەيسىز.

ئۇيغۇر ئېدىت يېڭىلاندى

ئۇيغۇر ئېدىت مەن ئەڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ULY بىلەن UEY نى ئۆز-ئارا ئايلاندۇرۇش ۋە تەھرىرلەش ئىنتايىن قولايلىق، مېنىڭچە تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىملا ئامبىرى ھەرقانداق ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچنىڭكىدىن كۆپ ئىدى. 2008-يىلى 2-ئايدا ئىملا ئامبىرى يەنە يېڭىلىنىپتۇ، ھازىرقى ئىملا ئامبىرىدا 632000 دانە سۆزلۈك باركەن. ئاپتوماتىك تۈزتۈش ئىقتىدارى 68500 سۆزلۈكنى ئاپتوماتىك توغىرلىيالايدىكەن.

بلوگ زىيارەتچىلىرى بىلەن پاراڭلىشىش

سىز بلوگدا نىمە ئىش قىلىسىز؟ ئەگەر بلوگ زىيارەتچىلىرىڭىز خېرىدارلىرىڭىز بولسا تېخى ياخشى. ھازىر Google شىركىتى پاراڭلىشىش قورالى GoogleTalk نىڭ يېڭى تور نۇسخىسىنى چىقاردى. سىز پەقەت Google Talk’s gadget نى تور بېتىڭىز ياكى بلوگىڭىزغا قويۇپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. سىز Google Talk’s gadget نىڭ كودىنى بلوگىڭىزغا چاپلايسىز. ئاندىن تۆۋەندىكىدەك رەسىم كۆرىنىدۇ. تور بېتىڭىزنى زىيارەت قىلغان ئادەم ئۇ رەسىمنى چەكسىلا سىز بىلەن پاراڭلىشالايدۇ. ئۇ ئادەم مەيلى Google ھىسابىغا كىرگەن بولسۇن ياكى كىرمىگەن بولسۇن ئوخشاشلا سىز توردا بولسىڭزىلا پاراڭلىشالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا GoogleTalk نىڭ ئالاھىدە بىر نۇسخىسى ئېچىلىپ سىلەرنى پاراڭلىشىش مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.