A turkology blog

سۇئال: ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك؟
قاتارلىق ئىمتىھانلارنىڭ بىرىدە ياخشى نومۇر ئېلىش كېرەك TOEFL, GRE, GMAT
ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالى مەكتەپتە، سىنىپىدا ئالدىنقى 5، كامىدا ئالدىنقى 10 ئىچىدە ئوقۇغان بولۇشى. بۇ زۆرۈر شەرت ئەمەس. لېكىن مېنىڭ كۈزىتىشىمچە، پەۋقۇلئاددە ئەھۋالنى ھىساپقا ئالمىغاندا، بۇ شەرتنى ئورۇندىيالمىغانلار، ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بېرىشتىكى زۆرۈر ئىمتىھانلاردىن ياخشى نومۇر ئالالماسلىقى، كېيىن دەرسلەرنى كۆتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن
باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانى بولۇشى كېرەك. ئامېرىكىدا، ئوتتۇرا مەكتەپ، باكلاۋۇر ئوقۇشنى ئوقۇشمۇ مۇمكىن. لېكىن بۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە كۆپ پۇل كېتىدۇ. يىلىدا 300-200 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا.ئاسپىرانتلىق ئوقۇشتا، ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىپ ئوقۇغۇلى بولىدۇ. شۇڭا ئاۋال ۋەتەن ئىچىدە باكلاۋۇرلۇقنى ئوقۇۋالغان كۆپ ئەۋزەل
سۇئال: مېنىڭ ئالى تېخنىكۇم (مەخسۇس كۇرس) دىپلومىم بار، مەنمۇ بېرىپ ئوقۇيالامدىم؟
ئەلۋەتتە ئوقۇيالايسىز. لېكىن سىز باشقا باكلاۋۇر ئۇنۋانى بارلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىڭىز بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق 2 يول بار: بىرى ۋەتەن ئىچىدە ئۆرلەپ ئوقۇپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانى ئېلىش؛ ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىدا باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق، يۇقۇرى نومۇر ئېلىشىڭىز كېرەك. بۇ باسقۇچنى تاماملىيالىسىڭىز، ئامېرىكىدا بىر-ئىككى مەۋسۇم بەزى باكلاۋۇرلۇقنىڭ دەرسىنى ئوقۇپلا، كېيىن ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلاپ كېتەلەيسىز. مەن ئاشۇنداق خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنى كۆردۈم، يەنە كۆپلىرىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىدىم
سۇئال: مېنىڭ ۋە ئاتا-ئانامنىڭ كۆپ پۇلى يوق، مەنمۇ ئوقۇيالايمەنمۇ؟
ئەلۋەتتە ئوقۇيالايسىز. بۇ يەردە ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان نەچچە ئون مىليون جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئەھۋالى سىز بىلەن ئوخشاش. ئۇلار ئۆيىدىن بىر تىيىن چىقىم قىلماي، ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ پۈتۈن ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتىدۇ. باشقىلار قىلالىغاننى سىزمۇ قىلالايسىز
سۇئال: پاسپورتنى قانداق ئالىمەن؟
ئامېرىكا ئالى مەكتىپىنىڭ ئوقۇشقا قوبۇل قىلىش ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا، شۇ ئۇختۇرۇشنى، كىملىك، نوپۇسىڭىز قاتارلىقلار بىلەن بىرگە مۇناسىۋەتلىك ج خ تارماقلىرىغا ئاپارسىڭىز ئۇلار پاسپورت بېجىرىپ بېرىدۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلار، پەقەت كىملىكنى كۆتۈرۈپ بارسىلا پاسپورت ئالغىلى بولىدىكەن. شۇڭا كەلگۈسىدە پاسپورتقا ئېھتىياجلىق بولۇپ قالىدىغانلار، ئوقۇۋاتقاندا، ئىچكىرىدىلا بېجىرىۋالغىنى ياخشى. بولمىسا دىيارىمىزدا بەزى ئىشلار سەل مۇرەككەپرەك
سۇئال: ئوقۇشنىڭ ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟
يوق. لېكىن يېشى كىچىكلەر كامىدا باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ھازىرلىغان بولۇشى، يېشى چوڭلارمۇ مۇۋاپىق ياشتا ئوقۇغىنى ياخشى. قېرىغاندا ئوقۇغان ئوقۇش ياش ۋاقتىدا ئوقۇغاندەك بولمايدۇ
سۇئال: قايسى ۋاقىتتا ئوقۇشنى باشلىغان ئەڭ ئەۋزەل؟ بۇنىڭغا قانداق تەييارلىق قىلىش كېرەك؟
باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى تۈگىتىپلا، ئامېرىكىدىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى باشلىغان ئەڭ ئەۋزەل. بۇنىڭ ئۈچۈن، تولۇقسىزدا ئانا تىلىنى، تولۇقتا خەنزۇ تىلىنى، ئالى مەكتەپتە ئىنگىلىز تىلىنى پىششىق ئۆگۈنۈش، ئالى مەكتەپنى تۈگەتكىچە، ئوقۇشقا كىرىشنىڭ زۆرۈر ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىپ، نەتىجە ئېلىپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئوقۇش چاقىرىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇ ئاسان ئىش ئەمەس. لېكىن پەۋقۇلئاددە تەس ئىشمۇ ئەمەس. بىزگە تونۇشلۇق، يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىجادچىسى مۇھەممەد ئابدۇللا ئەپەندىم مۇشۇنداق قىلالىغان ۋە قىلغان
سۇئال: قايسى كەسپلەردە ئوقۇغان ياخشى؟ قايسى كەسپلەردىن ئوقۇش مۇكاپات ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقۇرىراق؟
ئامېرىكىغا كېلىپ، بىرەر ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە ئوقۇماق ئاسان ئەمەس. چۈنكى ئامېرىكىلىقلار بىلەن رىقابەتتە ئوقۇيدىغان گەپ، ئىنگىلىز تىلى ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلى. ئۇلار بىلگەن بەزى كىچىك تىللارنى سىز مەڭگۈ بىلەلمەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىجتىمائى پەن ساھەسىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسەن بېرىلمەيدۇ. بولغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكىلىقلاردىن ئاشمايدۇ. شۇڭا تەبىئى پەن، سانائەت پەنلىرىدە ئوقۇش، ئوقۇشقا يېتىشىپ مېڭىش، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش نىسبەتەن ئاسانراق. ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە ئىجتىمائى پەن كىشىلىرىگە ئانچە مۇھتاج ئەمەس، لېكىن تەبىئى پەن، سانائەت پەنلىرى، مېدىتسىنا پەنلىرىنىڭ ئىختىساسلىق خادىملىرىغا بەكمۇ ئېھتىياجلىق
سۇئال: چەت يېراق قىشلاقلىرىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ھازىرلىنىدىغان شەرت بىر ئاق قەغەزگە ئوخشىشى مۇمكىن، ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنلا شەرت ھازىرلاشنىڭ بىرىنجى بوسوغىسىغا كىرگەن بولىدۇ. بۇ بوسوغىغا قەدەم ئالغاندىن باشلاپ شەرت ھازىرلىسا بەلكىم ئانچە كىچىكىپمۇ كەتمەس، بىراق بۇ يول شەرت ھازىرلاش ئۈچۈن ناھايىتى قىسقا بولىشى، ھەربىر دوقمۇشلىرىنى بەكمۇ پۇختا بېسىشى لازىم بولىدۇ، سىزنىڭ مۇشۇ ھەقتە كونكىرت يول كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن
جاۋاپ: كونكىرت يول كونكىرت ئوقۇغۇچىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ مەلۇم قانۇنىيىتى بولىدۇ: باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىزدا ئۆز ئانا تىلى – ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق بولۇش. خەنزۇ تىلىغا بەلگىلىك ئاساس سېلىش. تولۇقسىزدىكى ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىولوگىيە، خەنزۇ تىلى قاتارلىقلارنىمۇ پۇختا ئۆگۈنۈپ مېڭىش. بولمىسا تولۇقتا سۆرىلىپ قالىدىغان ئىش بولۇپ قالىدۇ. تولۇق ئوتتۇرىدا، خەنزۇ تىلىغا پۇختا ئاساس سېلىش. بولسا سەۋىيە ئىمتىاھانىسىغا قاتنىشىپ، لاياقەتلىك بولۇش. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىولوگىيە قاتارلىق ئاساسلىق دەرسلەرنىمۇ پۇختا ئىگەللەش. بولمىسا ئالى مەكتەپتە سۆرىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان تەبىئى پەن كىتاپلىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسىنى ۋە باشقا خەنزۇچە پايدىلىنىش كىتاپلىرىنى (لۇغەتنىڭ ياردىمى بىلەن) كۆرۈپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇش. شۇنداق قىلىپ ئالى مەكتەپكە چىققۇچە، خەنزۇچە كەسپىي كىتاپلارنى كۆرەلىشكە پۇختا ئاساس سېلىش. ئالى مەكتەپكە بېرىشتا، مەكتەپ ۋە كەسپنى ياخشى تاللاش. ئالى مەكتەپكە چىقىپلا ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈشنى باشلاش. تەييارلىق مەزگىلى بولسا، مۇمكىن قەدەر، خەنزۇچە سەۋىيە ئىمتىھانىسى ۋە باشقا ئاساسلارنى كۆرسىتىپ، خەنزۇچە دەرسكە قاتناشماسلىق ياكى سىنىپ ئاتلاپ ئوقۇشنى قولغا كەلتۈرۈش. كېيىن بارلىق كەسپىي دەرسلەرنى ياخشى ئۆگۈنۈش. مەكتەپ پۈتتۈرگىچە ئىنگىلىزچە خەلقارا ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجە ئېلىشنى قولغا كەلتۈرۈش
سۇئال: مېنىڭ ۋە ئاتا-ئانامنىڭ كۆپ پۇلى يوق، ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى ئېلىشقا كۆزۈم يەتمەيدۇ. مەن ئامېرىكىدا بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆقۇپ كېتىشىم مۇمكىنمۇ؟
جاۋاپ: بۇ مېنىڭچە مۇمكىن ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەپلىرى تۆۋەندىكىچە: ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالالمىسىڭىز، ئامېرىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنى ئېلىپ، ئامېرىكىغا سەپەر قىلالىشىڭىز بەك مۈشكۈل، يوق دىيەرلىك. ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن ئامېرىكىدا ئىشلەش ئامېرىكا قانۇنىغا خىلاپ. شۇڭا قانۇنلۇق خىزمەت قىلغىلى بولمايدۇ. ناۋادا قانۇنسىز بىرەر قارا ئىش تېپىپ قىلغاندىمۇ، ئۇنىڭ ئىش ھەققى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئۇ كىرىم بىلەن ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ، جېنىڭىزنى بېقىپ ئوقۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. ئامېرىكىدا قانۇن ئىنتايىن قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىغان بولۇپ، ناۋادا قانۇنسىز خىزمەت قىلغانلىقىڭىز بايقىلىپ قالسا، ئامېرىكا چېگرىسىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىڭىز مۇمكىن
سۇئال: ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن بىر يىلدا قانچىلىك چىقىم كېتىدۇ؟
بۇ سان مەكتەپلەرگە، مەكتەپ جايلاشقان شەھەر، رايونلارغا، كەسپكە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ سان تەخمىنەن 20 مىڭ دوللاردىن 50 مىڭ دوللارغىچە بولىدۇ. بۇ ساندىكى بۇنچىلىك زور پەرقنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستېتى بىلەن خوتەن ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومىدا ئوقۇغاننى سېلىشتۈرۈپ تەھلىل قىلساقلا كۇپايە. مەسىلەن، كالىفورنىيە ئۇنۋېرىستېتىنىڭ بېركېلېي تارمىقىدا بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى 30 مىڭ دوللار، ياتاق، تاماق ۋە باشقا خىراجەتلەر ئوقۇغۇچى سەۋىيىسىدە تەخمىنەن 20 مىڭ دوللار ئەتراپىدا. لېكىن، ئىنتايىن خوشاللىنارلىق بىر پاكىت شۇكى، ناۋادا سىز تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ قالسىڭىز، سىزنىڭ يىللىق 30 مىڭ دوللار ئوقۇش پۇلىڭىز كەچۈرۈم قىلىنىپ، قولىڭىزغا يەنە جېنىڭىزنى بېقىپ ئوقۇش ئۈچۈن يىلىدا 20 مىڭ دوللار «مۇئاش» بېرىدۇ! دىمەك بۇ دىگەنلىك، سىز بىر-ئىككى ئىمتىھان بېرىپ، ئامېرىكىدا ئوقۇپ بەرسىڭىز، دەرسخانىدا ئولتۇرۇپ بەرگىنىڭىزگە يىلىدا 50 مىڭ دوللار، يەنى 400 مىڭ يۈئەن ئەتراپىدا «كىرىم» قىلالايسىز دىگەن گەپ. بۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئاسان ئەمەس. لېكىن سىزدە «باشقىلار قىلالىغاننى مەن نىمىشقا قىلالمىغىدەكمەن!؟» دەيدىغان ئىدىيە بولسا، بۇنى سىزمۇ قىلالايسىز
سۇئال: مېنىڭ تىل ئاساسىم ياخشى ئەمەس، مەن ئامېرىكىغا بېرىپ، ئاۋال تىل مەكتىپىدە ئوقۇپ، تىل سەۋىيەمنى يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئاندىن ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇسام بولامدۇ؟
نەزىرىيە جەھەتتىن بولىدۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. سەۋەپلىرى: ھازىر «ئامېرىكىغا بېرىپ تىل ئۆگۈنىمەن» دەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگۇدىكى ئەلچىخانىسىدا ياكى جۇڭگۇ پاسپورتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىش ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى سىزنىڭ يىلدا كامىدا 200،000 يۈئەن چىقىم قىلىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ، ئىنگىلىز تىلى ئۆگۈنۈش لوگىكىڭىزنى ئەلچىخانىدىكىلەر مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇلار سىزنىڭ راستچىل گېپىڭىزگە، ئۇلۇقۋار مەقسەدلىرىڭىزگە ئىشەنمەيدۇ. سەۋەپ جۇڭگۇ پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تەرەققى قىلىپ، تېخى ئۇ سەۋىيىگە بارمىدى. ناۋادا سىز ئايدا مىليون دوللار پۇلنى قورقماي سەرپ قىلالايدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى بولغان بولسىڭىز، بۇنىڭدا مەسىلە يوق ئىدى. ئامېرىكىدىكى تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇش پۇلى كامىدا ھەر ئايدا 1000 دوللار، ياخشىراق مەكتەپلەرنىڭ 3000-2000 دوللار. بۇنىڭغا ھەر ئايدا كېتىدىغان 2000-1000 دوللار تاماق، ياتاق پۇللىرىنى قوشقاندا، ئېيىغا 5000-2000 دوللار بولىدۇ. دىيارىمىزدا ھەر ئايدا 2000 يۈئەن چىقىم قىلىپ، ئېرىشىش مۇمكىن بولغان شارائىتنى ئېيىغا 40،000-15،000 يۈئەن تۆلەپ ئېرىشىمەن دىسىڭىز، ئۇنى چۈشىنىش تەسكە توختايدۇ. ئامېرىكىدا تىل ئۆگەنسە ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ دەپ قارىشىڭىز مۇمكىن. بۇ قارىشىڭىز قىسمەن توغرا بولۇپ، ئاڭلاش، سۆزلەش قابىلىيىتىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىسى بار. لېكىن ئوقۇش، يېزىش، گىراماتىكا بىلىملىرىنى بۇ يەردە پۇختا ئۆگەنگىلى بولمايدۇ. ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تىل بىلىملىرىنى يەنىلا جۇڭگۇدا ياخشى، پۇختا ئۆگەنگىلى بولىدۇ
سۇئال: ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشتىكى ئەڭ مۇھىم، قىيىن ئۆتكەل، داۋانلار قايسىلار؟
مېنىڭچە تۆۋەندىكى 3 قىيىن داۋانلار بار: ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نومۇر ئېلىش؛ مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشكە ئىلتىماس سۇنۇپ، ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى چىۋەرلىك بىلەن ۋاقتىدا، توغرا ھەل قىلىش؛ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش؛ قالغانلىرى بۇلارغا قارىغاندا كىچىك مەسىلىلەر. بۇلارنىڭ ھەر بىرى قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغان داۋانلار بولۇپ، ناۋادا مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلمىسا، كۆپ ۋاقىتلاردا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن بۇ داۋانلاردىن ئۆتۈپ كېتىشنىڭمۇ ئىلمى، مۇۋاپىق ئۇسۇللىرى بار.
بىر نۇقتا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئىنساننىڭ بارلىق تەقدىر-قىسمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆز قولىدا ئەمەس. بەزى تەقدىر-قىسمەتلەرنى ئۆزىڭىز تىرىشىپ ھەل قىلالىسىڭىزمۇ، بەزىلىرىنى ھەل قىلالىشىڭىز ناتايىن ياكى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، ئاۋال توغرا دۇنيا قاراش، ئېتىقاد، ئىدىيە تۇغۇزىۋېلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم
سۇئال: ئۇ ئىمتىھانلار 1000 يۈئەندىنمۇ قىممەت ئىكەن. مەن بىر نامرات ئوقۇغۇچى، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمەن؟
ئۇ ئىمتىھانلار، باشقىلار يىلىدا 50،000 دوللار، 5 يىلدا جەمى 250،000 دوللار (2 مىليون يۈئەن) پۇل سەرپ قىلىپ ئېرىشەلەيدىغان شارائىتقا، سىزنىڭ ھەقسىز ئېرىشەلىشىڭىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىمتىھانلار. ھىچكىم سىزنى ئىمتىھان بېرىڭ، ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇڭ دەپ مەجبۇرلىمايدۇ. دەسلەپكى 2000-1000 يۈئەننىڭ مېھرىدىن كېچەلمىسىڭىز، بۇ سۇئال-جاۋاپلارنى ئوقۇشنى مۇشۇ يەردە توختاتسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ۋاقتىڭىزمۇ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. تېجەشلىك، ئىقساتچانلىق بىلەن ياشاش، كۇرس ئېچىش، ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇش، بوش ۋاقىتلاردا باشقا ئورۇنلاردا ئىشلەپ ئانچە-مۇنچە كىرىم قىلىش يولى بىلەن بۇنچىلىك پۇلنىڭ يولىنى قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئىمتىھانلارنى بېرىشتىن بۇرۇن، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، ئۆزىنى ياخشى مۆلچەرلەپ بېرىش كېرەك. ئۆزىنى ياخشى مولچەرلىيەلمىسە، ئاۋال 100-20 يۈئەن بىلەن بەرگىلى بولىدىغان دۆلەت ئىچىدىكى ئىمتىھانلارنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ سەۋىيىسىنى دەڭسەپ كۆرۈش، يېتەرلىك سەۋىيە ھازىرلىغاندا، ئۇ ئىمتىھانلارنى بىرلا قېتىم بېرىپ، ياخشى نومۇر ئېلىش ئارقىلىق بەزى پۇل تېجەش مەقسەتلىرىگە يېتىش مۇمكىن
سۇئال: مەن بەزىلەردىن ئاڭلىسام، «ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشتە، ئۇلارنى جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئېتىۋار قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋىزىنى خەنزۇلارغا قارىغاندا ئاسانراق بېرىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر، «ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولغاچقا، ئامېرىكا تۇپرىقىدا يۈز بەرگەن تېرورلۇق ۋەقەسى ۋە ئامېرىكىنىڭ تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلارغا ۋىزىنى خەنزۇلارغا قارىغاندا تەستە بېرىدۇ» دەيدۇ. زادى بۇ گەپنىڭ قايسى راست؟
جاۋاپ: بۇ گەپنىڭ ھىچ قايسىسى راست ئەمەس، ھەممىسى يالغان. ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ تاشقى سىياسىتى سەۋەبىدىن، بەزى دۆلەتلەر، مەسىلەن، كۇبا، شىمالى كورىيە، ئىران، سۈرىيە، سۇدان… قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغاندا، ئۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرىدۇ. بۇلار ئامېرىكا چېگرىسى ئىچىگە كىرگەندىمۇ، ئۇلارغا بولغان نازارەت، كۈزىتىش ۋە تىزىملىتىش ئىشلىرى باشقا دۆلەت پۇقرالىرىدىن پەرقلىق بولىدۇ. يەنە بىرى، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، بىئوخىمىيە… قاتارلىق بەزى كەسپلەر تېرورىزىمغا مەلۇم باغلىنىشى بار دەپ قارىلىپ، 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، بۇ كەسپ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە كىشىلەرگە بولغان تەكشۈرۈش، نازەرەتلەر كۈچەيتىلگەن ئىدى. ھازىر بىر ئاز پەسەيگەندەك قىلىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ كەسپلەردە ئوقۇۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار يۇرتىغا تۇققان يوقلاشقا بېرىپ، قايتىپ كېلىشىدە، ۋىزا ئېلىشى كۆپ قىيىنلىشىپ، ھەتتا 4-3 ئاي، بەزىلىرى 12-6 ئاي ساقلاپ قېلىپ، بۇ يەردىكى ئوقۇشى دەخلىگە ئۇچرىغان ۋاقىتلارمۇ بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلارغا بولغان ۋىزا سىياسىتىگە كەلسەك، ئامېرىكىنىڭ «ھەممەيلەنگە تەڭ پۇرسەت بېرىش ئۆلچىمى» بويىچە، ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارغا ۋىزىنى ئاسان بېرىدىغان ئېنىق بىر سىياسىتى يوق. ئۇيغۇرلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا ۋىزىدا رەت قىلىنشقا ئۇچرىغان ۋاقىتلىرىمۇ كۆپ بولغان.ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇش سىياسىتى خۇددى ئا ق ش پىرېزىدېنتى بۇش بۇرۇن شەرھىلەپ ئۆتكەندەك، مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان دىنىي ئۇرۇش بولماستىن، بىر سىياسىي، مەنپەت ئۇرۇشىدۇر. ئا ق ش مۇسۇلمان دۆلەتلەر بولغان ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ كارزاي ھۆكۈمىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار بىلەن يەنىلا يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياۋى تېرورىزىم، ئەل قايدە تەشكىلاتى ۋە بىن لادىن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوقلۇغىنى تولۇق چۈشەنگەن ئا ق ش ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىشىدا، ئۇيغۇرلارغا باشقا سۈنئى توساقلارنى پەيدا قىلمىغان. پەقەت ئۇيغۇرلارنى «نورمال، ئادەتتىكى» بىر جۇڭگو پۇقراسى دەپ قاراپ، باشقىلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلغان. مەن بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغاندا، «ئۆزەمنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق بىر ئىنسان» ئىكەنلىگىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ئۇيغۇرچە چىمەن دوپپا ۋە گۈللۈك كانۋاي كوينەك كىيىپ يۈز تۇرانە سۆزلىشىشكە باردىم. بىر ۋىزا ئەمەلدارى مېنىڭ قايسى مىللەت ئىكەنلىگىمنى، قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى، ئۆزىنىڭ ھەتتا قەشقەرگە ساياھەتكە بارغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈلگۈردى، لېكىن 15 مىنۇتلۇق جىددى سۇئال-سوراقتىن كېيىن رەت قىلىندىم. ئۇ ۋاقىتتا كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولغان ئىدى. كېيىن، 1 مىنۇتقا يەتمىگەن 2 سۇئال-سوراق ئارقىلىق ۋىزا ئالدىم. ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردىمۇ، ھەر مەۋسۈملۈك، يىللىق ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىغا ئىلتىماس قىلىش ۋاقتىدا، ئىلتىماس ماتىرياللىرغا «ئېتىقادىم ئىسلام دىنى، مەكتەپ مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى» دەپ تولدۇردۇم ۋە يازدىم. شۇنداقتىمۇ ھەر مەۋسۈم (بۇرۇنقى ئالغان تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىدىن سىرت) ئوقۇش مۇكاپات پۇللىرىغا ناھايىتى تېزلا ئېرىشىپ تۇردۇم. بۇ يەردە ھالقىلىق رول ئوينىغىنى مېنىڭ ئېتىقادىم، قاتناشقان ئۇيۇشمام مۇھىم بولماستىن، بەلكىم مېنىڭ دەرسلەردە ئالغان نەتىجىلىرىم مۇھىم رول ئوينىدى. شۇڭلاشقا، گېپىمنى خۇلاسە قىلسام، ۋىزا ئېلىش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىدا، ئا ق ش ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئېتىۋار قىلىپمۇ كەتمەيدۇ، ئۇيغۇرلارنى چەتكە قېقىپمۇ كەتمەيدۇ. باشقىلار بىلەن «ئوخشاش» مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا باشقىلارغا «ئوخشاش» پۇرسەت بېرىدۇ.
سۇئال: ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇش ئىشىدا، مەن مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى تەكشۈرسەم، ئۇ يەردىكى ئالى مەكتەپلەر 3000-2000 دىن ئاشىدىكەن، مېنىڭ كەسپىمدە ئاسپىرانت تەربىيەلەيدىغان مەكتەپلەرنىڭ سانىمۇ 1000 غا يېقىن ئىكەن. مۇۋاپىق مەكتەپ تاللاش ئىشىدا بېشىم بەك قېتىپ كەتتى، كۆرسەتمە بەرسىڭىز؟
جاۋاپ: دەسلەپكى قەدەمدە، مەكتەپلەرنى تاللاش ھەقىقەتەن مۇرەككەپ، تەس، قول تۇتىدىغان جاپالىق ئىش. بۇ قەدەمنى توغرا بېسىش سىزنىڭ كېيىنكى نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزغا ئىنتايىن كۆپ تەسىر قىلىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئەتراپلىق ئويلۇشۇش كېرەك
ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ۋە ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىسى
بۇ تەرەپلەردە باشقىلاردىن كۈچلۈك بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنى تاللىغىنىڭىز ياخشى. بولمىسا ئادەتتىكى بىر ئالى مەكتەپتە ئوقۇپ قېلىپ، بىلىم ئېلىش تەشنالىقىڭىز قانماسلىقى مۇمكىن؛ وتتۇرا ھال ياكى ئاجىزراق بولسىڭىز، ئەلۋەتتە ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرنى تاللىغىنىڭىز ئەۋزەل. داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا كىرىش ۋە مۇكاپات پۇلى ئېلىش رىقابىتى ئىنتايىن كەسكىن بولىدۇ. 10 دوكتۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئىشقا، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ھەتتا 1500 دىن ئارتۇق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماتىرياللىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى مۇمكىن. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، سىز بۇ ۋاقىتتا ئۆز ناھىيىڭىز ياكى ۋىلايەت تەۋەيىڭىز بويىچە ئەمەس، بەلكىم، پۈتۈن دۇنيا بويىچە رىقابەتكە چۈشىۋاتىسىز. بۇلارنىڭ ئارىسىدا، بېيجىڭ ئۇنۋېرىستېتى، چىڭخۇا ئۇنۋېرىستېتى، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرىستېتى قاتارلىق داڭلىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار
مەكتەپ جايلاشقان رايون، شەھەر
سىز ئىسسىقنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى سوغۇقنىمۇ؟ سۇ ئۈزۈشنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى تاغدا، قاردا چاڭغا تېيىلىشنىمۇ؟ ئادەم كۆپ، قىممەتچىلىك، قىستاڭچىلىق، مۇھىتى بۇلغانغان چوڭ شەھەرلەرنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى ئازادە، تېنچ، ياپ-يېشىللىق ئوتتۇرا-كىچىك شەھەرلەرنى ياخشى كۆرەمسىز؟ مەكتەپ تاللاشتا مۇشۇلارنىمۇ ئويلىشىش زۆرۈر
مەكتەپنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى
ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ ياكى شەخسلەر ئىگىلىكىدىكى مەكتەپ؟ يەھۇدىلارنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان مەكتەپ ياكى ئافرىقىلىق ئامېرىكىلىق (قارا تەنلىكلەر) نى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان مەكتەپ؟ ئوقۇتۇشنى ئاساس ئورۇنغا قويغان مەكتەپ ياكى پەن-تەتقىقاتنى ئاساس ئورۇنغا قويغان مەكتەپ؟ سانائەت ساھەسى، شىركەتلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار مەكتەپ ياكى ئالى مەكتەپ، تەتقىقات ئورۇنلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار مەكتەپ؟ كۈچلۈك خىرىستىيان دىنى تۈسىدىكى مەكتەپ ياكى ھىچ قانداق دىنى تۈس ئالمىغان مەكتەپ؟… مۇشۇلارنىمۇ ئويلىشىش زۆرۈر
ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى ساھەسىدە، ئاشۇ مەكتەپنىڭ ئاشۇ فاكۇلتېتى ۋە شۇ فاكۇلتېتتىكى پىروفېسسورلارنىڭ كەسپى سەۋىيىسى مەكتەپنىڭ ئومۇمى سەۋىيىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. بۇرۇنقى مۇناسىۋەتلىك تېمامدا، مەن ئامېرىكا ۋە دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان 6 مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدىم.بۇ 6 مەكتەپلەر دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مەكتەپلەر بولسىمۇ، (پەرىدە خېنىم ئوقۇماقچى بولغان) سىتاتىستىكا كەسپىدە، ئۇلار ئەڭ ئالدىدا ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ شىمالى كارولىنا شىتاتىدا «شىمالى كارولىنا شىتاتلىق ئۇنۋېرىستېت» نامىدا بىر ئالى مەكتەپ بار. ئۇنىڭ ئومۇمى دەرىجىسى ئامېرىكىدا ئالدىنقى 100 نىڭ ئىچىدىمۇ ئەمەسكەن. لېكىن ئۇنىڭ سىتاتىستىكا كەسپى پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن. سەۋەبى، ساس دەپ ئاتىلىدىغان دۇنياغا مەشھۇر سىتاتىستىكا يۇمشاق دېتالى مۇشۇ مەكتەپنىڭ سىتاتىستىكا فاكۇلتېتىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مەشغۇلات سېستىمىسى ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىدەمىكروسوفت پۈتۈن دۇنيانى مونوپول قىلىۋالغاندەك، سىتاتىستىكا ساھەسىدە، ساس پۈتۈن دۇنيانى مونوپول قىلىۋالغان. شۇڭا كەسپى ئاساسىڭىز بەك ياخشى بولسا ۋە ئۆز كەسپىڭىزنى قىزغىن سۆيسىڭىز، ئاشۇ ساھەدىكى داڭلىق پىروفېسسورلار بار مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇشنى ئويلىشىپ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ
بىز ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا يېقىن ئۆتۈپ، باردى-كەلدى قىلىشقا ئامراق خەلق. ئامېرىكىدا بايرام، دەم ئېلىش، تەتىللەرمۇ خېلە كۆپ بولۇپ، ئامېرىكىغا كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، غېرىپسىنىشقا باشلايسىز. شۇڭا ھېيىت-بايراملاردا ئەتراپىڭىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە دەم-ئېلىش، بايراملارنى ئۆتكۈزسىڭىز، جىددى ئوقۇش بېسىمى ئىچىدىن كۆڭلىڭىزمۇ كۆتۈرۈلۈپ، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققان، دوست-بۇرادەر، يۇرت-ۋەتەننى سېغىنىش ھىسسىياتىڭىزنى ئازدۇر-كۆپتۇر باسىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىرەر پائالىيەتلەرنى توپلىشىپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن. شۇڭا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايون-شەھەر ئەتراپىدىكى مەكتەپلەرنى ئويلۇشۇپ قويسىڭىزمۇ زىيىنى يوق. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئاساسەن، كولۇمبىيە ئالاھىدە رايونىدىكى پايتەخت ۋاشىڭتون شەھرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى بولغان مەرىلەند ، ۋىرجىنىيە شىتاتلىرى، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس ئانجېلېس شەھىرى، سان فرانسىسكو شەھىرى، تېكساس شىتاتىنىڭ خىيۇستۇن شەھىرى، نيۇ يورك شىتاتىنىڭ نيۇ يورك شەھىرى، ماسساچۇسسېتىس شىتاتىنىڭ بوستون شەھەرلىرىدە بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. يەنە بىر نۇقتا، بەزى چوڭ شەھەرلەر بەك قىممەتچىلىك بولۇپ، دەسلەپتە ئوقۇشقا كەلگەندە بۇ نۇقتىنى ئويلاشمايمۇ بولمايدۇ. مەن بۇرۇن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ لوس ئانجېلېس شەھرىگە ئوقۇشقا كېلىپ، ئۇ يەرنىڭ ئىقتىسادى بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، كېيىن ئوتتۇرا قىسىمدىكى بىر ئەرزانراق شەھەرگە يۆتكىلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغان
يەنە بىر مەسىلە، سىز ئامېرىكىغا كېلىپ ئوقۇشتا، ماگىستىر ئوقۇش بىلەن توختاپ قالامسىز ياكى دوكتۇرلۇقنى تاماملىغىچە ئوقۇمسىز بۇ مەسىلىمۇ مۇھىم. بەزى مەكتەپلەر پەقەت ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بېرەلەيدۇ، بەزىلىرى ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرەلەيدۇ. گەرچە ئاۋال ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ، دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن باشقا دوكتۇرلۇق مەكتەپلىرىگە يۆتكىلىش ئانچە تەس بولمىسىمۇ، ئارىلىقتا، يېڭىدىن ئىلتىماس قىلىش، ئوقۇش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆي-ياتاق كۆچۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئويلۇشۇپ قويۇڭ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ماگىستىرلىقنى ئۇلاپلا شۇ مەكتەپتە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا قارىغاندا يەنە بىر مەكتەپكە بېرىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن ۋاقىت سەل ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن بىر نۇقتا، ئامېرىكىدا مەكتەپلەر ئارا، فاكۇلتېتلار ئارا يۆتكىلىش بەك ئاسان. نىشان فاكۇلتېت، مەكتەپ سىزنى قوبۇل قىلسىلا، كېتىۋەرسىڭىز بولىدۇ
سۇئال: ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرى قانداق بولىدۇ؟
ئاۋال ئۆزىڭىز بېرىپ، ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەكتەپتىن 30-20 نى تاللاپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىملىرى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئالاقە قىلىسىز. مەكتەپنىڭ تورىدىكى ماتىرياللاردىن، ئۇ مەكتەپلەرنى تەتقىق قىلىسىز. توۋفول قاتارلىق ئىمتىھانلارغا قاتنىشىپ نەتىجە ئالىسىز. ۆزىڭىزنىڭ دىپلوم، باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋان كېنىشكىشى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىكى بارلىق نەتىجىلىرىڭىزنى، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە قىلىپ يېتەرلىك نۇسقا (بەلكىم، ھەر بىرىدىن كامىدا 10 نۇسقا) تەييارلايسىز. مەكتەپ تەرەپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئىلتىماس جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ (بۇ جەدۋەلنى توردا تېپىش مۇمكىن، ھەتتا توردا تولدۇرۇپلا ئەۋەتىش مۇمكىن)، 3-بۆلۈمدىكى ماتىرياللاردىن ھەر بىرىدىن بىر نۇسقا، 3 نەپەر پىروفېسسورىڭىزنىڭ سىزنى تونۇشتۇرۇپ يېزىپ بەرگەن خېت، ئىلتىماس قىلىش پۇلى قاتارلىقلارنى مەكتەپكە پوچتىدىن سالىسىز. (بۇنىڭ بەزىلىرىنى تور بىلەن ئەۋەتىش مۇمكىن.) ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش نەتىجىسىنى ساقلايسىز. قوبۇل قىلىنغان چاقىرىق بىلەن پاسپورت ئىشلىتىسىز. پاسپورت ۋە قوبۇل قىلىش چاقىرىقى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىسىز. يۇقۇرقى ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، ئاندىن ئامېرىكىغا سەپەر قىلىپ، ئوقۇشىڭىزنى باشلىيالايسىز
سۇئال: بۇ جەرياندا قانچىلىك چىقىم كېتىدۇ؟
توفول ياكى باشقا خەلقئارالىق ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن 2،000 يۈئەندىن كۆپرەك پۇل كېتىدۇ. بۇ ئىمتىھان ھەققى بۇ ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى 4-3 مەكتەپكە ئەۋەتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىمتىھانلارنىڭ كامىدا ئىككى تۈرىگە قاتنىشىش كېرەك. يەنە ھەر بىر ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرگە ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن تەخمىنەن 300 يۈئەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ. مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىرىگە تەخمىنەن 800-200 يۈئەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ. شۇنداقتا، تەخمىنەن 10 ئەتراپىدا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن 10،000 يۈئەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ
سۇئال: نىمە ئۈچۈن 10 ئەتراپىدا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىمىز؟ 1 مەكتەپكە ئىلتىماس قىلساق بولمامدۇ؟
ئامېرىكىنىڭ ئالى مائارىپىدا، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانلىرى ۋە قوبۇل قىلىش جەريانلىرىنى ھەر بىر مەكتەپ، ئايرىم-ئايرىم ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكىدەك مەركەزلىك، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش، قوبۇل قىلىش ئىشلىرى يوق. يەنى ھەر بىر مەكتەپ ئۆز ئىشلىرىغا ئۆزى ئىگە. شۇنداق بولغان ئىكەن، ھەر بىر مەكتەپكە ئايرىم-ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك. بەزىدە ھەممىسى قوبۇل قىلمايدىغان، بەزىدە ھەممىسى قوبۇل قىلمايدىغان، يەنە بەزىدە، بەزىلىرى قوبۇل قىلىپ، يەنە بەزىلىرى رەت قىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. سىز بىلەن تەڭ يەنە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن ئىلتىماس قىلىدىغانلار بار. بولۇپمۇ جۇڭگو ۋە ھىندىستاندىن ئەڭ كۆپ. مەكتەپلەرمۇ ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىشنى، سىزمۇ ئەڭ ياخشى مەكتەپلەرگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىسىز. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ، ئورتاق، بىر-بىرىنى تاللىشىدۇر. ناۋادا بىرلا مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسىڭىز، رەت قىلىنىپ كېتىش ئەھۋالى بولسا، شۇ يىللىق ئىلتىماسىڭىز مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. كۆپرەك مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىز، بىرسىدىن بولمىسا يەنە بىرسىدىن قوبۇل قىلىنىش ئېھتىماللىقى كۆپ يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە كۆپرەك مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسا ياخشى. لېكىن، ھەر بىر مەكتەپكە ئىلتىماس قىلسىڭىز، 1000 يۈئەن ئەتراپىدا چەقىم بولىدۇ. نەتىجىسى نىمە بولۇشتىن قەتئى نەزەر، بۇ پۇل قايتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، مۇۋاپىق ساندىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. ئادەتتە 15-5 ئىچىدە بولسا، مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. بەك ئاز بولۇپ قالسا، ئوقۇشقا بېرىش ئېھتىماللىقىڭىز كۆپ تۆۋەن بولۇپ قالىدۇ. بەۆ كۆپ بولۇپ كەتسە، سىزگە كۆپ ئىقتىسادى بېسىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

يازغۇچى : ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان بۈركۈت ئەپەندى مەنبەسى

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: