A turkology blog

ليۇخۇلەننى جۇڭگولۇقلار ئۆلتۈرگەن سەرلەۋھىلىك ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن غەلىتە بولۇپ قالغانتىم، تېخى ئۇنىڭدىن بۇرۇن «دوڭ سۈنرۈي كۆۋرۈك پارتىلاتمىدى» دىگەن ماقالە چىقتى. بۈگۈن قارىسام «گىتلېر ئارگېنتىنادا» دەپ تۇرىدۇ. ئەمدى بۇ ئىش نىمە بوپ كەتتى؟ ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا بىر شىركەتتە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا كەچتە دېرېكتور بىلەن بىرگە شىركەتتە قونۇپ قالدۇق، ئۇ ئوقۇۋاتقان بىر ژۇرنالغا كۆزۈم چۈشۈپ ئوقۇپ سالدىم، بولۇپمۇ «گىتلېر بىر ئايالكەن» دىگەن ماقالە كاللامدىن ئۆتمەيدۇ، تېخى پاكىتلىرى تولۇقكەن بۇ يازغۇچىنىڭ. ئاخبارات ۋاستىلىرى «ئۆلگىنى يالغان سادامكەن» دەپ خەۋەر بېسىپ باقتى
ليۇخۇلەن مەسلىسىگە كەلسەك، ئۇ جۇڭگونىڭ ئايال مىللىي قەھرىمانى، بۇنىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەمما ئۆتكەن يىلى بىرسى ئۆزىنىڭ بلوگىدا ( بۇ ئادەم ليۇخۇلەن بىلەن يۇرتداشكەن، بېيجىڭدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ پروففېسسورى) ليۇخۇلەننى جۇڭگولۇقلار ئۆزى ئۆلتۈرگەن، ئەينى چاغدا ياپونلار مىلتىق تەڭلەپ ليۇخۇلەننى جادوغا باسمىساڭ ئاتىمىز دەپ تەھدىد سالغان، ليۇخۇلەننى يۇرتداشلىرى ئۆزى جادۇغا بېسىپ ئۆلتۈرگەن. دەپ يېزىپتۇ
دوڭسۈنرۈينىڭ ئۆزىنى قۇربان قىلىپ بومبىنى قولى بىلەن تىرەپ تۇرۇپ كۆۋرۈك پارتىلىتىشتەك قەھرىمانلىق ھەركىتىنى بىر ژۇرنالدا ئۇ كۆۋرۈك پارتىلاتقاندا ھىچكىم كۆرمىگەن، ھىچقانداق گۇۋاھچى يوق. شۇڭلاشقا دوڭسۈنرۈي راست كۆۋرۈككە بومبىنى قولى بىلەن ترەپ پارتىلاتتىمۇ ياكى قېچىپ كېتىۋېتىپ ئۆلدىمۇ بىر نىمە دىگىلى بولمايدۇ دەپ يېزىپتۇ
توۋا، ئادەملەر ھە نىمە گەپلەرنى تاپىدۇ دىسە! بۇ ئادەملەر 50 يىلدىن بۇيان نىمە قىلغان بولغىيتتى. چاكىنىلىق قىلىڭ دىسە شۇنداقمۇ قىلامدۇ-ئەمدى؟ مۇشۇ گېزىت ژۇرنال دىگەننى تېڭىپ مۇشتەرى قىلمىسا ئالمايدۇ بىزنىڭ يۇرتتا، بىچارە گېزىت ژۇرناللار ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن خېلى گەپلەرنى دەپ باقىدىكەن. بىر گېزىتنىڭ نامىنى چىقىرىش ئۈچۈن يېرىم ئەسىردىن بۇيان ئاۋام ئېتراپ قىلغان قەھرىمانلارغا تىل – ھاقارەت قىلىشقا قانداق يۈزى چىدايدىغاندۇ؟ مانا ئەمدى گىتلېر ئارگېنتىنادا ئاخىرقى ئۆمرۈنى ئۆتكۈزۈپتىمىش، يازغۇچى دىگەنمۇ دەڭسەپ بېقىپ دىمەمدۇ بۇ گەپ دىگەننى. مەن تېخى ئېسىمدە شۇنداق چىڭ تۇرۇپتۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا «ك گ ب» نىڭ مەخپى ئامبىرىدا گىتلېرنىڭ كاللىسى بارلىقى ھەققىدە بىر ماقالە ئوقۇغان. ئەمدى ئۇ ئارگېنتىنادا بولۇپ چىقتا، تېخى تارىخ كىتاپتا ئۇنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان دەپ چىقىدۇ. مەنمۇ دەپ قوياي ئەمسە: گىتلېر ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن دەپ بىر ئارغامچىنى تورۇسقا باغلايدۇ، ۋە بوينىنى ئارغامچىغا كىرگۈزۈپ ئورۇندۇقنى تېپىۋېتىدۇ. جان چىقاي دەپ قالغاندا گۇم قىلغان پارتىلاش ئاۋازى بىلەن، تورۇس غۇلاپ چۈشىدۇ، گىتلېرمۇ ياغاچ-تاشلار ئارىسىدا قالىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ قاچىدۇ، موسكىۋاغا كەلگەندە بېشى چۈشۈپ قالىدۇ. بۇ باشنىڭ گىتلېرنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى تونۇغان ك گ ب جاسۇسلىرى دەرھال كرىملېن سارىيىغا ئاپرىىپ مەخپى ئامباردا ساقلايدۇ، بېشىدىن ئايرىلغان گىتلېر ئارگېنتىناغا قېچىپ بېرىپ،ئاخرىقى ئۆمرۈىنى ئۆتكۈزىدۇ. تامام

Advertisements

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: