A turkology blog

شىنخۇا تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە يەنە بىر ئۇيغۇر ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن، باڭكوكتا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى بوكس ماھىرلىرى سالاھىيەت مۇسابىقىسىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ماھىرى مەمەتتۇرسۇن چوڭ رەقىبىنى يېڭىپ، 64 كىلوگىراملىقلارنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئۈزۈپ چىقىپ، مۇشۇ تۈر بويىچە ئىككى كىشىگە بېرىلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيتىنىڭ بىرىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىككى ئۇيغۇر، بىر قازاق، بىر خەنزۇ بولۇپ 4 ماھىر ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قانىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، بۇلارنىڭ ئالدىنقى ئۈچى بوكس تۈرىدىن
ئاپتونوم رايونلۇق بوكس تەنھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئابلىكىم ئابدۇرېشىت ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېڭى ماھىرلىرىمىزدىن مەمەتتۇرسۇن چوڭ بىلەن نىجاتنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىلگىرىلىشى تېز بولدى، بۇ ئىككىيلەن، ئافىنا ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشقان كونا ماھىر قانات ئىسلام بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت ئىچىدىكى كۆپ قېتىملىق مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: