A turkology blog

توردا باشقىلارغا ئالدىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن دىققەت قىلىڭ. توردا ئادەم ئالداپ پۇل تېپىشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ كۆپكەن، مەن تۆۋەندە ئالدامچىلارنىڭ بىر قانچە ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي، بۇ ئەھۋاللار سىزگە ئۇچراپ قالسا ھەرگىز ئاۋارە بولۇپ يۈرمەڭ
1.توردا شاخلىتىپ سېتىش. پۇل تاپشۇرۇپ مەلۇم گۇرۇھقا قاتنىشىش، ئادەم تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق پۇل تېپىش، قانچە كۆپ ئادەمنى تونۇشتۇرسا شۇنچە كۆپ پۇل تېپىش. بۇ خىل پۇل تېپىش ئۇسۇلىنىڭ مەقسىدى مەھسۇلات سېتىپ پۇل تېپىش بولماستىن، ئەزالىق بەدەل پۇلى ئېلىپ پۇل تېپىشتۇر. بۇنداق شاخلىتىپ سېتىش ھازىر دورا ياكى گىرىم بويۇمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي يەنە كومپيوتېر، يانفون قاتارلىق ئىلىكترون ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىشقا قەدەر كېڭەيدى. مەسلەن: سىز مەلۇم بىر شىركەتكە ئەزا بولۇش ئۈچۈن 5000 يۈەن تاپشۇرۇشىڭىز كېرەك. كومپيوتېردىن بىرنى ساتسىڭىز 50 پېرسەنت مۇكاپات پۇلى ئالىسىز، سىزگە ئوخشاش مۇشۇ شىركەتتە كومپيوتېر ساتىدىغان ساتقۇچى خادىمدىن يەنە بىرنى تېپىپ كەلسىڭىز 2500 يۈەن مۇكاپات ئالىسىز دىگەندەك. بۇنداق ئۇسۇللار شاخلىتىپ سېتىش بولۇپ، دۆلىتمىزنىڭ قانۇنىغا خىلاپ
2.يۇقىرى باھادا يغىۋېلىش ئالدامچىلىقى. مەسلەن: مەلۇم ساھە ياكى مەلۇم خىل مەھسۇلاتنىڭ بازىرى بەك ياخشى، مۇشۇ خىل نەرسىنى ياساڭ دىگەندەك تەشۋىقات، بۇ نەرسىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن پۇل خەجلەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى سېتىۋېلىش كېرەك. سېتىۋالغاندىن كېيىن ئىشلىگەن مەھسۇلات ئۆلچەملىك ئەمەس دىگەندەك باھانىلار بىلەن رەت قىلىنىدۇ، ئەسلى مەقسەت مۇشۇ ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىنى سېتىش
3.ماكاپات ئالدامچىلىقى. ئەگەر سىزگە مۇكاپات چىقتى دەپ ئېلخەت كەلسە خۇش بولۇپ كەتمەڭ. ئۇلار سىزدىن پوچتا ھەققىي ياكى مۇكاپات بېجى دىگەندەكلەرنى ئالدىن ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن ئاندىن نەچچە تۈمەنلىك مۇكاپات سوممىسىنى سىزگە يوللايدىغانلىقىنى ئېيتىشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ھىلىسى تولا ھەتتا سىزنى نەچچە ئىشەندۈرۋېتىشى مۇمكىن، تېلفون قىلىپ بانكا ھېسابات نومۇرلىرىڭىزنى سورىشى مۇمكىن، بۇلارنىڭ ھەممىسى تاكتىكا، ئۇلارنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلغان پوچتا ھەققى گەرچە نەچچە ئون يۈەن بولسىمۇ بۇنداق خەت بەك كۆپ ئادەمگە يوللىنىدىغان بولغاچقا ھېسابلاپ كۆرۈڭ بىر مىليون ئادەم مۇشۇنداق خەت ئارقىلىق ئالدىنىپ قالسا ئوننەچچە مىليون يۈەن ئالداندى دىگەن گەپ
4.ئېلخەت يوللاپ-قوبۇل قىلىپ پۇل تېپىش ئالدامچىلىقى. ئەخلەت ئېلخەت يوللايسىز ياكى قوبۇل قىلىسىز، يوللىغان ياكى قوبۇل قىلغان ئەخلەت ئېلخەتلەرگە ئاساسەن پۇل تاپشۇرۋالىسىز، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئېلان شەكلى ھىچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلالمىغاندىن باشقا تاپقان پۇلىڭىز تور پۇلىنى تۆلەشكە يەتمەيدۇ، پەقەت ئېلان شىركىتى پۇل تاپىدۇ شۇ
5.ئۇلىنىش ياكى يۇمشاق دېتال ئالدامچىلىقى. مەلۇم خىل يۇمشاق دېتالنى قاچىلىسىڭىز پۇل بېرىمىز دەيدىغان ياكى باشقىلارغا قاچىلاتقۇزسىڭىز پۇل بېرىمىز دەيدىغان ئېلانلار، بۇ خىل يۇمشاق دېتال قاچىلىنىپ ئىجرا بولغاندىن كېيىن ئارقا سەھنىدە مەلۇم بىر مۇلازىمىتېرغا ئاپتوماتىك ئۇلىنىدۇ ۋە تورداشلارنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىدۇ. پائالىيىتڭىزنى كۆزىتىدۇ، ياكى سىزگە بەزى مەشغۇلاتلارنى مەجبۇرى قىلغۇزىدۇ
6.ئېلان تاياقچىسى ئالدامچىلىقى. بۇ خىلدىكى ئالدامچىلار سىزگە ئېلان چىقىپ تۇرىدىغان تاياقچىنى ( يۇمشاق دېتال) كومپيوتېرىڭىزغا قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، سىز قاچىلاپ ئىجرا قىلغاندىن كېيىن ئېلان كۆرۈنىدۇ، تورغا چىققاچ ئوقۇيسىز ۋە كۆرۈسىز. يەنە تېخى ئادەم تونۇشتۇرسىڭىز پۇل بېرىشى مۇمكىن، سىز ۋاقت ۋە زېھنىڭىزنى سەرپ قىلىپ كۆرگەن ئېلانلارغا بەرگەن ھەق ئوخشاشلا تور ھەققىغە يەتمەيدۇ
يەنە نۇرغۇنلىغان ئالدامچىلىق ۋاستىلىرى بولىشى مۇمكىن، ھەرھالدا پەخەس بولىشىمىز كېرەك

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: