A turkology blog

فرانسىيىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە تۈركولوگىيە ئۇزاق تارىخىي ئەنئەنىگە ئىگە. فرانسىيىدىكى دەسلەپكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتى 16 – ئەسىردىن باشلانغان. بۇ دەل لۇيى14 (1638-1715) تەختكە ئولتۇرغان ھەمدە «ياشلار تىلشۇناسلىق ئېقىمى» ۋۇجۇدقا چىققان ۋاقىتلار بولۇپ فرانسىيىدە تۈركىي تىللارغا قىزىقىدىغان، ھەم تۈركىي تىللارنى ھەقىقىي، پىششىق بىلىدىغان كىشىلەر پەيدا بولغان ۋاقىتلار ئىدى. 19 – ئەسىردىن بۇرۇن فرانسىيىنىڭ تۈركولوگىيىسى پەقەت ئوسمانلى تۈرك تىلىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىشى جەھەتتىكى تەتقىقات بىلەنلا چەكلەنگەن.1820- يىلىدىلا فرانسىيىنىڭ داڭلىق شەرقىشۇناسى ئابېل.رېمۇسات ئۆزىنىڭ «تاتار تىللىرى تەتقىقاتى – مانجۇر، موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت تىللىرى گرامماتىكىسى ۋە ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلغان ئىدى. ئەينى يىللاردا پارىژدا ئولتۇراقلاشقان ئەسلى گېرمان مىللىتىدىن بولغان ك.كلاپلوچ پارىژدا چىقارغان «قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل – يېزىقى تەتقىقاتى» ناملىق كىتابىدا پارىژدا ساقلانغان، مىڭ سۇلالىسى ئىشلەنگەن تۆت تىللىق، تەرجىمە مەھكىمىسىنىڭ كىتابى «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» بىلەن «ئىدىقۇت مەھكىمىسى يازمىلىرى»نى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ئەتراپلىق تەتقىق قىلغان، مەزكۇر كىتابتا ھازىرغىچە ئۆز قىممىتىنى يوقاتقىنى يوق. (1985 – يىلى پرافېسسو ۋ.سىچارلىپ مەزكۇر كىتابقا كىرىش سۆز قوشۇش ئارقىلىق قايتا نەشر قىلغان). 19 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا پائۇئېت.دې.كوئۇرتېللې بولس مەخسۇس يېقىنقى دەۋر ئۇيغۇرتىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇرتىلىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس بولۇپ تونۇلدى. ئۇ ئەلىشىر نەۋائىي قاتارلىق ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى دەۋر ئۇيغۇرتىلى شائىر ۋە ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرغان.1890 -دۇترۇيلىس.د.رخىنىس بىلەن ف.گېرىنارد باشچىلىقىدىكى «فرانسىيە ئېكسپىدىتسىيە ئەترىتى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ دوكلاتى»(بىرىنچى توپلام: ئارخېئولوگىي؛ ئىككىنچى توپلام: ئەدەبىيات، بىر بۆلۈكىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەشھۇر داستانلىرى تونۇشتۇرۇلغان. ئۈچىنچى توپلام: تارىخ. تاھازىرغىچە پايدىلىنىش قىممىتى بار.)يۇقىرىقىلاردىن كېيىن ئالدىنقى بىر ئەۋلاد ئالىملا بەرپا قىلغان تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى تەتقىق قىلىشنى ئەنئەنە قىلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق فرانسىيىنىڭ داڭلىق جۇڭگوشۇناسى، موڭغۇلشۇناس ۋە ئۇيغۇرشۇناسى پائۇل.پېللىئوت 1909 – يىللىرىدا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، شىمالى ۋە دۇنخۇاڭدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتىلا خەنزۇشۇناسلىق بىلەن ئۇيغۇرشۇناسلىققا زور تۆھپىلەر قوشۇلدى.20- ئەسىرنىڭ30- يىللىرى يەنى 1931 – يىلى ئۇ فرانسىيىنىڭ كىتروئېن ماشىنسازلىق زاۋۇتىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىغا قاراتقان ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى خىزمەتلىرىگە ماسلىشىپ «ئېگىزلىكتىكى ئاسىيا قىتئەسى» دېگەن دوكلاتىنى ئۇلارغا بەردى. 1931 – يىلى يەنە بۇ دوكلاتى پارىژدا نەشىردىن چىقتى. مەزكۇر كىتابتا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەم شىمالىنىڭ 2000 يىللىق تارىخى يۇقىرى دەرىجىدە، يۇقىرى سەۋىيىدە ئومۇمىي جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغان. مەزكۇر كىتابنىڭ ھازىرغىچە پايدىلىنىش قىممىتى بار. (مەزكۇر كىتابچە تەتقىقاتچى گىڭ شىڭ تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىد نەشىر قىلىنغان «مىللەتلەر تارىخىغا دائىر تەرجىمىلەر توپلىمى» ناملىق مەجمۇئەنىڭ 6 – قىسمىد 1978 – يىلى نەشىردىن چىققان)بۇندىن سىرت ئۇ يەنە قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى داڭلىق ئەسەر «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى» ۋە «ئوغۇزنامە»نى تەتقىق قىلغان.بۇ جەرياندا تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقى ساھەسىدىكى ھىندى – ياۋرۇپا سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق نەزەرىيىلىرىنى ئەندىزە قىلىپ تەرققىي قىلغان تۈركىي تىللار سېلىشتۇرما تەتقىقاتى ژان.دېنىدەك ئادەملەرنى تۈركىي تىللار تەتقىقاتىنىڭ پېشۋاسىغا ئايلاندۇردى. ئۇ مۇشۇ ئەمگەكلىرىنىڭ بەدىلىگە پارىژ شەرق تىللىرى ئىنىستېتۇتىنىڭ مۇدىرى بولدى. ئۇ گەرچە باشقا تۈركولوگلاردەك بولۇپمۇ سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تۈركولوگلىرى، ئۇيغۇرشۇناسلىرىدەك ھازىرقى ئۇيغۇرتىلى ۋە تەڭرىتاغنى جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن 20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا نەشىردىن چىققان »تۈرك تىلى گرامماتىكىسى«نىڭ چاغاتاي ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇشى بىلەن ھازىرقى ئۇيغۇرتىلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتى بار.دېنى بىلەن پېئىلىئوت بولسا يېقىنقى دەۋر فرانسىيىدىكى تۈركولوگىيىنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىرىدۇر. ئۇلار ئوخشاشلا بىلىمى تېرەن بولغان مول – ھوسۇللۇق ئالىملاردۇر. ئۇلارغا كۆپ دۆلەتلەردىن تەربىيىلىنىش ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلا كەلگەن. كېيىن پېللىئوتنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ فرانسىي ئىنىستېتۇتى ئوتتورا ئاسىيا لېكسىيىچىلىرىنىڭ تۈرىدىكى پروفېسسوى بولغان ل.خامېس 20 – ئەسىرنىڭ 70 – يىللىرىدىن كېيىن باش تۈزگۈچى بولۇپ مەخسۇس خەنزۇچە يېزىقتىكى ۋە فرانسوز يېزىقىدىكى كىتاب نامى بىلەن نەشىردىن چىقارغان «قۇرىغان» (فرانسوزچە نامى LASie Centrale) ناملىق زور ھەجىمدىكى كىتابىدۇر. كىتابدا رەسىم ۋە فوتو سۈرەتلەر بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىملىنىڭ قەدىمكى تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تىل – ئەدەبىياتى تونۇشتۇرۇلغان. بۇ يەردە يەنە س.لېۋى فېللىئوسات ۋە ج.پىنائۇلت قاتارلىقلارنىڭ «توخرى تىلى» (ئاگنى – كۈسەن تىلى) تەتقىقاتىغا قوشقان تۆھپىسىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئەمدى بىز فرانسىيىنىڭ ھازىرقى زامان تۈركولوگىيىسى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.فرانسىيىدىكى ئەڭ قەدىمكى تۈركولوگىي تەتقىقات – ئوقۇتۇش ئورنى بولسا دۆلەتلىك ھازىرقى زامان شەرق تىللىرى ئىنىستېتۇتىدىكى تۈركى تىللار ئوقۇتۇش – تەتقىقات ئىشخانىسى. دەسلەپكى مەسئۇلى پرافېسسور ژان.دېنى بولغان.1950 -يىللاردىن باشلاپ فرانسىيىدىكى ئالىي تەتقىقات ئىنىستېتۇتى (بۇ ئورۇن سوبۇننې ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدا، لېكىن شتاتى جەھەتتىن پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئايرىۋېتىلگەن)تۆتىنچى گۇرۇپپىسى تۈركىي مىللەتلەر تارىخى ۋە تىل – ئەدەبىياتى ئورنىنى تەشكىللىگەن بولۇپ بۇ ئورۇننىڭ تەتقىقات تېمىسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئورخۇن – يېنسەي دەرياسىنىڭ يۇقىرىقى ئېقىمدىكى قەدىمكى تۈركلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ تاشلىرى ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان قوليازمىلار ئاساسىدا بولغان.دۆلەتلىك پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئورنىمۇ داڭلىق تۈركولوگىيە مەركىزىدۇر. مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ كۇتۇبخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان تۈركولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك پايدىلىنىش قىممىتى بار كىتابلار 12000دىن ئاشىدۇ. بۇندىن سىرت بۇ يەردە يەنە ژان دېنى ۋەسىيەت قىلىپ قالدۇرغان كىتابلارمۇ بار. مەزكۇر تەتقىقات ئورنى ئوقۇتۇش بىلەنلا شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئورنى بولۇپلا قالماستىن يەنە فرانسىي دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان تەتقىقات ئورگىنىدۇر.پارىژدىن باشقا يەنە ئىككى ئورۇند تۈركولوگىي ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىرسى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەيىكسىن – پروۋنسىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا، يەنە بىرسى ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدا.تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى جەھەتتە بىز چوقۇم فرانسىي دۆلەتلىك پەن – تەتقىقات ئورنى (C.N.R.S)نى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئاپپاراتلار تارمىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنى ئىلگىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار زېمىندا ش.ئۇ.ئا.ر.ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى بىلەن زىچ ھەمكارلاشقان ھەمدە تارىم ئويمانلىقىدا قېزىلما قازغان. بۇندىن سىرت مەزكۇر مەركەزگە قاراشلىق دۇنخۇاڭ تەتقىقات ئورنىدىكى جامېس خامىلتون مەخسۇس قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى، ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ژان.پائۇل.روئۇكس ئەپەندى مەخسۇس تۈركىي مىللەتلەر قەدىمكى دىن تارىخى مۇتەخەسسىسى بولۇپلا قالماي، يەنە مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ – مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان زىيالىي. پ.ن.پوراتوۋ بولسا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەلئارالىق( 民间 )ئەدەبىياتى ۋە ئاممىباب ئەدەبىياتنىڭ مۇتەخەسسىسى. بۇ يەردە يەنە ل.بازىن ئەپەندىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسىنىڭ «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ مۇزىكىلىق تەتقىقاتى» ھەققىدىكى ئەمگىكىنىمۇ تىلغا ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.
ئومۇمەن، فرانسىينىڭ تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ھەرقايسى جەھەتلەرنى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىشكە باشلىدى. تەتقىقاتتىكى كۆلەم پۈتكۈل تۈركولوگىي ساھەسىگە كېڭىيىپ بولدى. بۇ يەردە يەنە ئرېنە مېلوكوف خانىمنىڭ تەشەببۇسى ۋە ستراسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە فرانسىيە دۆلەتلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ مەخسۇس تۈركولوگىيىسىگە مۇناسىۋەتلىك «تۈركولوگىيە» (Turcica) مەجمۇئەسسىنى چىقىرىپ، 2005 – يىلغىچە 30نەچچە توم تارقىتىپ بولغان جۇڭگولۇق ئۇيغۇرشۇناس گىڭ شىمىن ئەپەندىمۇ مەزكۇر مەجمۇئەنىڭ 1980 – يىللىق دەسلەپكى سانىد «قەدىمكى ئۇيغۇر تىل – يېزىقىدىكى ئىدىقوت تۆھپە مەڭگۈ تېشى ھەققىدە تەتقىقات» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلغان.
تۆۋەندە فرانسىيىدىكى بىۋاسىتە ئۇيغۇرتىل – ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈچ مۆھتىرەم زات ھەققىدە توختىلىمىز:ل.بازىن: پروفېسسور ل.بازىن ئۇزاق مۇددەت فرانسىيە تۈركولوگىي ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، فرانسىيە ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، مەملىكەتلىك شەرق تىللىرى − مەدەنىيىتى ئىنىستېتۇتىنىڭ (بايا دەپ ئۆتكەن ھازىرقى زامان شەرق تىللىرى ئىنسىتېتۇتى) پەخرىي پروفېسسورى، فرانسىيە جۇڭگو دوستلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئۇزۇن ئىشلىگەن. ل.بازىن 1920 – يىلى 12 – ئاينىڭ 29 – كۈنى فرانسىيىنىڭ كائىن دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. مەملىكەتلىك شەرق ھازىرقى زامان تىللىرى ئىنىستېتۇتى ئىچىدە پروفېسسور دىنىدىن كېيىن تۈركىي تىللار ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1942 – يىلى فرانسىيە مەملىكەتلىك شەرق ھازىرقى زامان تىللىرى ئىنىستېتۇتى ئىچىدە پروفېسسور دېنىدىن كېيىن پۈتتۈرگەندىن كېيىن فرانسىيە دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىكى تەرىپىدىن تۈركىيىنىڭ ئەينى چاغدىكى پايتەختى ئەنقەرەگە بېرىپ خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەن. 1948 – يىلى فرانسىيىگە قايتقان. دۆلىتىگە قايتقاندىن كېيىن فرانسىيە شەرق تىللىرى ئىنسىتۇتىنىڭ تۈركىي تىللار پروفېسسورى بولغان. ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دېنىنىڭ دەرس مۇنبىرىگە ۋارىسلىق قىلغان. 1990 – يىلى شۇ خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشقا چىققان.
پروفېسسور ل.بازىننىڭ تەتقىقاتى بىر ئۆمۈرلۈك ھەم مول. تۈركولوگىيەنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ دۆلەتلىك دوكتورلۇق (Doctorletat) دېسسىرتاتسىيىسى «قەدىمكى تۈركلەرنىڭ تەقۋىم – كالېندارچىلىقى تەتقىقاتى» نۇرغۇنلىغان مول ماتېرىياللارنى ۋە دەلىل ئىسپاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەزكۇر ئەسەردە كۆپلىگەن قەدىمكى تۈرك – رونىك يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ماتېرىياللار بار. مەزكۇر دېسسىرتاتسىيە 1972 – يىلى پارىژ ئۈچىنچىسى ئۇنىۋېرسىتېتىدىكىلەر تەرىپىدىن تەستىقلانغان، بېسىپ چىقىرىلغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا تارقىتىلغان. مەزكۇر ئەسەر 1991 – يىلى ۋىنگىرچە نەشرى700بەتلىك ل.بازىن ئەپەندى تۈرك تەقۋىم ئاساسىدىكى جۇڭگو تەقۋىم – كالېندارچىلىقىنىڭ تەسىرى بىلەن تۇرغۇزۇلغان دەپ قارايدۇ. ھەمدە ئىلگىرىكى تۈركولوگلانىڭ 12 مۈچەلنى قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ئىجادىيىتى دېگەنلىكىنى تەنقىد قىلىدۇ. بۇندىن سىرت1989- يىلى خامىلتون تەھرىرلىكىدە ئۇنىڭ ماقالىلەر توپلىمى «تۈركلەر، خەت ۋە ئادەم»نەشىردىن چىققان. مەزكۇر توپلامغا ئۇنىڭ ئاساسلىق ماقالىسىدىن 50 پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرشۇناسلىققا، ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) «چىننامە»دىكى ئىككى مىسرا ھۇن شېئىرى ھەققىدە قىياس؛ (2) دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان تۈرك – رونىك يېزىقىدىكى ئىرق پۈتۈك تەتقىقاتى (3) قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسترونومىيىسى ھەققىدە تەتقىقات (4) «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»نىڭ كىتاب بولۇپ پۈتۈلۈشنىڭ يىللىرى ھەققىدە ئۇيغۇرخانلىقى دەۋرىدىكى سۇجى مەڭگۈ تېشى ھققىدە تەتقىقات قاتارلىقلار. ئەپسۇس، بۇ توپلامغا بەزى مۇھىم ئىلمىي ماقالىلىرى كىرگۈزۈلمىگەن. ئۇلار: 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى ئېلان قىلىنغان. »توبا تىلى تەتقىقاتى«، »قەدىمكى تۈرك تىلىدىكى مەڭگۈ تاشلار« ناملىق ئىلمىي ماقالە 2006 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى خەنزۇچە نەشىر قىلغان. گىڭ شىمىن يازغان «قەدىمكى تۈرك – رونىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلا تەتقىقاتى» ناملىق كىتابقا ل.بازىننىڭ رۇخسىتى بىلەن كىرگۈزۈلگەن.ر.گرائۇد: تەتقىقاتچى ر.گىرائۇد كېيىنكى تۈرك قاغاناتى تارىخى ۋە تونيۇقۇق مەڭگۈ تېشى تەتقىقاتى بىلەن دۇنيا ئىلىم ساھەسىگە تونۇلغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوۋياڭشىيەن (欧阳玄نىڭ) «گۈيجەي توپلىمى، سېلىنگا فامىلىلىك جەمەت شەجەرىسى»گە ئاساسلانغاندا تۇنيۇقۇق ئۇيغۇرلارنىڭ سېلىنگا جەمەتىنىڭ ئەجدادى ئىكەن. شۇڭا تەتقىقاتچى گېڭ شىمىنمۇ ر.گىرائۇدنى تۇنيۇقۇق تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر فامىلە – تەگات تەتقىقاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكنى كۆزدە تۇتۇپ فىرانسىيىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلار قاتارىغا كىرگۈزگەن. گىرائۇد ئەپەندى 1906 – يىلى 8 – ئاينىڭ29- كۈنى ئالجىرىيەدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئىلىم تەھسىلى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى فرانسىيە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەىكىتىگە قاتناشقانلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا 1944 – يىلى فرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكىمىتى ئۇى چەتئەلگە مەدەنىيەت خىزمىتىگە ئەۋەتكەن. ئۇنىڭغا خىزمەت ئوبېكتىنى تاللاش پۇرسىتى كەلگەن چاغدا ئۇ ئككىلەنمەي ئەنقەرەنى تاللىغان. چۈنكى ئاتا تۈرك مۇستافا كەمالىنىڭ ئىنقىلابى بىلن يېڭىلانغان تۈركىيە ئۇنى جەلپ قىلغان.
ر.گىرائۇد ئالدى بىلەن ئەرە تىل ئىنىستىتۇتىنىڭ فىرانسوز تىلى ئوقۇتۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئۇندىن كېيىن ئۇ ئەنقەرە شەھىرىدىكى سىياسى ئىنىستىتۇتىنىڭ فىرانسوز تىلى پروفېسسورى بولۇپ تۈركىيەدە 18 يىل تۇرۇپ، 1962 – يىلى فرانسىيەگە قايتقان. شۇ مەزگىلدە ئۇ تۈركىيە تۈرك تىلى ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتىغا بەكمۇ بېرىلگەن. تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا بەكمۇ قىزىقىپ بۇ ساھەگە كىرىشىپ بۇ جەھەتتە بەلگىلىك چوڭقۇرلىغان. بۇ چاغلاردا ئۇ فرانسىيىدىكى تۈكولوگ ژان . دېنى بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ پەن -تەتقىقات جەھەتتىكى يېتەكلىشىنى قوبۇلغان.ر. گىرائۇد لاتىن تىلى ۋە فرانسوز تىلى ۋەفرانسوز تىلى تىلشۇناسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىخىي تىلشۇناسلىقىن چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ھەم چۈشەنگەن.ئۇ تۈركىيە تۈرك تىلىنىڭ تارىخىغا بەكمۇ قىزىققاچقا، بەلكىم ل. بازىننىڭ تەسىرىدە 1945 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە 1945 – يىلى ئورخون – يېنسەي ۋادىسىنىڭ بايىنچوكتو دېگەن يېرىدىن تېپىلغان تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنى تەتقىق قىلىشتىن تەتقىقاتىنى باشلىغان. مەزكۇر مەڭگۈ تاش ئايرىم – ئايرىم ئككى پارچە تاشقا پۈتۈلگەن. تەخمىنەن مىلادىي 725- يىلى تۇنيۇقۇقنىڭ مۇشۇ يىلدا80ياشلىق ھاياتىنى، تۈرك خاقانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولۇش ئۆمۈر بايانىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. تونيۇقۇق ئككىنچى تۈرۈك خاقانلىقىنىڭ (مىلادىيە 680 – يىلىدىن باشلاپ قۇرۇلغان )ئېلتەرىش، قاپاغاندىن ئىبارەت ئككى خاقاننىڭ ھەربىي قوماندانى، ئۈچىنچى ئەۋلاد بىلگە قاغاننىڭ قېينىئاتىسى بولۇپ، جۇڭگوداتەربىيە كۆرگەن. مەزكۇ تاشپۈتۈكنىڭ تىلىدا ساىتىلىق يوق، تاشپۈتۈكنىڭ باش قەھرىمانى خاقانلىقنىڭ كۈچتۈڭگۈرى بولغانلىقتىن ر. گىرائۇدنىڭ دىققىتىنى بەكمۇ تارتقان گىرائۇد12 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ مەزكۇر مڭگۈ تاشنى ئىنچىكە، تەپسىلىيى تەتقىق قىلغان. گەرچە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى بۇرۇن ۋە تومسېن ۋە ۋ. رادلوۋ تەرىپىدىن قەغەز يۈ زىگە چۈشۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ گەرچە ۋ. تومسېن بىلەن ۋ. رادلوۋ پېشقدەم تورركولوگلار بولسىمۇ، تۈر كولوگىينىڭ پېشۋالىرى بولسىمۇ لېكىن قەدىمكى تۈركىي تىللار ھەققىدە سېستېمىلىق بىلىمىگە ئىگە ئەمەس ئىدى. ئۇلار تەتقىقاتنى باشلىغان مەزگىللەردە تېخى بۈيۈكلۈك ئۇيغۇر تىلشۇناسى مىھمۇد كاشغارىنىڭ 11 – ئەسىر خاقانىيە تۈركچىسى ۋە ئۇنىڭ شېۋېلىرىگە بېغىشلىغان ئەسرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۇرك » بايقالمىغان ئىدى. شۇڭا ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى بەلگىلىك چەكلىمىلىككەئىگەئىدى. شۇڭا. ر. گىرائۇد تۇنيۇقۇق مەڭگۈتېشىنىڭ فوتو نۇسخىسى ۋە ئەسلىسىگە تا يىنىپ مەزكۇر مەڭگۈ تاشنى قايتىدىن تەتقىق قىلغان. فىلانىدىيە ئالىمى پ . ئا ئالتۇن 1958 – يىلى «مۇڭغۇلىيەدىكى قەدىمكى تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىنىڭ تىل – يېزىق تەتقىقاتى »دېگەن، ئىچىگە بىر قەدەر ئېنىق بولغان فوتوسۈرەتلەر كىرگۈزۈلگەن كىتابى نەشىردىن چىقشىبىلن ر. گىرائۇدنىڭ تەتقىقات ئەسىرى تاماملانغان ۋە قايتا ئىشلىتىلگەن.
گەرچە كۆپلىگەن ماددى قىيىنچىلىقلار بولسىمۇ 1957 – يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇنلار ر. گىرائۇد تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ تەتقىقات خىزمىتىنى 1958 – يىلى دوكتۇرلۇق دېسسىتاتسىيسى ھالىتىدە يورۇققا چىقارغان. مەتبەئە قىيىنچىلىقى تۈپەيلىدىن ر.گرائۇدنىڭ ئىككى كىتابنىڭ نەشىرىدىن چىقىش ئككى ئۈچ يىل كېچىككەن. بۇ ئىككى مەخسۇس ئەسەرنىڭ بىرى «تۈرك خانلىقى – ئېلتەرىش، مويۇنچۇر ۋە بىلگە قاغان ھۆكۈمرانلىق دەۋرى » (086 – 437 – يىللىرى )، (پارىژ 0691 – يىلى نەشىرى )، «بايىنچۇقتۇ مەڭگۈ تېشى – سېلىشتۇرما، ئىزاھلىما نۇسخىسى» ( پارىژ 1691 – يىلى ) ر. گىرائۇد مەزكۇر ئىككى پارچە كىتابىدا قەدمكى تۈركلەر، ۋە ئۇلارنىڭ مەڭگۈ تاشلىق ھۆجەتلىرىگە قارىتا كۆپلىگەن تارىخ ۋە تىلشۇناسلىق مەسىلىلىرى قايتىدىن تەتقىق قىلىنغان ئەلۋەتتە. ر.گىرائۇدنىڭ تەتققىقاتىدىمۇ بەزى سەۋەنلىكلەر ۋە خاتالىقلار بار. بۇندىن سىرىت پايدىلانمىلارنىڭ ئاز بولوپ قېلىشى تەتقىقات خىز مىتىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇكى، بۇندىن كېيىن تۈركولوگىيە ۋە ئۇيغۇر شۇناسلىق بىلەن شۇغۇللىدىغانلار ر. گىرائۇدنىڭ تەتقىقاتىدىن ئەگىپ كېتەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ بەزى مۇھىم مەسىلىلەرنى ئۇ دەسلەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇپ بەلگىلىك ۋەزىندىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك خۇلاسە چىقارغان. ر.گىرائۇد بىرىنچى بولۇپ تونيۇقۇق مەڭگۈتېشىنىڭ مۇئەللىپىنىڭ ناھايىتى مۇكەممەل چىڭ ئىملا قائىدىسى بىلەن مەزكۇر مەڭگۈ تاشنىڭ پۈتكەنلىكىنى ئوتۇرىغا قويغان. ئۇ قەيت قىلغان مۇكەممەل چىڭ ئىملاقائىدىسى تا ھازىرغىچە تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىنىڭ مەناسى بېكىتىلمەيۋاتقان سۆز، جۈمللىرىنىڭ مەناسىنى بېكىتىشتە ۋەئىلگىرى خاتا كەتكەن يەرلىرىنى تۈزىتىشتە ئاساس بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ر. گىرائۇدنىڭ ئەمگىكى تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى بىلەنلا ئەمەس باشقا مەڭگۈ تاشلارنىڭ تىل – يېزىقى ساھەسىگەتەدبىقلىئوكيان نىدۇ. 1962 -يىلى ر. گىرائۇد فرانسىيىگە قايتقاندىن كېيىن سىترائۇسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىدا تۈركولوگىيە ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1964 – يىلى ئۇ مەزكۇر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تۈركولوگىيە ئوقۇتۇش – تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇسىترا ئۇسبۇرگ ئۇنۋېرسىتىدا تۈركولوگىيە تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشقا ئاساس سالىدۇ. ر. گىرائۇد 1968 – يىلى 5 – ئايدا ۋاپات بولغان. 
خامىلتون. پرفېسسور خامىلتون فىرانسىيەنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر شۇناسى. ئۇ 2003 – يىلى 5 – ئاينىڭ 29 – كۈنى پارىژدا ۋاپات بولغان. ئەسلى 1921- يىلى 3 – ئاينىڭ 14 -كۈنى ئامرىكا كانساس شىتاتىنىڭ توپكا شەھىرىدە ئاددىيى بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقىتلىرىدا بولۇپمۇ 1929 – 1932، -يىللىرى ئامرىكا ئىقتىسادىيى بوھران ھەۋرىدە بولغاچقا ئۇ بەكمۇ جاپا تارتقان. 9391 – يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى تۈگەندىن كېيىن 1491 – يىلغچە كانساس شىتاتىنڭ لاۋرىنسىيى شۆبىسىدە قۇرۇلۇش تېخنىلوگىيىسى كەسپىدە ئوقىغان. 1941 – يىلى تىنچ ئوكيان ئۇرۇش يەنى پىيوررىلخاربور ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن قەلەمنى تاشلاپ ئەلەم بىلەن شۇغۇللانغان ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىگە قاتناشقان. 1942 – يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە، ئىستامبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىلىرىدا خىزمەت قىلغان. ھەم دېڭىز ئارمىيىسى ئوفېتسىرى بولغان. بۇ جەرياندا ئۇ تۈركىي تىللاردىن تۈركىيە تۈرك تىلى بىلەن ئۇچراشقان. 1945 – يىلى ئامېرىكىغا قايتقان. 1946 – يىلى ياپون تىلى ئۆگىنىشكە ئالمىشىپ1947- يىلىغىچە ياپونىيىدە خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى پارلامېنتى CIBillofRights قانۇن لاھىيەسىنى يۈرگۈزگەنلىكتىن زور تۈركۈم ئەسكەرلەر ھەربىي سەپتىن ئالىي مەكتەپكە كىرگەچكە ئوقۇغۇچىلار پارتلاش خاراكتېرلىك كۆپىيىپ ئوقۇتۇش سۈپىتى بىراقلا تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇنىڭغا نارازى بولغان خامىلتون ئاتا – ئانىسىنىڭ فرانسىيە مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ تەسىرىدە فرانسىيىنىڭ پارىژغا قايتىپ ئىلىم تەھسىل قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن. 1946-،1947يىللىرى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن. 1949 – يىلى 1951 – يىللىرى پارىژ ھازىرقى زامان شەرق تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەنزۇ، ياپون ۋە تۈركىي تىللارنى ئۆگەنگەن. 1951 – يىلى فرانسىيەنىڭ داڭلىق جۇڭگوشۇناسى ۋە بۇدداشۇناسى پ.دېمىيېۋىللىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1954 – يىلى «بەش دەۋر قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخى» ناملىق دوكتورلۇق دېسسىرتاتسىيەسىنى ياقلىغان. مەزكۇر ئەسەر 1955 – يىلى نەشىر قىلىنغان. (مەزكۇر ئەسەر 1988 – يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنىدىكى گىڭ شىڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ نەشىردىن چىققان. ئۇيغۇرچە تەرجىماندىن) 1971 -يىلى ئۇ يەنە «دۈنخۇاڭ نۇسخىسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىدا پۈتۈلگەن ياخشى، ياۋۇز ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى ناملىق» ئىلمىي ئەسىرى بىلەن فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى بولغان (مەزكۇر ئەسەر ئىككى قېتىم تۈركىيىدە ھازىرقى تۈرك تىلىدا نەشىردىن چىققان) 1983 – يىلى «دۈنخۇاڭنىڭ 9 – 10 − ئەسەرلىرىدىكى ئۇيغۇرچە يازمىلار تەتقىقاتى» (ئىككى توم) ناملىق ئەسىرى بىلەن فرانسىيە دۆلەت دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1990 – يىلى خامىلتون ئەنگىلىيىلىك ن سىمىس – ۋىللىئامىس بىلەن ھەمكارلىشىپ «دۈنخۇاڭنىڭ تۈركچە سوغىچە ۋەسىقىلىرى» ناملىق كىتابىنى نەشىردىن چىقارغان.پروفېسسور خامىلتون 1955 – يىلىدىن باشلاپ فرانسىيە پەن – تەتقىقات مەركىزىدە ( C.N.R.S ) (يەنى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى دېسەكمۇ بولىدۇ) خىزمەت قىلىشقا باشلاپ ياردەمچى تەتقىقاتچى، تەتقىقاتچى، تەتقىقات ئىشخانا باشلىقى بولغان. خامىلتون بىر ئۆمۈر فرانسىيە مەدەنىيىتىنى ياخشى كۆرگەچكە فرانسوزچە سۆزلەشنىمۇ ياخشى كۆرگەن. ئۇنىڭ زور كۆپچىلىك ئىلمىي ئەسەرلىرى دېگۈدەك فرانسوز تىلىدا يېزىلغان. پۈتۈن ئۆمرىدە ئۆيلەنمىگەن. ئۇ 1974 – يىلى فرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىگە ھەقىقىي كىرگەن. 1989 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن يەنىلا قەلەمنى تاشلىمىغان. 1981 – يىلى خامىلتون، ئۇيغۇرشۇناس گىڭ شىمىن بىلەن ھەمكارلىشىپ «ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىدىقوت خانلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى تەتقىقاتى» ناملىق ئەسەرنى فرانسىيەنىڭ «تۈركولوگىيە» مەجمۇئەسىنىڭ 1981 – يىلى 13 – سانىدا ئېلان قىلغان. 2003 – يىلى 5 – ئاينىڭ29- كۈنى خامىلتون پارىژدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ ۋاپاتى دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن زور يوقىلىش ھېسابلىنىدۇ. 2002 – يىلى كۈزدە گېرمانىيىنىڭ بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «تۇرپانغا قايتا سەپەر يىپەك يولى مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ يۈز يىللىقى» خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۇ يېزىپ قالدۇرغان «تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان بۇددا دىنىدىكى ياغاچ تاختاⅢ تەتقىقاتى» ناملىق مەخسۇس دوكلاتى ھەرقايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.
خامىلتوننىڭ تەتقىقات ئۇسلۇبى فرانسىيىلىك جۇڭگوشۇناس ۋە ئوتتۇرا ئاسىياشۇناسلىقنىڭ پېشۋاسى پائۇل.پېللىئوتنىڭكىگە ئوخشايدۇ. ماقالىلىرىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىللەر بەزىدە ماقالە تېكىستىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. دەلىل – ئىسپاتلىرى تولۇق، مول، چوڭقۇر ھەم ئىنچىكە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇ ئۆمرىدە مەخسۇس ئەسەرلەردىن باشقا نەچچە ئونلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئاساسلىق ماقالىلىرىدىن «توققۇز ئوغۇز» ۋە «ئون ئۇيغۇر»نى تەتقىق قىلغان. 九姓 (ئەسلىدە توققۇز ئوغۇز )مەناسى توققۇز فامىلە، توققۇز جەمەت( يەنى «ئوغۇز» (فامىلە، جەمەت) دېگەن سۆز ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى «توققۇز»نىڭ سۆز ئاخىرىدىكى «Z»نىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان تەقلىدلىك ئاسسىمىلاتسىيە بولۇپ «ئوغۇز»غا ئۆزگىرىپ قالغان. بۇ نۇقتا خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردىكى مەزمۇنلارغا ماس كېلىدۇ. خەنزۇچە تارىخىي كىتابلاردا 九姓 ۋە 九姓铁勒 دېگەن ئىبارىلەر ئۇچرايدۇ. لېكىن 九(姓)乌古斯 ئۇچرىمايدۇ. تۈرك – رۇنىك يېزىقىدىكى »توققۇز ئوغۇز« ئەمەلىيەتتە 九姓铁勒 ياكى 勒铁姓九نىڭ ئۆزىدۇر. ئۇيغۇرلار بولسا، يەنى خەنزۇچە مەنبەلەردىكى 回纥ياكى 回鹘بولسا شۇ 九姓铁نىڭ بىرسىدۇر. قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئۆزلىرىنى «ئون ئۇيغۇر»دەپ ئاتىغان. بۇلاردىن سىرت ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «تۈرك – رۇنىك يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاشلاردىكى K.C.V دېگەن يەر نامى ھەققىدە ئىزدىنىش» ناملىق ماقالىسىدە قەدىمكى تۈرك – رۇنىك يېزىقىدىكى «بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى»نىڭ شەرقىي جەنۇبى بۆلىكىدىكى K.C.V دېگەن ئۇزاق مۇددەتكىچە يېشىلمىگەن يەر نامىنىڭ ئوقۇلۇشىنىڭ «KACTV» بولىدىغانلىقىنى بۇ نامنىڭ قەدىمكى خەنزۇتىلىدا 姑藏 ھەم 凉州 دەپ ئاتالغانلىقىنى، بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋىي شەھىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان. خامىلتوننىڭ يەنە باشقا مۇھىم ئەسەرلىرى:«دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئەركانى ۋە قەغەز يۆگەلمىلىرى تەتقىقاتى» توئۇڭپاۋ ( 46 . 1958 – يىلى)، «تۇرپان يارغول خارابىسىدىن تېپىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى يەر ئىجارە كېلىشىمى تەتقىقاتى» («تۈركولوگىيە» 1969 – يىلى 1 – سان) «ۋاتىكان شەھەر دۆلىتى قامۇسىنىڭ سۈرىيە يېزىقىدىكى تۈرك تىلى نىستورې دىنى ئىپسكوپنىڭ تامغىسى تەتقىقاتى»(ئاسىياشۇناسلىق ژۇرنىلى 260/1972 – يىلى)، «دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە ۋە تۈركچە – رۇنىكچە يېزىقتىكى يازمىلار ھەققىدە تەتقىقات» (باشقىلار بىلەن يازغان) «تۈركولوگىيە» 279 – 4 -سان(، «قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى ئىرق پۈتۈك تىل يېزىقىدىكى قۇتلۇق ئۇلا مەڭگۈ تېشى تەتقىقاتى» (باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشقان. ئاسىياشۇناسلىق ژۇرنىلى 1975 – يىلى) «قەدىمكى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى چومۇللار قەبىلىسى تەتقىقاتى» (ئاسىياشۇناسلىق تەتقىقاتى 1977 – يىلى\ 562)؛ «ئىرق پۈتۈك»نىڭ ئىككىنچى بۆلىكى تەتقىقاتى« (پ.ن.بوراتوۋنىڭ تۇغۇلغان كۈن خاتىرىسى ماقالىلەر توپلىمى. 1978 – يىلى پارىژ)؛ «815 – ۋە 1001 – يىللاردىكى ئۇدۇن خانلىرى جەمەتىنىڭ تەتقىقاتى» («دۈنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتىⅡ»1977 -يىلى پارىژ)؛ «تۈرك مەڭگۈ تاشلىرىدىكى قودۇز سۆزى ھەققىدە» (باشقىلار بىلەن ھەمكارلاشقان( «تۈركولوگىيە» 1979 – يىلى 11 – سان.)، «دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان تۈركچە يازمىلار» («ئاسىياشۇناسلىق»( ژۇرنىلى 1981 – يىلى 269)؛ «9-10 – ئەسىردىكى ئۇدۇننىڭ يىلنامەشۇناسلىقى» («دۈنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتىⅢ» 1984 – يىلى پارىژ)؛ «قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى «شەلى» ۋە «تۈتۈڭ» سۆزلىرى ھەققىدە« («ئاسىياشۇناسلىق» ژۇرنىلى 1984 – يىلى 272)؛ («دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى – يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر ھەققىدە ئومۇمىي بايان»(پارىژ سىنگېر پولىگىناك فوندى تەشكىللىگەن «دۈنخۇاڭ تام رەسىملىرى ۋە يازمىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ماقالىلىرى توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن 1984 – يىلى)؛ «موڭغۇلىيەدىن بايقالغان ئۈچ خىل نۇسخىدىكى قارابالغا سۇن مەڭگۈ تېشى تەتقىقاتى» («فرانسىيە – ياپونىيە ئاسىيا ۋەسىقىلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى »ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. توكيو 1990 – يىلى)؛ «دۈنخۇاڭ، پېللىئوت، ئۇيغۇر، 16 – نومۇر»دەپ تىزىملانغان« قوليازما ھەققىدە ئىزدىنىش» (ئىتالىيە، A.كادوننا پرافېسسور چاقىرغان «يىپەك يولى مەدەنىيىتى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ماقالىلىرى توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن. فىرېنزې. 1992 – يىلى)؛ «988 – 989 -، 1003 – يىللاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مانى دىنى تەقۋىم – كالېندارچىلىقى كىتابى ھەققىدە» («ل.بازىننىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن. «تۈركولوگىيە» ژۇرنىلىنىڭ 1992 – يىلقى 9 – سانىدىمۇ بېسىلغان)؛ «دۈنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ يىل ئايرىملىرى ھەققىدە» («تۇرپان، ئۈدۈن ۋە دۇنخۇاڭ خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن 1962 – يىلى. بېرن)؛ «تۈركلەرنىڭ ئېتنىك مەنبەسى توغرىسىدا» («تۈركولوگىيە»ژۇرنىلى 1998 – يىلى 30 – سان.)
ئاخىرىدا تەكىتلەپ قويىدىغىنىم: 2001 – يىلى پروفېسسور ئا.ئوئۇئىس ۋە پېتىر.زلېتسېنىڭ تەھرىرلىكىدە ئۇنىڭ 80 ياشقا تولغانلىقىنى قۇتلۇقلاش ئۈچۈن ئىشلەنگەن ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى «دۈنخۇاڭدىن ئىستامبۇلغىچە – خامىلتونغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى» (بىلگىيە برېپولس نەشرىياتى نەشىر قىلدى)غا 12 پارچە ئىلمىي ماقالە كىرگۈزۈلگەن. (ئىچىدە مېنىڭ «جۇڭگودىكى تۇۋاتىلى تەتقىقاتى» ناملىق كىچىكرەك ئىلمىي ماقالەممۇ بار).(مەزكۇر ماقالە «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»(پەلسەپە ئىجتىمائىي پەن قىسمى)نىڭ خەنزۇچە 2006 – يىللىق 1 – سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. تىلماچ: يۈسۈپ ئىگەمبەردى ( قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستېتۇتى تىل فاكۇلتېتىدا)
– يازغۇچى : گىڭ شىمىن (مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇرتىلى – مەدەنىيىتى ئىنىستېتۇتى پروفېسسورى، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى، ئۇيغۇرشۇناس)
– مەنبەسى : كروران ژۇرنىلى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: