A turkology blog

يۇقىرى نەتىجىلىك ئىگىلىك يارىتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس، ئەمما ھەر بىر سودىگەرنىڭ ئارزۇسى شۇ ! يېقىندا بەزى مۇۋەپپىقىيەت قازانغان سودىگەرلەرنىڭ ھېكايسىنى ئوقۇدۇم، ۋە بىر قىسىم ئەسقاتىدىغان تەجىربىلىرىنى يىغىنچاقلىدىم، سودا قىلغان ئادەم دىققەت بىلەن كۆرۈشكە ئەرزىيدىغان جەۋھەرلەر ئىكەن.
1. يىراقنى كۆرىدىغان كۆز بولۇشى كېرەك، غايە بولۇشى كېرەك: مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئادەملەر تولا چۈش كۆرىدۇ. چۈش كۆرەلەيدىغان ئادەملەر كەلگۈسىدىكى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى كۆرەلەيدىغان ئادەملەردۇر. كۆپلىگەن ئادەملەر قىيىنچىلىق ۋە خەتەرنى ئالدىن بايقايدۇ ياكى پەرەز قىلىدۇ، ئۇلار كۆز ئالدىدىكى ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرنى كۆرۈپ ئارقىغا نەچچە قەدەم چېكىنىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلار مەغلۇپ بولغۇچىلاردۇر. پەقەت ئاز بىر قىسىم ئادەملەرلا خەتەر ئىچىدىن پۇرسەتنى كۆرۈپ يېتىدۇ ۋە مەبلەغ سالىدۇ، ئىش باشلايدۇ، تىرىشىدۇ ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.
2. خېرىدار بىلەن دوست بولۇش كېرەك: خېرىدار دىگەن ئىش ئوقەتنىڭ يىلتىزى، خېرىدار بولمىسا سودا بولمايدۇ. خېرىدارنىڭ نەدىلىكىنى بىلسەڭ، خېرىدارنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلسەڭ، قاچان ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلسەڭ، سىنىڭ خېرىدارنىڭ قەلبىدىكى ئورنۇڭنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلسەڭ قانداق قىلىپ مەھسۇلاتنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئىسلاھ قىلىشنى بىلىسەن. ئىش ئوقەتنى قانداق قىلىپ خېرىدارغا ماسلاشتۇرۇشنى ئۆگىنىسەن. سودىگەرنىڭ خېرىدار دوستى پىيازنىڭ پوستى ئەمەس. خېرىدار بىلەن مال سېتىۋېلىش ئۈچۈن يالغان دوست ئەمەس چىن قەلپتىن دوست بولۇش كېرەك، خېرىدار سەندىن مەھسۇلات سېتىۋالدىمۇ، ئۇ سېنى ،سېنىڭ شىركىتىڭنى قوللىغان ئەڭ ياخشى دوستۇڭدۇر. دوستۇڭ بولغان خېرىدار مەڭگۈ ساڭا تەۋە خېرىداردۇر.
3. ئادەم ئىشلىتىشتە كەڭ قورساق بولۇش كېرەك: ئىقتىدارى بار ھەم ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ ئىچكى قىسىمغا قوشۇۋېلىش كېرەك. ئۇنىڭغا ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش كېرەك، قول ئاستىڭىزدىكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيتى سىزنىڭمۇ يېرىم مۇۋەپپەقىيىتىڭىزدۇر.
4. كەسپ ئەھلىدىن ئۆگىنىشنى توختاتماڭ: ئۇيغۇرلاردا چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار دەيدىغان گەپ بار. غوجامنىڭ غورىسى چامغۇرنىڭ ئورىسى بار دەيدىغان تەمسىلمۇ بار. سىز ھەرقانچە باي بولۇڭ، ياكى ھەرقانچە چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى بولۇڭ ئوخشاش تۈردە سىزدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ياكى سىزدىن تەجىربىلىك ئادەملەر بار. ھىچقاچان مەغلۇپ بولمايمەن دەيدىكەنسىز رىقابەتكە تولغان بۈگۈنكى كۈندە ھىچقاچان ئۆگىنىشنى توختاتسىڭىز بولمايدۇ! سىز دىگەن بىر سودىگەر.
5. مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىقنى ياخشى ساقلاش كېرەك: پۇل ياكى ئەقىل چىقىرالايدىغان ئادەملەر بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىش كېرەك. سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا ئون يارماق بار، بۇنىڭ بىلەن سودا قىلغىلى بولمايدۇ، ئەمما ئون يارمىقى بار ئون ئادەمدە يۈز يارماق بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر كىچىك ئىشنى باشلاش مۇمكىن. بەزىلەرنىڭ پۇلى يوق، ئەمما سودا قىلىشتا ئېپى سىزدىن ياخشى، بەزىلەرنىڭ ئەقلى يوق، ئەمما ئاتا-ئانىسى باي بولغاچقا مەبلەغ چىقىرالايدۇ. شۇڭلاشقا ئەقىل چىقىرالايدىغانلارنىڭ ئەقلى بىلەن، پۇل چىقىرالايدىغانلارنىڭ پۇلى بىلەن ھەمكارلىشىش ئامال بار ئىشەنچىلىك ھەمكارچىلارنى كۆپەيتىش كېرەك، سودا دىگەن قانچە چوڭ بولسا شۇنچە ياخشى. مۇھەممەد ئەلەيھىسالام: بىردىن ئىككى ياخشى، ئىككىدىن ئۈچ ياخشى، ئۈچتىن تۆت ياخشى – دىگەن. پۇلى يوق ئادەم بىلەن شېرىكلەشمەسلىك ئەقىللىق سودىگەرنىڭ قىلىقى ئەمەس. پويىزغا قاراپ بېقىڭ، پاراۋۇز بېشىنىڭلا ماتورى بار، ئەمما يۈك كۆتىرەلمەيدۇ، ۋاگوننىڭ ماتورى يوق، ئەمما يۈك كۆتۈرەلەيدۇ، پۇلى يوق بولسا ئەقلى بولسىمۇ مەيلى. سودىنى تېخىمۇ چوڭ، تورنى تېخىمۇ كەڭ ياياي دېسىڭىز ھەمكارلىشىڭ.
6. پىلانمۇ، ئۈنۈممۇ بولىشى كېرەك: بۇ يەردە دىمەكچى بولغان پىلان ستراتىگىيە ياكى تاكتىكا دەيلى. سىزدە ياكى شىرىكلىرىڭىزدە ھەم تاكتىكا ھەم ئۈنۈم بولىشى كېرەك. بۇ ئىككىسى تەڭ بولمىسا سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ئەمەس، توغرا يول بىلەن پىلان تۈزۈش، تاكتىكىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش كېرەك. ئەگەر ھىچقانداق تاكتىكا ئىشلەتمەي مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ قالسىڭىز پەقەت تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلگەن بولىدۇ، بۇ خۇددى ئاتا-ئانىسىدىن مىراس تاپشۇرىۋالغاندەك ئىش، سىز مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ئەمەس. تەلەي ھەر قېتىم بوسۇغىڭىزغا كېلىپ سىزنى ساقلاپ تۇرمايدۇ. پىلان بىلەن ئۈنۈمنىڭ جىپىسلىشىشى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت تولىمۇ چىرايلىق ھاسىل بولىدۇ.
سودا باشقۇرۇش بىر خىل سەنئەت ياكى پەن. ئۇنى پەن دەپ قارىساق سۈپەت ۋە ھەرقايسى ھالقىلارنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنى سەنئەت دەپ قارىساق خىزمەتچىلەر ۋە خېرىدار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىش كېرەك.
پىلان بىلەن ئۈنۈمنى جىپىسلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئىشقا دىققەت قىلىڭ:
خىزمەتچىلەرگە خاتىرجەم خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىڭ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى خىزمەت تاپماق ھەرقانچە تەس بولۇپ كەتسىمۇ خىزمەتچىلەر سىزنىڭ پۇلىڭىزغا سېتىلغان قۇللار ئەمەس، ئۇلار بولمىسا سىزمۇ، شىركىتىڭىزمۇ بولمايدۇ، ئۇلار بولمىسا سىزدىكى پۇلمۇ بولمايدۇ، ئۇلارمۇ سىزگە ئوخشاشلا ئادەم، ئۆتنە ئالەم بۇ!
بىر نەچچە يىل بۇرۇن مەلۇم رايوندىكى بىر توپ تارقىتىش ۋە يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتكە باردىم، ئۇلار مېنىڭ چەتئەل تىلى سەۋىيەم ۋە گەپ سۆزلىرىمگە بىر قۇر نەزەر سالغاندىن كېيىن ئەتىسى ئەتىگەندىن باشلاپ ئىشقا چۈشسەم بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مەن سورىدىم « ھەپتىدە قانچە كۈن دەم ئالىمەن؟» دېرىكتور دېدى: « دەم ئېلىش ئاساسەن يوق ئۇكام، ئەمدى پەۋقۇللادە ئىشىڭىز چىقىپ قالسا رۇخسەت سورىسىڭىز بولىدۇ، قاراپ بېقىڭ، مۇشۇ يەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى دەم ئالمايدۇ، ئايدا بىرەر قېتىم رۇخسەت سورىسا بېرىمىز.» بۇ قانداق گەپ بوپ كەتتى ئەمدى، دەم ئالمىسا ئادەم ئىشلەۋېرىدىغان ئىشەك بولمىسا يا ! ئۇندا ئويلىنىپ، بۇندا ئويلىنىپ ئۇ جايغا بارمىدىم، ئەتىسى تېلفون قىپتۇ، دەپ ئېلىش ئىشىڭىزنى بىز ئويلىشىلى كېلىڭ دەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ھىچقايسىسى دەم ئالماي مەن يالغۇز دەم ئالسام ھەرقانچە ئويلاشقان تەغدىردىمۇ ماڭا سەل غەلىتە قارايدىغان بوپ قالىدۇ-دە. يەنىلا سەل كەڭ قورساق ئانچە مۇنچە پۇل كۆرگەن شىركەتتە ئىشلەي جۇمۇ ! – دەپ بارماي قويدۇم.
دەم ئالدۇرماسلىق يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، خىزمەتچىلەرنىڭ ئەڭ سەگەك ۋاقتىدا ئىشلىتىش، ئۇلارغا مۇۋاپىق دەم ئېلىش پۇرسىتى بېرىش كېرەك. ئۇلار خىزمەت ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن رازى بولسۇن، مۇمكىن بولسا ئۇلاردىن مۇشۇ ھەقتە پىكىر ئېلىش كېرەك. گېرمانىيە ئالىملىرى مۇنداق بىر تەجىربە ئىشلىگەن. بىر ئىشچى مەلۇم بىر ئىشنى دەم ئالماي قىلغاندا 7 سائەتتە تولۇق تۈگەتكەن، ئۇ ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىم دەپ ئېلىپ قىلغاندا 5 سائەتتە تۈگەتكەن. ئەمەليەتتە دەم ئېلىپ قىلغاندا بۇ ئىشچىنىڭ ئىشنى تۈگىتىشىگە ئاران 3 سائەتلا ۋاقت كەتكەن. دەم ئالمىغاندا 7 سائەت كەتكەنگە قارىغاندا تولىمۇ ئۈنۈملۈك ئەمەسمۇ. بىر ئىشچىنى ئون سائەت دەم ئالدۇرماي ئىشلىتىپ 2000 سوم بەرگەندىن كۈنىگە بەش سائەت ئىشلىتىپ 1000 سوم ئىشچىغا نىسبەتەن بەرىبىر ،ئەمما سىز ئىشچىنىڭ چارچىمىغان ۋاقتىدا ئىشلارنى پۇختا قىلغۇزىۋالىسىز.
ئەلۋەتتە شىركەت باشقۇرۇشنىڭ ئېپى يالغۇز بۇلا ئەمەستۇ، بۇ ھەقتىكى ئېسل ماقالىلار داۋاملىق يوللىندۇ. بۇ ماقالىنى يېزىشتا پايدىلانغان ماتېرىيال: ئامېرىكىدا چىقىدىغان «سودا ھەپتىلىگى» ژۇرنىلى

جاۋاب يېزىش

Fill in your details below or click an icon to log in:

WordPress.com Logo

You are commenting using your WordPress.com account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Twitter picture

You are commenting using your Twitter account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

فەيسبۇك سۈرىتى

You are commenting using your Facebook account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Google+ photo

You are commenting using your Google+ account. Log Out / ئۆزگەرتىش )

Connecting to %s

%d bloggers like this: